باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-15
890 ئېلان ھەمكارلىقىغا تىزىملىتىش ئۇسۇلى - [بىلوگ بىلىملىرى]
ئىككى كۈندىن بويان 890 ئېلان ھەمكارلىقى بېكەت سېستىمىسىنى يېڭىلاش سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلاندى . شۇڭا ئىلگىرى 890 ئېلانلىرىنى قويغان بارلىق بېكەت ھەم بىلوگلارنىڭ ئېلان ئورنىدا ئەسلىدىكى ئېلان يوق ياكى id خاتا ، قايتىدىن تىزىملىتىڭ دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى . مەنمۇ ئېلگىرى باشقىلارنىڭ ئېلانىنى بۆلۈپ قۇيۇپ قويغان بولغاچقا بىلوگىمدا شۇنداق ئۇچۇر كۆرۈنىۋېلىپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇردى ، تۈنۈگۈن چۈشىتن كىيىن ئۇلارنىڭ بېتىگە نۇرمال چىققىلى بولغاندا كىرىپ قارىسام ئەسلىدىكى ئەزالىق ئۇچۇرلىرى يوق ، ئامالسىز قايتىدىن تىزىملىتىپ باقتىم . تىزىملىتىش بېتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئەڭ ئاۋال جەزىملەشتۈرۈش(تەكشۈرۈش ) تۈرى قۇشۇلغانكەن . تۆۋەندە مەن تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن :(بۇ جايدىن كىرىپ تىزىملىتىشنى باشلاڭ)
1. بېكەت ، بىلوگ ئادرىسىنى تولدۇرۇش .
2. جەزىملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللاش - بۇجايدا ئىككى خىل جەزىملەشتۈرۈش ئۇسۇلى بۇلۇپ ، بىرىنجىسى ھۆججەت بىلەن جەزىملەشتۈرۈش ( پېقىر بۇ ئۇسۇلنى بىرقەدەر تەس دەپ قارىغاچقا ، بۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن ) ، ئىككىنجى خىلى بولسا HTML标ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈش بۇلۇپ ، بۇ ئۇسۇل بىرقەدەر ئاددى ، بۇلۇپمۇ بلوگلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ ، شۇڭا مەن ئىككىنجى خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئۇسۇل - ئاۋال ئىككىنجى خىل جەزىملەشتۈرۈش دىگەننى تاللىغاندىن كىين ، بىر ئاددى كود چىقىدۇ ، سىز بۇ كودنى كۆچۈرۈپ ، بىلوگنىڭ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ ، بىلوگ تەڭشەش تۈرىنىڭ ئاساسى تەڭشەكنى基础设置 ئېچىپ 自定义header ئىچىگە كۆچۈرگەن كودنى چاپلاپ جەزىملەشتۈرۈڭ ، ئاندىن 890 ئېلان ھەمكارلىقى تىزىملىتىش بېتىدىن جەزىملەشتۈرۈشنى تاماملاش دىگەننى باسسىڭىز تەخمىنەن 5 سىكونىتلاردا جەزىملەشتۈرۈش تاماملاندى دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ .ئاندىن سىز خاتىرجەم ھالدا بىلوگىڭىزنىڭ نامىنى ، ئەنگە ئېلىش نۇمۇرىنى ( بولمىسا يازمىسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ ) ، بېكەت ئالاھىدىلىكىنى ، تۈرىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەم دىگەننى باسسىڭىز .
3- قەدەم :- ئەزالىق ئۇچۇرلىرنى تەپسىلى تولدۇرۇش بېتى ( بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بۇلار )
4- قەدەم :- ئېلان تاللاش ۋە كودقا ئېرىشىش( بۇمۇ ناھايتى ئاددى )
5- قەدەم :- كودنى بىلوگقا ئورۇنلاشتۇرۇش( بۇنىڭدا بۈركۈت بىلوگىدىكى بۇ تىمىنى ئوقۇسىڭىزلا تامامەن قىلالايسىز)قىلادىڭىزمۇ يا ؟ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
评论