:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2010-10-25

    تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1) - [توردىن پايدىلىنىش]

    ئىلاۋە : Windows XP ئادەتتە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ،% 20 كەڭ بەلۋاغ ئېقىم مەنبەسىنى كونتىرۇل قىلىۋالىدۇ . ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ بىر ئىسراپچىلىق ، قىممەتلىك كەڭ بەلۋاغ ئېقىمىنى بېكارلا ئىسراپ قىلۋەتكەنلىك خالاس . ئۇنداقتا بۇ % 20 مەنبەنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بۇلامدۇ ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ . بۇ تىمىدا تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش بويىچە % 20 لىك تور ئېقىم چەكلىمىسىنى قايتۇرىۋېلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز .
    ھەممىمىزگە مەلۇم ، كەڭ بەلباغ بولسا ، ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئىشلىتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتا بىلەن ئەڭ تۆۋەن چاستوتىنىڭ ئارىسىدا بۇلىدۇ . بىز بىلىمىزكى يول قانچە كەڭرى بولسا ، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ . تور ئۇچۇرلىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتىنى قاتناش ئېقىمىغا ئوخشاتساق ، ئۇنداقتا كەڭ بەلۋاغ دەل يولنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا Windows XP نىڭ ئەسلى تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىپ ، % 20لىك كەڭ بەلۋاغنىڭ يۇشۇرۇن رولىدىن تولۇق پايدىلانغاندىلا ، ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىدىكى تور سۈرئىتىگە ئېرىشەلەيمىز .
    Windows XP نىڭ بۇخىل تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .( بۇ ئۇسۇل پەقەت Windows XP نىڭ كەسپى نۇسخىسىدا ئىشلەيدۇ ، ئائىلە نۇسخىسى ۋە vista دا بولسا ، بۇخىل تەڭشەكنى گۇرۇپ ئستىرادىگىيىسى 组策略نى تولۇقلاپ قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ، بۇنى بىز ئايرىم تىمىدا سۆزلەيمىز .)
    1. باشلاش تىزىملىكىدىن _قوزغاش 运行 گە كىرىپ ، gpedit.msc نى يېزىپ ئېجرا قىلىمىز .
    2.  گۇرۇپ ئستىرادىگىيىسى组策略 ئېچىلغاندىن كىيىن ، ئىچىدىن كومپىيۇتېر تەڭشىكى计算机配置 گە كىرىمىز .
    3.تەرتىپ بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسى管理模板 -تور 网络 -سانلىق مەلۇمات ئورالمىسىنى تەكشەش سېستىمىسىQos数据包调度程序 گە كىرىمىز .
    4. ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەك ئىچىدىن ساقلانما كەڭ بەلۋاغ چەكلىمىسى 限制保留宽带 نىڭ خاسلىق تۈرىگە كىرىپ قارايدىغان بولساق ، 20% كەڭ بەلۋاغ چەكلىمىسى بارلىقىنى كۆرىمىز ، ئۇنى 0 گە ياكى 5 كە ئۆزگەرتىپ ، ئۈستىدىكى تاللاش تۈرىدىن قوزغىتىلدى 已启用 نى تاللاپ مۇقىملىۋەتسەكلا ئىش پۈتىدۇ . 





    评论

  • ئەمما مەن ip ئادىرىسىڭىزغا قارىسام بىر قېتىم ئىشلەتكىنىڭىزگە يەنە بىر قېتم ئىشلەتكىنىڭىز ئوخشىمايدىكەن . قارىغاندا باش ئاپىراتتا ئادىرىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بار ئىكەن .
    ئەلقۇت回复سەيياھ يازمىسى说:
    بەلكىم ، لىكىن مەن ئۇنداق ئادرىسنى ئۆزگەرتىدىغان دېتاللارنى ئىشلەيمەيمەن ئەزەلدىن ...
    2010-10-28 10:31:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دىققەت قىلسان سىز ھەرقېتم تورغا چىققاندا ئوخشىمىغان ip ئادىرىسىنى ئىشلىتىدىكەنسزى ، سىز قايسى يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىۋاتىسىز ، مەنمۇ سىناپ باقاي دىگەن !!
    ئەلقۇت回复سەيياھ يازمىسى说:
    ئۇنداق ئەمەسقۇ ؟ مەن ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېردا تورغا چىقىمەن . بىر كەڭ بەلباغنى بىر روتىر ئارقلىق 4 كە بۆلۈپ چىقىمىز . ipئادرىسقا قارتا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باقمىدۇق . سىز قايسى خىل ئەھۋالنى دەيسىزكىن ؟
    2010-10-27 10:06:16
  • مەنمۇ تەڭشىۋالدىم !!
    ئەلقۇت回复karwanlar说:
    سىزگە ئازراق پايدىسى تەگكەنلا بولسا ، بىز شۇنىڭدىن خوشالمىز !
    2010-10-25 20:11:46

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]