باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-10
alimama دىن ئەمدى ئۈمىد كۈتمەڭ - [توردىن پايدىلىنىش]
ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە ( مەنمۇ يېڭى ئۆگەنچە بولغاچقىمىكىن ) توردا ئېلان چىكىپ پۇل تېپىش دىگەن گەپلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى ئاستىدا ، گوگىلدىن ئېلان ئالالمىغاندىكىن ( ئېنگىلىسچىنى بىلمەيمىز ئەمەسمۇ ) ، تىلىنى ئانچە- مۇنچە بولسىمۇ بىلىدىغان بولغاندىكىن دەپ ئالىمۇمايدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىپ ، تەستىقلىشىغا تەلمۈرۈپ يۈرۈپتىكەنمىز .. ( دەرۋەقە ، دەسلەپكى مەزگىلدە يامان ئەمەس ئىدى ، دەسلەپكى ئايدىكى ئېلان كىرىمى 100 يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇپ ، مىنى خېلىلا خوش قىلىۋەتكەن ....) لىكىن يېقىنقى ۋاقىتتىن بويان ( دىيارىمىزدىكى تور ئەسلىگە كەلگەندىن بويان ) تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى ... يېقىنقى بىر قانچە ئايدا كۈندىلىك زىيارەت مېقدارى 1000غا چىشلىشىپ ماڭسىمۇ ، ھېچقانچىلىك كىرىم يوق ....
تازا دېققەت قىلىپ قارىسام ئەسلىدە ئىلگىرىكى چېكىلىشىگە ۋە زىيارەت مېقدارىغا قاراپ پۇل ھېساپلاش پۈتۈنلەيلا ، پۈتۈشۈشكە ( ئۈنىمىگە ) قاراپ پۇل ھېساپلاشقا ئۆزگىرىپ كەتكەندەك قىلىدۇ . ھەپتىدىن بويان ، كۈنىگە نەچچە ئون قېتىمدىن ( ئەلۋەتتە كوكىسنى تازلاپ ، ئېلانىمنى توڭلىتىۋەتسىمۇ مەيلىلا دەپ _) چېكىۋەردىم ، ئىلگىرى بۇنداق ئەھۋال بايقالغان ھامانلا ، ھېساباتىمىز سولاقخانىغا چۈشەتتى ( پېچەتلىنەتتى ) ، لىكىن بىر ھەپتە بولدى نورمال ، لىكىن مىنىڭ كۈتكىنىمدەك كىرىممۇ يوق ...ئالىمۇماينىڭ بېتىگە ، مۇنازىرىسىگە چىقىپ قارىسام ، ئېلاننىڭ باھا ھېساپلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق يازما ، ئەسكەرتىش يوق .... شۇڭا بۈگۈن ئۇسلۇپنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە بۇ ئالىمۇماينىڭ بارلىق ئېلانلىرىنى ئېلىۋەتتىم ..بولدىلا ، ئۇزۈم پىش ، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرمايلىلا ، بۇنىڭ ئورنىدا ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ، ئەمگەكلىرىنى تەشۋىق قىلىپ بەرسەك ، بىزنى ھېچكىم يامان دىمەس ..
قېنى سىلەر قانداق قارايسىلەركىن ؟ قاچانغۇچە تۇخۇم تۇغمايدىغان توخۇغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمىز ؟! بۈگۈندىن باشلاپ ، باغۋەنلەر خاتىرسى ھەقسىز ئېلان قۇبۇل قىلىدۇ .......تەپسىلاتىنى بۇ تىما ئاستىغا قالدۇرۇڭ ....
评论