:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2010-10-11

    بېلگايتىسنىڭ ئون جۈملە سۆزى - [سۆزۈم بار]

     بېلگايتىسنىڭ بۇ ئون جۈملە سۆزى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا بۇرلۇش ھاسىل قىلغۇسى
     ھەرقانچە زېرىكىشلىك بولسىمۇ ، كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ؛ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ تەلەپپۇزىڭىزغا دېققەت قىلىڭ .
     ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ  بەرداشلىق بېرىڭ ؛ ھەرقانچە ھارسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ .
     كىچىك پېئل بۇلۇڭ ، قەدەممۇ - قەدەم ئالغا باسالايسىز ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەڭ ، پەللىمۇ -پەللە مۇنەۋەرلەدىن بۇلالايسىز.
     مۇۋەپىقىيەت قازانغان ۋاقتىڭىزدا ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ؛ مەغلۇبىيەتكە يۇلۇققىنىڭىزدا كېلەچىكىڭىزدىن ئۈمۈدۋار بۇلۇڭ .
    ئېرىشىشكە ئىشەنچىڭىز بارلىرىغا تىرىشىڭ ؛ ئىشەنىچ يوقلىرىغا ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ .
     تۇرمۇش ھەرگىزمۇ تۈزسىزىق ئەمەس ، بىر يولدا ماڭالمىسىڭىز ، ئەگىپ ئۈتۈپ كېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
     ياش ۋە تەرنىڭ خېميىلىك تۈزىلىشى ئوخشاپ كېتىدۇ ، لىكىن ئالدىدىكىسى پەقەت سىزگە ھېسداشلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ ؛ كىينكىسى بولسا سىزگە مۇۋەپىقىيەت ئېلىپ كېلىدۇ .
    قېرىش ھاياتلىقتىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان باسقۇچ ؛ تاكاموللىشىش بولسا خالىغانچە تاللىۋالغىلى بولىدىغان باسقۇچ ئەمەس .
     چېنىقىشنى ئاساس قىلىپ ، ساغلاملىقنى ئۆگىنىۋېلىڭ ؛ئىلگىرلەشنى ئاساس قىلىپ ، ئېلىم ئېگەللەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
     ئەخلاق -پەزىلەتنى ئاساس قىلىپ ، ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ؛ ماسلىشىشنى ئاساس قىلىپ ، جان ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ .
     ھاياتلىقتا تۆت ئاساسى پىرىنسىپ بار : تاللاشنى بىلىش ، ۋازكىچىشنى ئۆگىنىۋېلىش ، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بىرىش ، قىزىقتۇرۇشقا ئازماسلىق .
    بارلىق كىشىلەر كىچىك پېئل بولغاندا سىز دادىل بولسىڭىز بۇلىدۇ ، لىكىن ھەرگىزمۇ قېچىپ كەتمەڭ .
      ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىش بولسا تۇرمۇشنىڭ تېخنىكىسى ؛ كۈلۈمسىرەشنى ئۆگىنىۋېلىش بولسا تۇرمۇشنىڭ سەنئىتى .
     قايسى ياخشى خىزمەت -بىرىنجىدىن تۇرمۇش ئارامىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ، ئىككىنجىدىن ئائىلە بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ، ئۈچىنجىدىن ئائىلىنى قامدىيالايدىغان خىزمەتتۇر .
     ھورۇنلۇق داتلىشىشقا ئوخشاش ، تەن قۇۋىتىنى چارچاشتىنمۇ بەك خۇرىتىۋېتىدۇ .
     چۈشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى - ئۇيغۇنىش .
     پەلسەپىلىك ئادەم غەمسىز بۇلىدۇ ، ئەقىللىق ئادەم دائىم خوشال يۈرەلەيدۇ ؛ بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا ئېرىشەلىگەنلىكىدىن ئەمەس ، بەلكىم  ئېرىشكەنلىكى نەرسىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدە .
    ھاياتلىقتا بىر قانچە زادىلا يوقىتىپ قۇيۇشقا بولمايدىغان نەرسە بار :- ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىش كۈچى ، تىنىچلانغان نېرۋا ، ئىشەنىچ ۋە ئۈمىدتۇر .

     





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]