باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-18
autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش - [توردىن پايدىلىنىش]
autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىمنىڭ كومپىيۇتىرىautorun ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قاپتۇ ، خېلى كۈچ سەرىپ قىلىپ بارلىق ۋىروسنى تازلىدۇق ، بىراقd،e دېسكىنى ئېچىپ شۇنداق قارىساق ،ئىچى قۇپقۇرۇق ! ھېچقانداق ھۆججەت يوق ، ھۆججەت خالتىسى تاللش تۈرى 文件夹选项 نىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىسىنى كۆرسىتىش显示所有文件和文件夹 دىگەن تاللاشمۇ جايىدا .... خىزمەتدېشىم جىددىيلىشىپ كەتتى ، مەن دەرھال پىرىسلاش دېتالى ئارقىلىق دېسكىلارنى ئېچىپ قارىسام بارلىق ھۆججەتلەر جايىدا تۇرمامدۇ ، مەن شۇندىلاautorunۋىروسىنىڭ بارلىق ھۆججەتلەرنى سېستىما ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن يۇشۇرۇنغان ھۆججەت ۋە ھۆججەت خالتىلىرىنى توپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى نورمال ھالەتكە ئەكەلدىم . تۆۋەندە مەن قوللانغان ئۇسۇلۇمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
1.خىل ئۇسۇل ( بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ۋىرۇس تەرپىدىن يۇشۇرىۋېتىلگەن ھۆججەتلەر تۇتۇق ھالەتتە كۆرۈنىۋېلىپ ئادەمنى بىئارام قىلىپ قۇيىدۇ ، شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمەن)ھۆججەت خالتىسى تاللش تۈرى 文件夹选项 نىڭ ئىچىدىكى قوغدالغان سېستىما ھۆججەتلىرىنى يۇشۇرۇش “隐藏受保护的操作系统文件(推荐)”دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاشنى ئېلىۋىتىش .
2.خىل ئۇسۇل - دەل تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتلەرنى توپ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدۇر . باشلاش -قوزغىتىش-cmd ئارقىلىق بۇيرۇق كۆزنىكى ھالىتىدە تۇرۇپ ، بىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دېسكىغا ئۆتىمىز . ئاندىن تۆۋەندىكى ئىككى قۇر بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئېجرا قىلىمىز ، يەنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز( بىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دېسكىنى dدەپ پەرەز قىلايلى)D:
attrib -r -s -h *.* /s /dبولدى ئىش تامام !