:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2010-10-11

    blogbus تىكى بۇ يېڭىلىقنى كۆردىڭلارمۇ ؟ - [بىلوگ بىلىملىرى]

    blogbus blogbus تىكى بۇ يېڭىلىقنى كۆردىڭلارمۇ ؟
    بەلكىم نۇرغۇنلىغان بىلوگىرلار دېققەت قىلمىغان بۇلىشى مۆمكىن ، مەنمۇ تېخى تۈنۈگۈنلا بايقىدىم . بىلوگنىڭ يازمىسىغا رەسىم قىستۇراي دەپ ، ياخشىراق ئالبوم ئىزدەپ تېپىپ بۇلالماي ، بىلوگبۇسنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىدىكى ماتىريالنى كۆرۈپ باقاي دەپ قاراپ ھەيرانلا قالدىم ، بىلوگبۇسنىڭ ئىلگىرىكى 10مىگابايىتلىق بوشلۇقى 50مىگابايىتقا ئۆزگىرىپ قاپتۇ .

    blogbus1

    خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ دەپ يەنە قارىسام يەنە شۇنداق 50مىگابايىت ... بۇ ياخشى بوپتۇ ، ئىلگىرى بلوگىرلىرىمىز بلوگبۇسنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقى يىتىشمەيدۇ دەپ ، قىستۇرما رەسىم يوللايدىغانغا ئايرىم ئالبوم ئىزدەپ بەكلا ئاۋەرە بولغان . ئىلگىرى 巴巴变 نىڭ ئالبومىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتۇق ، توساتتىنلا ئۇمۇ رەسىم ئۇلانمىسىنى پۇلغا ساتىدىغان بۇلۇپ ھەر يىللىقى ئەڭ ئازبولغاندا 38 يۈەن تۆلىسىڭىز سىرىتقا ئۇلانما ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىدىغان بوپ قالغان . 巴巴变توختاپ قالغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان بىلوگگىرلار قىستۇرما رەسىم يوللايدىغان تور ئالبومى ئىزدەپ ئوبدانراقىنى تاپالمىغان . بىلوگبوسنىڭ بۇ قېتىمقى بوشلۇق چوڭايتىشى بىزدەك بېشى قېتىپ كەتكەنلەرگە تازا خوش ياقتى دە ...

    قېنى سىزمۇ يازمىلىرىڭىز ئارىسىغا كۆركەم  رەسىم قىستۇرۇپ ، يازمىلىرىڭىزنى كۆركەملەشتۈرىۋېلىڭ ..





    评论

  • بۇرۇن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن تىزىملاتقان ئەزا 100 گە يەتسىغۇ دەيمەن. vip نى بىرەتتى.ھازىر بۇ vip نى پۇلغا ساتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.بىلوگىمنىڭ ئۇلىنىشقا سىزنى قوشۇپ قويدۇم.
    ئەلقۇت回复ئابرال说:
    شۇنى دەيمەن ، مەن ھېچقانداق vip دىگەنگە تىزىملاتمىغان . 10مىگابايىتتىن 50مىگابايىتقا ئۆرلەپ قالغىنىغا خوشال بۇلۇپ كەتكەنتىم . رەھمەت ، قوللىشىپ ئۈتەيلى .
    2010-10-12 10:18:06
  • ھەئە توغرا مەن تور توختاشتىن ئېلگىرى vip ئەزا ئىدىم. ئەمما ئۇچاغدا ھۆججەت يوللاش بوشلۇقۇم چەكسىز ئىدى. ئەمما ھازىر 100 مىگابايتقا چۈشۈپتۇ.
    ئەلقۇت回复ئابرال说:
    توغرا ، vip ئەزالارنىڭ ھۆججەت يوللاش بوشلۇقىنى چەكسىز دەپ ئاڭلىغان
    2010-10-12 10:20:01
  • نىمە دەيدىغانسىز. مېنىڭ 100 مىگابايت تۇرسا، سىز 50 مىگابايت باركەن دەپ خوش بولۇپ كېتىپ بارىسىزا!
    ئەلقۇت回复ئابرال说:
    خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ھە ؟! ئەسلىدە 10 مىگابايىت ئىدىغۇ ؟ سىز vip ئەمەستۇرسىز ؟ vip بولمىسىڭىز نىمىشقا 100مىگابايىت بۇلىدۇ ؟ راست گەپنى قىلسام ، ئەسلىدىكى 10مىگابايىتتىن 50 مىگابايىتقا ئۆرلىگىنىگە ھەقىقەتەن خوش بولدۇم ، چۈنكى بىر قانچە كۈندىن بويان يازمىنىڭ قىستۇرما رەسىملىرىنى يوللايدىغان تور ئالبومى ئىزدەپ بەكلا ئاۋارە بولغان ئىدىم ..
    2010-10-11 22:40:55

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]