باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-10-28
360 قا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش - [خەۋەرلەر]
خەلىق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى بەيدۇ ، تېڭشۈن ، ئاۋيوۋ ، جىنشەن ، كې نيۇ قاتارلىق بەش شېركەت بىرلىكتە < 260 شىركىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەت ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورتاق بايانات > نى ئېلان قىلىپ ، كەڭ تور ئەھلىنى بىرلىكتە 360 شىركىتىنىڭ ناتوغرا قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان . < ئورتاق بايانات>تا 360 شىركىتىنىڭ بەش تۈرلۈك < جىنايىتى > ئەيىبلەنگەن .
9- ئايدا باشلانغان تېڭشۈن ۋە 360 شىركىتىنىڭ جېڭى كۈنسىرى ئەۋەج ئېلىپ ، ئاخىرى 10كۈننىڭ ئالدىدا 360 شىركىتى تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىندى . بۈگۈنكى كۈندە 360 قا قارتىلغان ھۇجۇم بەش چوڭ تور شىركىتى تەرىپىدىن قورشاۋ ھۇجۇمغا ئايلىنىپ ، 360 شىركىتىنى تېخىمۇ تەس كۈنگە قارتىلدى .
باھاردا 360 ۋىروسخورى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى بەيدۇنىڭ جاھاننامە يامىقىنى چەكلىگەن ، 2 ئايدىن كىيىن تىغ ئۇچى جىنشەن تور قالقىنىغا قارتىلغان ، كەسىپدېشى كې نيۇ ۋىروسخۇرىمۇ ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئېچىپ 360نىڭ چۇجۇم نىشانى بۇلۇپ قالغان ، ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز بولغان ئاۋيوۋ ۋە تېڭشۈن دېتالىمۇ ھۇجۇمدىن ساقىت قىلىنمىغان .
<بايانات >تا ئەيىبلەنگەن بەش خىل قىلمىش تۆۋەندىكىچە :
1. 2010- يىلى 3-ئايدا ، بەيدۇ جاھاننامە يامىقى 360ۋىروسخۇرى تەرىپىدىن <سېستىما بىخەتەرلىك يۇچۇقى >دەپ چەكلەنگەن .
2. 2010- يىلى 5-ئايدا ،360بىخەتەرلىك قاراۋۇلى <جىنشەن تور قالقىنىى 360 مۇداپىئە قالقىنىڭ يۈرۈشىشىنى توستى > دىگەن نام بىلەن ئىشلەتكۈچىگە جىنشەن تور قالقىنى ئۆچۈرىۋېتىش ئەسكەرتمىسىنى بەرگەن .
3. 2010- يىلى 5- ئايدا ، 360بىخەتەرلىك قاراۋۇلى <بىىخەتەر ئەمەس > دىگەن نام بىلەن ئاۋيوۋ جاھاننامىسىنى ۋە ئۇنى بىردىنبىر تور كۆرگۈسى قىلىشنى چەكلىگەن .
4. 2010- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى ، بارلىققا كەلگىنىگە ئەمدىلا 5مىنۇت بولغان كې نيۇ ۋىروسخۇرى 1- نەشىرى 360بىخەتەرلىك قاراۋۇلى تەرىپىدىن چەكلەنگەن .
5. 2010- يىلى 9-ئايدا ،360 شىركىتى <360مەخپىيەتلىك قوغدىغۇچىسى >نى ئېلان قىلىپ ، دەپ ئەيىپلىگەن .
خەۋەرنىڭ مەنبەسى : خەلىق تورى
评论