:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2010-10-13

    بىلوگ يىزش ۋە ئۇلىنىش توغرىسىدا

    ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ  ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . بۇنىڭدا ، مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن : بىرىنچىسى ، تور بېكەتنىڭ نامى تۇتۇۋېلىش قىيىن ، ئىككىنچىسى تور بېكەت قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىدا يېڭىلىنىش يوق . مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن نۇرغۇن تور بېكەتلەر زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ .
    نەقىل :
    ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازغىنە 5-6 يىللىق بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك  زور قوشۇننى ھاسىل قىلدى . بۇنى جاپاكەش تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى  ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ئەجرى ۋە كەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ سەمىمىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . دەسلەپكى ئاددىي شەكىلدىن ھازىرقىدەك مەخسۇسلاشقان ، ھەربىر سەھىپە ئېنىق ئايرىلغان مۇكەممەل شەكىلگە كېلىشكە ئەگىشىپ ، ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى ۋە تورداشلارغا لازىملىق بولغان ئىشلىتىلىشچان قوراللارنى بىر يەرگە جەملەيدىغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
     ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى . بۇنىڭدا ، مۇنداق ئىككى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن : بىرىنچىسى ، تور بېكەتنىڭ نامى تۇتۇۋېلىش قىيىن ، ئىككىنچىسى تور بېكەت قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىدا يېڭىلىنىش يوق . مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن نۇرغۇن تور بېكەتلەر زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ .
    ئەمدى ، ئەسلى تېمىغا قايتساق ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ ھازىرقى نىشانىدا ئۆزگىرىش يۈزبەردى . ئەلۋەتتە ، بۇ ئۆزگىرىشكە بىرنەچچە كۈن بولمىدى . خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى ، دېسەكمۇ بولىدۇ . ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىڭ  نامىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى ، ياخشى ، نادىر تور بېكەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسا ، بۇنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن تورداشلارغا ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگىمۇ پايدىسى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرى ئۈستىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس ، چۈنكى ئۇ تور بېكەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە . ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت زىيارەت ۋە كۆزىتىپ تۇرۇش بىر مەسئۇلىيەتچان زىيارەتچىنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن . مەن تۆۋەندە ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان بىر نەچچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي :
     1. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىنىىڭ كۆپىنچىسى « داڭلىق » ، « نادىر » ... دېگەندەك بىرنەچچە كىچىك سەھىپە تەسىس قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا ئۆزىگە يېقىن ياكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلىرىنى چىقىرىپ قويۇلىدۇ . بۇنداق قىلىش توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما ئادەم ئۇ « داڭلىق » تور بېكەتلەرگە كىرىپ قارىسا ، يەنىلا ئۆتكەن ئايدىكى تېمىلار تۇرغان ياكى تېخنىكىلىق مەسىلە چىقىپ تۇرغان . شۇنىڭ ئادەمدە بۇنداق تور بېكەتتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەننىڭ ئۈستىگە ، يەنە ئاشۇ ئۇلىنىش تور بېكىتىگىمۇ سەل گۇمانىي قاراش پەيدا بولۇپ قالىدۇ . دېمەك ، مۇشۇ يەردىن چاتاق چىققان يەردە ، يەنە ئاستىدىكى ئۇلىنىش قىلغان تور بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلەرمۇ دېگەندەك ئويلارمۇ ئادەمنى خىياللار قوينىغا باشلايدۇ .........

    يۇقۇرقىسى شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى [ئۇيغۇرتېكىن ] ئەپەندىنىڭ [ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟] دىگەن تىمىدىكى ماقالىسى . داۋامىنى بۇ جايدىن كىرىپ ئوقۇڭ .
    بىر ئاددى بىلوگ يازغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ، يازغانلىرىم بىرىنجىدىن ئۆزەمنىڭ ئۆگىنىشىم ئۈچۈن بولسا ، ئىككىنجىدىن باشقىلارغا ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بولغانلىقتىن ( ئەلۋەتتە ئۆزەمنىڭ قارىشى مۇشۇنداق ) ، بىلوگىمغا زىيارەتچى جەلىپ قىلىشىم كېرەكتە ( بولمىغاندا بازىرى كاسات سودىگەردەك بۇلۇپ قالمامدىم !) . شۇڭلاشقىمىكىن ، بىلوگىمنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە ئۇنى ئاتالمىش ئۇلىنىش توپلاملىرىغا ئېسىش ( بولسا كۆزگە چېلىقارلىق جايغا رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىشىم ) ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى . شۇڭا بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ بۇلۇپلا ، [داڭلىق ] ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ ئىشىكىنى بىر-بىرلەپ چېكىشكە باشلىدىم . ئاۋال ئۇلىنىش (ulinix.com) ، ئاندىن ئارقا ئارقىدىن ئۇلىنىش (ulinix.cn ) ، ئۇلىنىش بىز ، ئۆزئۇلىنىش ، ئۇلنىش ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش ، شىنجاڭ ئۇلىنىش ، ئۇلىنىشلار ، تور جەمگاھى ..... قاتارلىق بارلىق ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ [ ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش ] دىگەن ئىشىكىنى چىكىپ كىرىشكە باشلىدىم . ھەممىسىدە دىگەندەك [ئۇلىنىش تورىغا ئىلتىماس قىلىپغان تور بەتلەر تورىمىزنىڭ رەسىملىك تۇغىنى  ئۇلىنىش قىلىشى كىرەك . بولمىسا بىردەك تەستىقلانمايدۇ .]دىگەن ئەسكەرتىش باركەن . تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ، بىزدەك ئاددى تور خاتىرلىرى ( بىلوگلار ) ئەگەر بىلوگىمىزنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئۇلىنىش تورلىرىغا ئۇلىنىش قۇشىشىمىز ئۈچۈن چوقۇم ئاشۇ داڭلىق ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ رەسىملىك تۇغىنى  ئۇلىنىش قىلىشىمىز كېرەكمىدۇ ؟ ئۇنداقتا بىزنىڭ بىلوگلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئۇلىنىش تورلىرى بىلەن نىمە پەرقىمىز قالىدۇ ؟ ھەممىمىز ( تور بەت قۇرغۇچىلىرى ) تور بېتىمىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇش ئۈچۈن بىردىن ئۇلىنىش بېتى قۇرىشىمىز كېرەكمۇ ؟
    ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى ماقالىسىدا ئېيىتقاندەك [ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش] ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ ئەجىبا بىزمۇ كارخانا توربەتلىرى ۋە ئېلاندىن كىرىم قىلىدىغان تور بەتلەرگە ئوخشاش پۇل تۆلەپ ئۆز بىلوگلىرىمىزنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئېلانىنى چىقىرىشىمىز كېرەكمۇ ؟ پەقەت ئۆز خاتىرلىرى ۋە ئەسەرلىرىنى ، توردىن توپلىغان ، پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئۇچۇرلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىلوگلارغا بۇ ئىش ئارتۇقچە يۈك ئەمەسمۇ ؟ ( بۇنداق دىسەم ئۇنداقتا خاتىرەڭنى يېزىپ ئولتۇرساڭلا بولمىدىمۇ دىيىشىڭلار مۆمكىن ، بۇمۇ توغرا گەپ ......)
    بىر سەنئەتكارنىڭ داڭلىق ئەسەر ياراتقاندىن كىيىنكى ئەڭ بۇرۇختۇم بۇلىدىغىنى ئەلۋەتتە ئۆز ئەسەرلىرىدىن باشقىلارنىڭ ھوزۇر ئالالماسلىقى ..شۇنىڭغا ئوخشاش بىزدەك بىلوگىرلارنىڭ يازما يېزىشى ئەلۋەتتە يۇقىردا ئېيىتقاندەك باشقا تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ، پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟
    ئەسلى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك بىز بىلوگىمىزنى زادى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟ بۇنىڭ يۇقارقى خىجىللىقتىن خالى بۇلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇلى بىلوگىمىزنى ئىزدەش ماتۇرلىرىغا قۇشۇش ( بۇ تىمىنى ئوقۇڭ ) بىلەن بىرگە بىلوگ قۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇپ يېزشىتا چوقۇم خاسلىققا ، ئىجادىلىققا ، كۆركەملىككە ئەھمىيەت بىرىش ، كۆچۈرمىكەشلىكتىن ، پۈچەكلىكتىن ساقلىنىش كېرەك ( بۇ توغرىسىدا بۇ تىمىنى ئوقۇڭ . بىلوگ قۇرۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار . بىلوگىرلار سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قانچە نوقتا )
    ئاخرىدا دەيدىغىنىم - خاسلىقنى ساقلاڭ ، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ . شۇنداق بولغاندىلا سىزنىڭ بىلوگىڭىز ھېچقانداق تەشۋىقاتسىزمۇ باشقىلارنىڭ دائىم داخىل بۇلىدىغان مول داستىخىنىغا ئايلىنالايدۇ .

    分享到:

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]