باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2009-06-22
سىزمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانغا پۇشايمان قىلامسىز !؟ - [سۆزۈم بار]
جوڭگۇ ياشلار گىزىتى نەشىرياتى تەكشۈرۈش مەركىزى بىلەن مەلۇم تور پونكىتىنىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق 4چوڭ شەھەردىكى ئالى مەكتەپلەردىن 8777 نەپەر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، %34.7 سىناققا قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئۇلار ئاساسەن مۇنداق قاراشتىكەن :
1- خىل قاراش : -4 يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت ئاتا - ئانىمىزنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى بۇزۇپ -چېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن ، ئۇلار مىڭبىر جاپادا بىزنى ئوقۇتسا ، بىز پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلارنى بېقىش تۇرماق ، ئۆزىمىزنىڭ جېنىنىمۇ باقالمايدىكەنمىز .
2- خىل قاراش : - تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش كېرەك ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشىمىز كېرەككەن ، ئەمەلىيەتتە بولسا ھېچنىمىنى ئۆگىنەلمەيدىكەنمىز ...
3- خىل قاراش : ---- گەرچە ئاغىزىمىزدا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىمىزدىن پۇشايمان قىلساقمۇ ، لىكىن ئامال يوق ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇماي ، دېپلۇم ئالالمىساق بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىمىز ....بۇ خىل "پۇشايمان قىلىش " قارىشى ئاساسەن ، تەكشۈرەشكە قاتناشقانلارنىڭ %51.5 تىنىڭ ئالى مەكتەپتە ھېچنىمىنى ئۆگىنەلمىدۇق دەپ قارىشىدىن ئېيتىلغان .
مۇتەخەسسىلەر مۇنداق قارىماقتا .
1. ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇش " مەبلەغ كۆپ كىتىدىغان ، لىكىن پايدا چىقمايدىغان " سودا دەپ قارالماقتا .
2. ئالى مەكتەپلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈد بارغانسىرى مەنپئەت قوغلاشماقتا .
3. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نۇرغۇن ئۈمۈدلىرىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇشقا باغلىۋالدى ، مەسلەن : - يېزىدىن شەھەرگە يۆتكىلىش ، سالاھىتىنى ئۆزگەرتىش ، ئىجدىمائى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار...... ئەپسۇس ، بىر پارچە دېپلۇم ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتىنىڭ باھاسى بۇلالمايدۇ !!
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ياكى دېپلۇم ئېلىش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات يولىڭىزنىڭ بېكىتىلىشى ، بەخىتلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ باشلىنىشى ۋە ياكى ئىلگىركىگە ئوخشاش ئۆمۈرلۈك سۇنماس تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىش ئەمەس ، بىلىۋېلىڭكى ، بۇ پەقەت بىر شەرت خالاس . ھەقىقى باشلىنىش ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر خىزمەت ئورنى تېپىش ، كەسىپكە تۇتۇش قىلىش ، ئېگىلىك تىكلەش غايىسىگە ئاتلىنىشتۇر .
كەسىپنىڭ ياخشى يامىنى ، يۇقىرى تۆۋىنى بولمايدۇ ، گەپ سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقى كۆڭۈل قويىشىڭىزدا ! شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزگىمۇ ، باشقىلارغىمۇ مەنپئەت يارىتالايسىز .....
ئەي دوستسىنت ، ئەمدى ئاتا- ئانىڭىز سىزنى يەنە باقمىسۇن !
评论