:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-06-22

    خەلق تورى ئۇيغۇر قاتارلىق تۆت ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تور بېتىنى يېڭىدىن يولغا قويدى - [خەۋەرلەر]


    خەلق تورى ئۇيغۇر قاتارلىق تۆت ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تور بېتىنى يېڭىدىن يولغا قويدى 

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 19-ئىيۇن تېلېگراممىسى : خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى تور بەتنى يولغا قۇيۇشى يېڭى بىر بۆسۈش ھاسىل قىلدى.بۈگۈنكى كۈندە خەلق گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق،يىزۇ، جۇاڭزۇ يېزىقىدىكى تور بەتلىرىمۇ داغدۇغىلىق ھالدا ئېچىۋىتىلدى. ھازىر خەلق گېزىتىنىڭ مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق ،چاۋشىيەن ، يىزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بېتى بار بولۇپ ، خەلق گېزىتى پارتىيە قۇرۇلتىيى،خەلق قۇرۇلتىيى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەپ چىققان يەتتە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى بىكەتلەر توپىنى قۇرۇپ چىقىش لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفۇن گېزىتى ۋە زاڭزۇچە يانفۇن گېزىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىشقا باشلىدى. 

      خەلق گېزىتى ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 2006 - يىلى 7- ئاي ، 12-ئايدا ۋە 2007- يىلى 8- ئايدا زاڭزۇ،چاۋشىيەن،مۇڭغۇل قاتارلىق ئۈچ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى تور بەتنى يولغا قويغان. بۇ يىل يەنە خەلق گېزىتى ئۇيغۇر، قازاق،يىزۇ،جۇاڭزۇ قاتارلىق تۆت ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بەتنى يولغا قويۇشنى پىلانلاپ، نەچچە ئايلىق تىرىشىش ئارقىلىق تۆت خىل يېزىقتىكى تور بەتنى قورۇپ چىقتى. بۇ تۆت خىل يېزىقتىكى تور بەتنىڭ نۇسخسى ئالدىنقى ئۈچ تور بەتنىڭ نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،خەۋەر تارقىتىش،سىياسەتلەرنى جاكارلاش،ماتېرىيال ئۇچۇرى،ئۆز ئارا ئالاقە بىر گەۋدىلەشكەن سىستېمىلىق تور بەتنى قورۇپ چىقىپ ، تورداشلارغا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشىغا قۇلايلىق سەھنە ھازىرلاپ بەردى. 

      يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ،قازاق ،يىزۇ ۋە جۇاڭزۇ يېزىقىدىكى توربەتلەر پارتىيىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇلۇپ ،مەركەز روھى ،ۋەزىيەت خەۋەرلىرى ،مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيتى قاتارلىق سەھىپىلەر پارتىيىنىڭ مىللىي رايونلارغا قارىتىلغان ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسى ،دىنىي سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ،سىياسەت ئۇچۇرلىرى ،قانۇن تۈزۈم بىلىملىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن مول بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ .شۇنداقلا يەنە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ،جەمئىيەت ،تارىخ ،مەدەنىيەت تەرەققىياتى توپلانغان ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇلغان. كۆپ ۋاستىلىك پروگرامما كەڭ تورداشلارنى سۆرەتلىك فىلىم،ناخشا،-مۇزىكا،ئالبۇملار بىلەن ، مىللەت ۋە مەدەنىيەت سەھىپىسى بولسا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ، مىللىي تىبابەت ،ئۆرپ-ئادەت،ئەدەبىيات –سەنئەت ،ساياھەت ،قاتناش قاتارلىق سەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.ھەر قايسى تور بەتلەر يەنە تورداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇش رايونى ، مۇنازىرە بېتى ، بىلوگ قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئاچماقچى، شۇنداقلا بىز يەنە ئاز سانلىق مىللەت تەكلىپلىك مىھمانلىرىنى تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ ، ھەرقايسى مىللەت ئوقۇرمەنلىرى سىياسى تۈزۈلمىلەرنى چۈشىنىدىغان ، يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان ، ئېقىم مەسىللىرىنى باھالايدىغان توربەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا پۈتۈن كۈچىمىزبىلەن تىرىشىمىز . 

      تۆت خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى تور بەتلەرنىڭ ئادىرىسى تۆۋەندىكىچە: 
    http://uyghur.people.com.cn 
    http://kazakh.people.com 
    http://yi.people.com.cn 
    http://sawcuengh.people.com.cn 

      خەلق تورىنىڭ زاڭزۇ ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يانفۇن گېزىتى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ئاساس ئوبىكتىپ قىلغان بۇلۇپ ،«جاھاننامە »،«رەھبەرلەر پائالىيتى »، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش»،«دۇنيادىن شىزاڭغا نەزەر» قاتارلىق سەھىپىلەر ۋە «شىزاڭ مەنزىرىسى »، «قارلىق ۋادا تۇرمۇشى»،«غەربىي دىيار ساياھىتى »،«ئىسلام نۇرى » قاتارلىق قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سەھىپىلەر سىياسى ،ئىقتىساد،دىن،مەدەنىيەت ،ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلق گېزىتى ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدىكى يانفۇن گېزىتى ياشلارنىڭ قىزغىن ،ئاكتىپ قاتنىشىشچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يەنە «جوما لىنىيىسى»،«ئانارخان لىنىيىسى »قاتارلىق يانفۇن ھەركەتچان سەھىپىسى ئارقىلىق ، مودا ئېقىملارنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان تەسىرلىك ،ئاكتىپ شەكىلدە مىللىي رايونلاردىكى خەلق ئاممىسى ۋە پارتىيە-ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسدىكى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنە قۇرۇپ چىقىدۇ  

                مەنبە-يادىمدا ئۇچۇرى,     http://www.yadimda.cn/viewthread.php?tid=8419

     

     





    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
    ئەلقۇت回复ھونزادە 说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ ، تور ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز... قوللىشىپ ئۆتەيلى
    2010-09-29 18:12:24
  • [avatar:30]بۇ تور بەتكە چىقىپ تۇرۇڭ . بۇ بەتمۇ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج.رەھمەت .
    ئەلقۇت回复开往春天的地铁说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ ، تور ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز... قوللىشىپ ئۆتەيلى
    2010-09-29 18:12:42

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]