:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  •  نەقىل :
    ھەممىمىزگە مەلۇم ئويغۇر تور بېكەتلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازغىنە 5-6 يىللىق بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك زور قوشۇننى ھاسىل قىلدى . بۇنى جاپاكەش تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈن - تىنسىز ئەجرى ۋە كەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ سەمىمىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . دەسلەپكى ئاددىي شەكىلدىن ھازىرقىدەك مەخسۇسلاشقان ، ھەربىر سەھىپە ئېنىق ئايرىلغان مۇكەممەل شەكىلگە كېلىشكە ئەگىشىپ ، ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى ۋە تورداشلارغا لازىملىق بولغان ئىشلىتىلىشچان قوراللارنى بىر يەرگە جەملەيدىغان ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
     ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بېكەتلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ ، ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئىدى . ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بىر قەدەر داڭلىق تور بېكەتلەردىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى تازا نامى چىقمىغان تور بېكەتلەرنى ئاساسەن ئالدى بىلەن ئۇلىنىش تور بېكەتلىرىگە كىرىپ ئاندىن زىيارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى .

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]