:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2010-09-29

    سەمىمى مەسلىھەت :-بىخەتەر ئورۇقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى - [سۆزۈم بار]

    سېمىزلىك مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي ، پەقەت ھەر كۈنى مەيلى ئائىلىدە ، مەيلى ئىشخانىدا بولسۇن ، شارائىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ : 1 . ھەر كۈنى سائىتىڭىزنى 30 مىنۇت ئالدىغا سۈرۈپ قويۇڭ ، مۇشۇ يېرىم سائەت ئىچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماي ۋېلىسپىت بىلەن ئىشقا بارسىڭىز ياكى مېڭىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . 2 . ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئامال بار چىداپ ئۆرە تۇرۇڭ ، بوش ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئولتۇرماڭ . 3 . تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىزدا ئامال بار مېڭىپ تۇرۇپ ، ياكى ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىشىڭ ، ئولتۇرماڭ . 4 . چۈشلۈك تاماققا ئامال بار مېڭىپ بېرىڭ ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە مېڭىپ قايتىپ كېلىڭ ياكى خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلىشىڭ . 5 . تاماقتىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئالدىراپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالماستىن ، بىر دەم ئۆرە تۇرۇۋېتىڭ ۋە ياكى ئۆينىڭ ئىچىدە بولمىسۇ بىر دەم مېڭىڭ ، بۇنداق بولغاندا ئېنېرگىيە خورايدۇ ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . 6 . پولغا بىر ئوچۇم پۇرچاقنى چېچىۋەتكەندىن كېيىن ، بەلنى ئىگىپ تۇرۇپ بىردىن بىردىن تېرىپ ئېلىڭ ، مۇشۇ ئۇسۇلنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم ، ئۇدا بىر ئاي داۋاملاشتۇرغاندا ، قورساقتىكى ئوشۇق گۆشلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ . 7 . زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ، ئىككى پۇتنى ئېچىپ ، ئىككى قولدا بەلنى تۇتۇپ ، ئۈستۈنكى بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، ئاستىنقى بەدەننىڭ زوڭزىيىش ھالىتىنى ساقلاڭ ، بۇنى بەش مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇڭ . 8 . بالىسى بار ئاياللارغا نىسبەتەن ئورۇقلاش توي قىلمىغانلارغا قارىغاندا تەسرەك ، بىراق بالىنى ئۆيدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر . ئەمەلىيەتتە ، ئورۇقلاش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس ، پەقەت ھەر كۈنى ئازراق كۆڭۈل قويسىڭىزلا ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بەرسىڭىزلا ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . يۇقىرىقى ئۇنىۋېرسال ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ، تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، تەر چىقىرىمەن دەپ قەستەن ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ ، ئاۋال بار يېنىك ھەرىكەتلەرنى كۆپ ئىشلەڭ ، شۇندىلا ساغلام ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىت  





    评论

  • بولىدىغان ئامالدەك قىلامدۇ نىمە ؟ مەنمۇ سىناپ باقاي ...لىكىن ئۈنىمى بۇلارمۇ ؟[cusFace:10]

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]