باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-09-29
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر - [تور تەرمىلىرى]
يۇتقۇنچاق ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر: بۇنىڭدا ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەر تازىلايدىغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن: كاۋا، ئاغىچە، كەرەپشە، نېلۇپەر، ئاق نەشپۈت، قارا ئۆرۈك، نېلۇپەر پورى قاتارلىقلار.
توزانغا قارشى يېمەكلىكلەر: سەۋزە، بېھى، كاۋا، لەنخۇا گۈلى، پالەك، توغاچ، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ يېمەكلىكلەردە كاروتىننىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى خۇرۇچ بولۇپ، چاڭ–توزانلىق ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا چاڭ –توزان ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن: قارا مور قاتارلىقلار.
مېڭىگىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر: ئوقۇتقۇچىلار تەركىبىدە فوسفانىد بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت فونكسىيىسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. تەركىبىدىكى فوسفانىد بار يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقى، دادۇر، سەۋزە، بېلىق، گۆش قاتارلىقلار بار.
چارچاشنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىكلەر: ئوقۇتقۇچىلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەچكە، دوۋسىنى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. چوڭ چىلان ، مۇراببا قاتارلىقلارمۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى(http://bilim.rohlan.biz/)، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-3306-1-1.html