باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:
- تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش (1)
- autorun ۋىروسى خاسلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئوڭشاش
- ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش - [بىلوگ بىلىملىرى]
- winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ....
- alimamaسىزنىڭ ئېلان ئىلتىماسىڭىزنى يەنە تەستىقلىمىدىمۇ !؟
- ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
- بىلوگباستىكى خەنزوچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
-
2010-09-29
بۈگۈر ناھىيىسى - [تور تەرمىلىرى]
بۈگۈر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. بۈگۈرنىڭ يەر مايدانى 14،189 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 90،000.] تارىخ
بۈگۈر خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قۇرۇلغان ئۇرمتاي دۆلىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى قارمىقىدىكى ئوڭېرى ئايمىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە <بۈگۈر> دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) بۈگۈر مۇپەتتىشى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) بۈگۈر ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراشەھەر باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1954 - يىلى كورلا ۋىلايىتىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.