:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-16

    ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟ - [بىلوگ بىلىملىرى]

    ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىنى قانداق تەشۋىق قىلىمىز ؟
     بىر بىلوگنى قۇرغانكەنمىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېقىم مېقدارىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ( بۇ ئارقىلىق ئېلان قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ) ئويلايسىز .  لىكىن سىز بىلوگىڭىزغا يازمىلارنى يوللاۋەرسىڭىز ، يازمىڭىز ھەرقانچە بەك ياخشى بولسىمۇ ، تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلىمىسىڭىز سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بىلىدىغانلار چىقمايدۇ ياكى زىيارەت مېقدارى كۆپەيمەيدۇ . شۇڭا ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆز بىلوگىڭىزنى تەشۋىق قىلىپ بېقىشىڭىز كېرەك . تۆۋەندە مەن بىر قانچە خىل ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . پايدىلىنىپ باقارسىز .
    1. بىلوگىڭىزنى ۋە يېڭى يازمىڭىزنى    百度،Google،雅虎،SoGou،有道 قاتارلىق  ئىزدەش ماتۇرلىرىغا قۇشۇڭ . قۇشۇش ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:
    百度博客提交:http://utility.baidu.com/blogsearch/submit.php
    Souyo博客搜索:http://www.souyo.com/guide/addblog.htm
    中文Blog目录集:http://www.cnblog.org/rings/submit.asp
    周博通:http://www.potu.com/index
    Google:http://www.google.com/intl/zh-CN/add_url.html
    雅虎中国:http://search.help.cn.yahoo.com/h4_4.html
    搜狗(SoGou):http://www.sogou.com/feedback/blogfeedback.php
     有道(YoDao):http://tellbot.yodao.com/
    2. RSS يازما زاكاس كودىنى ئىشلىتىڭ .
     يازما زاكاس قىلغۇچ تۈرىنى قانچە كۆپەيتسىڭىز ، سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى يېڭىلىق شۇنچە تېز ۋە كۆپخىل يوللار بىلەن  باشقىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ .
    3. باشقا تورلارنى كۆپرەك زىيارەت قىلىڭ .
      باشقا تورلارنى ( ئىمكان بار ئەزاسى كۆپ ، ئېقىم مېقدارى يۇقىرىراق بولغان تورلارغا كىرىپ ، ئىنكاس قالدۇرۇڭ ،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغانلار ئاشۇ سىز قالدۇرۇپ قويغان ئىزىڭىزدىن كىرىدۇ .
    4. دوسلۇق ئۇلىنىشى ئالماشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ .
      ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باشقا تورلارغا ، ئۇلىنىش تورلىرىغا ئۇلانما قۇشۇڭ ، ئىمكان بار رەسىملىك ئۇلىنىش بولسۇن ، بىلوگىڭىزنىڭ لوگوسىنى جەلىپ قىلارلىق ئىشلەڭ ، باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تاتقۇدەك بولسۇن .
    5.  دوسلىرىڭىزنىڭ تورىغا ئېلان بىرىڭ ( ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى ) مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئېلاننى ئېلىۋەتسىڭىزمۇ بىلوگىڭىز باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىدۇ . 
    6. كۆپ ئىنكاس قالدۇرۇڭ .
      تورلارنى ئارىلاپ مەيلى ئۇ ياخشى تىما ، ماقالە بولسۇن ياكى قاملاشمىغان چاخچاق بولسۇن ، ئىنكاس قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ .
    7.  باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىڭ .
      QQ، Email، QQ توپى ، QQ بوشلۇقى قاتارلىق ۋاستىلەردە تەشۋىق قىلىڭ ، ئىمكان بار كۆپرەك QQ توپىغا قۇشۇلۇڭ ، يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىپ بىلوگ ئادرىسىڭىزنى ياكى ياخشىراق يازما ئادرىسىڭىزنى يوللاڭ . بۇنىڭمۇ ئۈنىمى خېلى ياخشى .
    8. بىلوگىڭىز خاسلىقنى ساقلىسۇن ، يازمىلارنىڭ تۈرى توغرا ئايرىلغان ، مەزمۇنى بىلوگىڭىزنىڭ تىمىسىغا ۋە يازما تىمىسغا ماس بۇلىشى كېرەك .
     ئەلۋەتتە بىلوگنى ياخشىراق بېزەش ، يازمىلارنى سەرخىللاشتۇرۇش ( ئاز بولسىمۇ ساز بولسۇن ) مۇ ئىنتايىن موھىم ، بولمىسا < داستىخان يوغان ، بىر نان يوق ؛  سەللە يوغان ئىمان يوق .> بۇلۇپ قېلىپ ، بىر قېتىم كىرگەنلەر قايتا ئاياق باسماس بۇلۇپ قالىدۇ .





    评论

  • ئەمسە مەن ھازىرلا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەي، بولسا بىلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز.http://siraj.blogbus.com/
    http://filer.blogbus.com/5009156/resource_5009156_1288062490u.gif
    ئەلقۇت回复شەمسى说:
    شۇنداق قىلاي ، ھەمكارلىشىپ ئۆتەيلى .. ئۇزۇن قالمايلا ئۇلىنىشقا قۇشۇلىدۇ .
    2010-10-31 21:20:37
  • ياخشى ئۇسۇللاركەن ، سىناپ باققۇلۇق [cusFace:0]
    ئەلقۇت回复ئەزىز说:
    شۇنداق ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنىمى ھەقىقەتەنلا ياخشىكەن . ھازىر مىنىڭ بىلوگىمنىڭ زىيارەت سانى خېلىلا يۇقىرلاپ قالدى .
    2010-10-27 17:23:51
  • مەنمۇ ئىزىمنى قالدۇراي ئەمىسە قېلىنلىق قىلىپ !!
    ئەلقۇت回复karwanlar说:
    ئىزىمىزنى قالدۇرايلى ، ئىزىمىزدىن گۈل ئۈنسۇن !
    2010-10-26 10:18:01
  • راستىنلا ئۇخشايدىكەن . مەن تەمىنلىگەن ئادىرىسلارنى قۇشسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلغۇدەك .
    يەنە بىر گەپ << RSS يازما زاكاس كودىنى ئىشلىتىڭ >> نى تەپسىلىراق چۈشەندۈرۈپ قۇيسىڭىز !
    博主 对 sitniyaz 的回复: 2009-04-27 16:08:20
    بۇ دىگىنى ھەرخىل يازما زاكاس قىلىش كودلىرى بار ، بۇنى تارىم بىلوگىدىمۇ ئىشقىلىپ بىر بىلوگدا تەپسىلى تۇنۇشتۇرغان ، يەنى QQ,MSN قاتارلىقلارغا زاكاس قىلىش ، تېلفۇن ئارقىلىق زاكاس قىلىش ، ئېلخەت ئارقىلىق زاكاس قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇنى ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئانچە كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ ، لىكىن خەنزوچە تورلاردا ئىشلەتكەننى كۆپ كۆردۈم ، سىز ئېغىر كۆرمەي ئىزدەش ماتۇرلىرىدىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز ، مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ باقاي .
  • بولىدىغان ئامالكەن ، مەنمۇ بىرنەچچىسىگە بلوگىمنى قوشتۇم... پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .. رەھمەت !
    博主 对 Xadlik 的回复: 2009-04-23 09:58:58
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! ھەمكارلىق .....
  • بۇ بلوگلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىشىمىزدىكى ياخشى ئاماللاركەن. رەھمەت سىزگە.
    博主 对 تارىم 的回复: 2009-04-17 09:46:12
    ئەرزىمەيدۇ ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ! ئەلۋەتتە ياخشى ئۇسۇللارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشساق ئوبدان ئەمەسمۇ !

باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]