-
بەلكىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39920251.html
مەن ئۇنىڭغا كۆيەرمەن بەلكىم،
يۈرۈگۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن.
مارجان ياساپ سوۋغات قىلارمەن،
پاك سۆيگۈمنىڭ گۆھەرلىرىدىن.ئۇ كۆڭلۈمنى بىلگەندۇر بەلكىم،
يىپىپ ئىيتقان گەپ-سۆزلىرىمدىن.
سۆيگۈ ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان،
ئاشىقانە قوي كۆزلىرىمدىن.ئۇ باشقىغا كۆيەدۇر بەلكىم،
بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ.
ۋايسىمايمەن شۇنداق بولسىمۇ،
كۆڭۈل دىگەن چۈنكى ساراڭغۇ!؟مەنزىلىمىز يىراقتۇر بەلكىم،
يىتەلەرمىز يا يىتەلمەسمىز.
بىر قازاننىڭ ئېشىنى بەلكىم،
ئىچەلەرمىز يا ئىچەلمەسمىز.历史上的今天:
ئانا ۋە ئوغۇل 2009-05-25گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن 2009-05-25ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلپ 2009-05-25دۇتتارچى يىگىت 2009-05-25يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ 2009-05-25