-
ئانا ۋە ئوغۇل - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39925562.html
ئانا
ئەللىك ياشتىن ھلقىغان ئانا،
تېنىم تاپماي ئىشلەيدۇ كۈندە.
يىراقتىكى ئوغلىنى ئويلاپ،
كىرپىك قاقماي چىقىدۇ تۈندە.ئاسان ئەمەس تۇرمۇشنى قامداش،
يولدىشى يوق بۇ تۇل ئانىغا.
پۇل سىلىشى كېرەك ھەر ئايدا،
ئوقۇغىلى كەتكەن ئوغلىغا.ئوقۇتۇشقا ئوغلىنى ئانا،
باغلىۋەتكەن بىلىنى بەك چىڭ.
ۋاز كەچمەيدۇ ئىرادىسىدىن.
بولسىمۇ گەر داۋان تۈمەنمىڭ.ئوغۇل
بىرىۋىلىپ ئالىي مەكتەپكە،
ئۇنتۇپ كەتتى ئوغۇل ئەسلىنى.
ياخشىلارنى كۆزىگە ئىلماي،
ئۈلگە قىلدى لۈكچەك-ئەسكىنى.تورخانىدا ئوينايدۇ دائىم،
كۈنلەپ-كۈنلەپ كىرمەي دەرىسكە.
كىمنى كۆرسە پۇل سوراۋىرىپ،
بوغۇلدى ئۇ قات-قات قەرىزگە.مەي ئىچىدۇ تېخى بەزىدە،
لۈكچەكلەرگە ئۈلپەتداش بولۇپ.
گەپ ئاتىدۇ قىزلارنى كۆرسە،
ھاراق پۇراپ دەلدەڭشىپ تۇرۇپ.
*** *** ***
ئانا، ئوغۇل ئىككى خىل دۇنيا،
ئىككىسىدە ئككى خىل خىيال.
گەپ ئاڭلىماس بەڭباش ئوغلىغا،
ئانا ئەمدى قىلار نەئامال!؟历史上的今天:
گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن 2009-05-25ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلپ 2009-05-25دۇتتارچى يىگىت 2009-05-25يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ 2009-05-25كاچىتىڭغا ئۇرماقچى ئىدىم 2009-05-25