باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • بلوگبۇس سۇپىسىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار - [ماقالىلىرىم]

    2010-12-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/86279836.html

    بلوگبۇس سۇپىسىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار

      بلوگبۇس ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەقسىزلىقى ، ئىشلىتىشكە قولايلقلىقى،ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغانلىق بىلەن دىققىتىمىزنى تارىتقان، كۆڭلىمىزگە ياققان  ئىدى. مانا ئەمدى بەزى كودلارنى قوللىماسلىق، ھۆججەت يوللىغىلى بولماسلىق، ئىنكاسقا چەك قويۇش، بەزىدە ئىنكاس رامكىسى ئىچىلغىلى ئۇنىماسلىق،يېڭى يوللغان تېمنى 10-15مىنۇتتىن كىيىن ئاندىن باش بەتتە كۆرسىتىش قاتارلىق بىر قاتار ئاۋارىچىلقلار چىقىپ كەڭ بلوگگېر دوسىتلارنى تەشۋىشكە سېلىۋاتىدۇ.

    بلوگبۇس ئۇسلۇپلىرى مۇۋاپىققىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇر بلوگگېرلار ئارقا- ئارقىدىن بۇ سۇپىدىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى كۆڭۈللۈك ھەم جاپالىق سەپىرىمىزنى باشلىغان ئىدۇق. بىز بىر-نەچچە يىللىق بلوگگېرلىق ھاياتىمىزدا، « دۇنيا قارا» ،«تارىم»، «بىزنىڭ بلوگ»، «يازاي بلوگ» قاتارلىق نەچچە – ئونلىغان ئۇستاز بىلوگلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ يامان ئەمەس نەتىجىلەرگە ئېرشكەن ئىدۇق. ئەمدىلىكتە، بلوگبۇسنىڭ بايا سۆزلەپ ئۆتكەندەك بىر-قانچە كەمچىلىكلىرى رايىمىزنى قايتۇرغىلى تۇردى.

     ئەگەر بلوگبۇس ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈگەتمىسە، قانچىلىك ئابۇنىتنى تۇتۇپ قالالار؟ بىزنىڭ بلوگبۇستىكى كۆڭۈللۈك ھاياتىمىز قانچىلىك داۋاملشار؟

    يېغىپ ئېيتقاندا «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق» دېگەندەك، بلوگبۇس سۇپىسىدا بلوگ يېزىۋاتقانلار ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكا جەھەتتىىكى ئاجىزلىقىمىزنى تۈگىتىپ، باشقا سۇپىلارغا يۆتكىلىشنىڭ غېمنى قىلمىساق بولماپتۇ. ئاخردا بلوگبۇس سۇپىسىدىكى دوسىتلارغا دەيدىغىنىم: ھورۇنلۇق قىلماي،PJبلوگ، WordPress بلوگ بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنسەك، بىلمىگەن يەرلىرىمىزنى مۇشۇبلوگ سۇپىلىرنىڭ ئەھلى بولغان « تەدبىركار»، «ئۇيغۇربەگ» قاتارلىق بلوگلاردىن دادىللىق بىلەن سورىساق (سورىغانغا پۇل ئالمىغاندىن كىيىن)، ۋاقتى كىلىپ بلوگبۇس سۇپىسى يەنىلا ئوڭشالماي قالسا، كۆچۈشىمىزگە ئاسان بولاتتى. ئەگەر ئوڭشىلىپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق، يەنە يېڭى بىر بىلىم ئۆگىنىۋالغىنىمىز قالىدۇ. يا بولمىسا بلوگبۇستىن پەقەت مىھرىمىزنى ئۈزەلمىسەك ئىككىلى سۇپىدىكى بلوگنى تەڭ يېزىپ ماڭساقمۇ بولىۋىرىدۇ.

    2010.12.04

     


    收藏到:Del.icio.us