باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە - [تاغدىن- باغدىن]

    2010-12-11

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/88292577.html

     " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە ئىككى ماقالە

    مەن تور ئارىلاش ۋە ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم. قارىسام بۇ ئىككىلى ماقالىدە ئانچە - مۇنچە كەمچىلىكلەر بار ئىكەن، لېكىن بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرنىڭ كەمچىلىكنى تولۇقلىيالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇ ئىككى ماقالىنى بلوگىمغا جەم قىلىپ تورداشلارنى " دوكتۇر ئاشتى " ئاتالغۇسى توغرىسىدا، چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقىغا قارىماي تورخانىغا يۈگۈردۈم- دە ئىشنى باشلىۋەتتىم.

     

    " دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى

    غوجائەخمەت يۇنۇس

     جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى- يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كىلىپ تۇرىدۇ، بۇ يېڭى شەيئىلەرگە ئاقىدار يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىش، مۇقىملىشىش جەريانى بولىدۇ، ئۇلاردىن مۇۋاپىق قويۇلغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا مۇقىملىشىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغانلىرى قوللىنىش جەريانىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، توغرىسى مۇقىملاشتۇرىلىدۇ.

        ھازىر بەزى گېزىت- ژورناللىرىمىز، كىتاب- ماتىرىياللىرىمىز، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروەىراممىلىرىمىزدا " دوكتۇر ئاشتى " دەپ قوللىنىلىۋاتقان " پوسىتدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامرېكىدا پەيدا بولغانلىقىغا 132يىل بولغان بولسىمۇ، پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاران 23 يىل بولدى. دېمەك بۇ تۈزۈم مەملىكىتمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا يېڭى ئىش. شۇڭا " پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇنى " ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى" قاتارلىق ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن.

       " پوستدوكتۇر " دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇ تىلىدا 博士后دەپ ئاتىلىدۇ ۋە يېزىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا 1992-يىلى 10- ئايدا " ئالىي دوكتۇر" دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ئاتالغۇ بىر مەزگىل شۇنداق قوللىنىلغاندىن كىين " دوكتۇر" دېگەن ئىلمىلي ئۇنۋاننىڭ ئالىي، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىكى بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 1993-يىلى " دوكتۇر ئاشتى" دەپ بېكىتىلگەن. " دوكتۇر ئاشتى" دېگەن ئاتالغۇدىن بۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى " مانا مەن " دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇنىڭمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغانلىق ھېس قىلىنغان. ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى 1994-يىلى بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى بويىچە " پوستدوكتۇر" دەپ قوللىنىشىنى بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1995-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە نەشىر قىلىنغان " قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار لۇغىتى" ( مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى9-ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار" ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىل 4- ئايدا نەشىر قىلىنغان)، " خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار لۇغىتى"( شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2004-يىل 9-ئايدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئۈچ لۇغەتتە بۇ ئاتالغۇ بىردەك " پوستدوكتۇر" دەپ ئىلىنغان. بۇ ئۈچ لۇغەتنىڭ باش تەرىپىگە ش ئۇ ئا ر، مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومېتىتى ۋە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش بېكىتىش كومېتىتى تەرىپىدىن يېزىلغان " كىرىش سۆز" نىڭ ئاخىرىغا " بارلىق ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئاتالغۇلارنى مۇشۇ لۇغەتتىكىسى بويىچە قوللىنىشىنى سورايمىز " دېگەن تەلەپ قويۇلغان. دېمەك " دوكتۇر ئاشتى " دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئىستىمالدىن قالدۇرۇلغانلىقغا 14 يىل بولدى.

      ئەمدى " پوستدوكتۇر" دېگەن ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چېقىشىى ، ئۇنىڭ بېرىدىغان مەنىسى ۋە پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلۇش جەريانى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

         1876-يىلى ئامېرىكىدىكى جون خوپكىنىس ئۇنېۋرسىتېتىدا مۇنەۋۋەر ياش ئالىملارنىڭ ياخشىراق تەتقىقات شارائىتىدا ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلىنىدىغان بىر خىل تەتقىقات فوندى تەسىس قىلىنغان . دەسلەپتە فوند ئارقىلىق ياردەن بېرىلگەن 20ئادەم ئىچىدە تۆت ئادەم دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ بولغان بولغاچقا ، بۇ ياش ئالىملار " پوستدوكتۇر" دەپ ئاتالغان.

        ئەمەليەتتە، پوسىتدوكتۇرلۇق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كىيىنكى بىر جەرياندىلا ئىبارەت ، بۇ ئىلمىي ئۇنۋان ئەمەس، كەسپىي ئۇنۋانمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەزگىللىك تەتقىقات خىزمىتى ھېساپلىنىدۇ.

        دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا يېڭى ئېتىشكەن كىشىلەر مەخسۇس تەتقىقات خادىمىغا رەسمىي ئايلىنىشتىن ئىلگىرى رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار تارماق بېرىدىغان ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ، سەۋىيەسى يۇقىرراق بىر تەتقىقات ئورگىنىدا بىر مەزگىل تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلمىي تەجىرىبە ھاسىل قىلىۋاتقان مەزگىلدە " پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقات خادىمى" ( قىسقارتىلىپ" پوستدوكتۇر" ) دەپ ئاتىلىدۇ. پوستدوكتۇرلۇق مەزگىلى دېگىنىمىز دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئالىي مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورگىنىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ھەمدە بىلىمىنى داۋاملىق تاكاممۇللاشتۇرۇش باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ، پوستدوكتۇر بولسا، مۇشۇنداق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىلىمىنى داۋاملىق تاكاممۇللاشتۇرغان، شۇنداقلا پوستدوكتۇرلۇق سەييارە پونكىتىدا مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

        نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان فىزىكا ئالىمى لى جېڭداۋ ئەپەندى 1983-، 1984-يىللىرى يولداش دېڭ شىياۋپىڭغا ئىككى قېتىم خەت يېزىپ، جۇڭگودا پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن. يولداش دېڭ شىياۋپىڭ 1984-يىلى 5-ئايدا خەلق سارىيىدا لى جېڭداۋ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىلىمىزدە پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرى ۋە لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كىيىن، " بۇ بىر يېڭى ئۇسۇل ئىكەن، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئىشقا قويۇش تۈزۈمى ئىكەن" دېگەن. كىيىنكى يىلى 7-ئايدا گوۋۇيۈەن پوستدوكتۇرلۇق ئىلمىي تەتقىقات سەييارە پونكىتىنى تەسىس قىلىش، پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمىنى ئېلىمىزدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلىغان، شۇنىڭ بىلەن پوستدوكتۇرلۇق تۈزۈمى مەملىكىتىمىزدە رەسمىي بەرپا قىلىنغان.

         دېمەك، پوستدوكتۇرلۇق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئەمەس، بەلكى بىر خىل خىزمەت، دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بولسا، پوستدوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىشتىكى زۆرۈر شەرت ھېساپلىنىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن " دوكتۇر ئاشتى" دېگەن ئاتالغۇنى قوللانماسلىق لازىم.

       بۇنىڭدىن سىرىت " دوكتۇر يېتەكچىسى"، " ماگىستىر يېتەكچىسى" دېگەن ئاتالغۇمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغان. بۇنىڭ سەبى: ئالاقىدار ئادەم دوكتۇرلۇق ياكى ماگىستىلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغانلارنىڭ يېتەكچىسى ئەمەس، بەلكى بۇ ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئەمدى ئالىدىغانلارنىڭ يېتەكچىسى، يەنى ئۇ دوكتۇرلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاسپىرانىتلارنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، " دوكتۇرلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالىدىغان ئاسپىرانىتلارنىڭ يېتەكچىسى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى ئاتالغۇنى " دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى"، " ماگىستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى" دېگەن مۇۋاپىق.

    " ئىلى گېزىتى" 2010-يىل 11-ئاينىڭ 23- كۈنى (سەيشەنبە) كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

    «دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.

    يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.

    ئوقۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋان دوكتورلۇق، شۇڭا ئۇنى ئادەتتە ئاخىرقى ئۇنۋان ( Terminal Degree ) دەپ ئاتايدۇ. ھەر قايسى دۈلەتلەردە دوكتورلۇققا قۇبۇل قىلىش ئوسۇللىرى ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋان ئىكەنلىگى بىردەكلىككە ئىگە.  يەنە بەزى كەسپلەردە مەسىلەن مېدىتسىنا، قانۇن دىگەندەك كەسىپلەردە دوكتور ( PhD ) دەپ ئاتىماي باشقىچىراق ( مەسىلەن MD  دىگەندەك ) ئاتايدۇ.

    دوكتور ئاشتىلىق بولسا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كىينكى بىر مەزگىللىك خىزمەت. لېكىن ئۇنىڭ كەينىدە «ئاشتى» دەپ قوشۇمچىسى بولغاچقا ئادەملەردە بۇ دوكتۇردىنمۇ يوقىرى ئۈنۋان ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشەنچە بوپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ژورنالىستلاردا.

    دوكتور ئاشتى چۈشەنچىسى 1960 -يىللاردا ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىپ بۇلالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت تېپىۋالغۇچە ئىشلەپ تۇرۇش پۈرسىتى يارىتىپ بىرىش. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا يىل چەكلىمىسى بۇلىدۇ، مەسىلەن 5يىل، 7 يىل دىگەندەك. بەزىدە قىلىۋاتقان تەتقىقات سەۋەپلىك بەزىدە ئوقۇچىلار تەتقىقاتنى يېرىم يولدا تاشلاپ كىتىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ياكى يىتەكچى ئوقۇتقىچىسى ئۇنى خالىمايدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىنىڭ يىل ۋاختى توشۇپ قالغان. بۇ يەردە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش ئوقۇغۇچى پۈتتۈرگەندىن كىينلا مەكتەپتە ئېلىپ قېلىپ ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشلىتىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك. شۇڭا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار نىسبەتەن تۈۋەن بولغان مائاش بىلەن دوكتور ئاشتى دىگەن نام بىلەن دوكتور پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ ئاتاق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىلا بۇلىدۇ.  جۇڭگۇدا 90-يىللاردىن تارتىپ يولغا قويۇلغان. جۇڭگۇدا ئادەتتە « دوكتور ئاشتىلىق خىزمەت پونكىتى» دەپ ئاتاپ مەزكەزدىن مەخسۇس تەستىقلايدۇ.  ئامرىكىدا پروفىسسورلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتى بولسىلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ دوكتور ئاشتى ئېلىپ ئىشلىتىدۇ، دوكتور ئاشتى قىلىۋاتقانلار بۇ چاغدا ئوقۇمايدۇ بەلكى خىزمەت قىلىدۇ، ۋاختى تۈگىگەندىن كىيىن دوكتۇر ئاشتى خىزمىتىنى تاماملىدى دەپ بىر كىنىشكە بىرىدۇ،ئۈنۋان بەرمەيدۇ.  يەنە مەسىلەن ئامرىكىدا دوكتور ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئامرىكى ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچى ۋىزىسى (F1) بىرىدۇ، دوكتور ئاشتلىق قىلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ۋىزىسى (H1) ياكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋىزىسى (J1) بىرىدۇ. ئادەتتە فاكولتىت ياكى تەجرىبىخانىلار خادىملارنى چۈشەندۇرۇپ چىقىرىپ قويغان تاختاي ياكى تور بەتلىرىدىمۇ دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا، دوكتور ئاشتىلارنى تەتقىقاتچى خادىملار قاتارىغا تىزىدۇ.

    ھازىر دوكتور ئاشتى خىزمىتى بىر قەدەر ئومۇملىشىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىشنى كۈزلىگەنلەر ئاۋال دوكتور ئاشتىلىق ئىزدەپ بولۇپمۇ ياخشى ئۇنۋېرسىتىتلار ياكى دۈلەتلىك تەجرىبىخانىلاردا بىر مەزگىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۈزىنىڭ تەتقىقات قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە تەجرىبىسىنى ئاشۇرىدۇ.  بەزىدە 3-4 قېتىم دوكتور ئاشتلىق قىلىدىغانلارمۇ بار.

    ئادەتتە دوكتور ئاشتىلىق تارىخى بارلارنى چاقىرغاندا، ئاتىغاندا يەنىلا ئۇلارنى دوكتور دەپ چاقىرىمىز.  يەنى دوكتور ئەركىن سىدىق دەپ( دوكتور ئاشتى ئەركىن سىدىق ئەمەس). يازغاندىمۇ دوكتور پالانچى دەپ يازىمىز، بۇلار مەيلى ئېغىزچە مەيلى يېزىقچە بولسۇن شۇنداق. ئەگەر دوكتور يىتەكچىس بولسىمۇ ئۇلارنىمۇ يەنىلا دوكتور دەپ چاقىرىمىز، يەنى دوكتور پالانچى دەپ (دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ ئەمەس) ئۇلارنى تۇنۇشتۇرغاندا ئاندىن پالانچى يەردە دوكتور ئاشتىلىق قىلغان دەپ يازىمز،جۇڭگۇدا بولسا ئۈزى ھازى دوكتور يىتەكچىسى دەپ قېتىپ قويىدۇ. جەدۋەللەرنى تولدۇرغاندىمۇ ئوقۇش ئۇنۋانى (学位) دىگەن يەرگە دوكتور دەپ يازىدۇ.

    غەرىپتە ئادەتتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولغانلارنى خىزمەتتە، سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ۋە باشقا رەسمى (Official) ئورۇنلاردا، ئىشلاردا دوكتور پالانچى دەپ چاقىرىش ۋە يېزىش ئادەتكە ئايلانغان. مىىنىڭچەبۇ ياخشى ئادەت، بۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك. بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قەستەن ماختىغانلىق ئەمەس. بۇنداق دىيشىمىدىكى سەۋەپ بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دوكتورلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ماقالە يازغاندا دوكتور پالانچى دەپ يازسام چەتئەلدىكى بەزى ئۈزىنى ئوبامادىن چوڭ كۆرىدىغانلار «دوكتور بولسا نىمە بوپتۇ، بىزگە نىمىش قىپ بىرىپتۇ، ماڭا 10 كوي پۇل بەردىمۇ» دەپ يۇقىرى سوتنىڭ سوتچىسىدەك مىنى سوتلاپ كىتپتىكەن ئۈيىدە ئولتۇرۇپ رەسىمىمنى سوتلاپ. بۇ  مىنىڭچە يەنە بىر جەميەت بىلىمى ساۋاتسىزلىقى.

    ئۇندىن باشقا يەنە ئۇنۋېرسىتىتلاردا پىروفىسسور بولسا  گەرچە ئۇلار دوكتور بولسىمۇ ئۇلارنى پروفىسسور دەپ چاقىرىدۇ. بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرغاندا، خىزمەتداشلار ئۆزئارا چاقىرغاندا، ئاكادىمىيە خىزمەتلىرىدىن سىرتتىكى ئادەملەر پروفىىسورلارنى چاقىرغاندا پروفىسسور دەپ چاقىرىدۇ. لېكىن دوكتور دەپ چاقىرسىمۇ بۇلىدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ فاكولتىتىكى ئىشخانا خادىملىرى قاراپ باقسام شۇنداق چاقىرىدىكەن. ئۇندىن كىيىن ئۇنۋېرسىتتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق دوكتورلارنى دوكتور دەپ ئاتىسا بۇلىدۇ ( چۇنكى ئۇ ئۇرۇنلاردا پىروفىسسور ئاتالغۇسى يوق).

    بۇندىن كىين تورداشلار تېلىۋىزىيە، گىزىت، ژورناللاردا خاتا ئاتىغاننى كۆرسە تۈزىتىش بىرىشىنى، شۇنداق تونۇشلىرى بولسا چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى سورايمەن. بۇلار مىنىڭچە قېلىپلىشىشى كىرەك.

    مەنبە: جېك بىلوگى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us