-
بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە
2010-11-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/82427346.html
بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە
بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە،
چىدارسەنمۇ مەنسىز ياشاشقا.
مەن سۆيگەندەك سۆيەرمۇ سېنى،
ئازاپلىرىڭ ئايلىنىپ ياشقا.بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە،
شوخلۇقلىرىڭ كىتەرمۇ يوقاپ.
چۈشتەك شېرىن ئۆتكەن كۈنلەرنى،
تۇرارسەنمۇ ئاۋايلاپ پۇتاپ.بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە ،
ئايدىڭ كەچلەر تۇتارمۇ ھازا.
خىلۋەت جايلار پاتارمۇ مۇڭغا،
ۋۇجۇدىغا چىرمىشىپ يېغا.بىز ئايرىلىپ كەتسەك ئەگەردە،
چىدارمەنمۇ مەنسىز ياشاشقا.
ئايلىنارمەن بەلكىم ئۇ چاغدا،
جاھاندىكى ئەڭ قاتتىق تاشقا.
收藏到:Del.icio.us
评论