باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • يۈرىگىمنى يوقىتىپ قويدۇم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-07-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41727068.html

    يوقاپ كەتتى ئەبلەخ يۈرىگىم،
    سەن يىنىمغا كەلگەندىن بىرى.
    ئاھ ئۇرىمەن پىنھان جايلاردا،
    بولۇپ قالدىم دەرتمەنلەر پىرى.

    كۈلەلمەيمەن يۈرەك قتىمدىن،
    چۈنكى مەندە يۈرەك بولمىغاچ.
    سېنى ئويلاپ جمىپ كىتىمەن،
    ئۆزۈم يالغۇز شېئىر ئوقۇغاچ.

    تاماكامنى شورايمەن قاتتىق،
    ۋەيران قىلسۇن ئۆپكەمنىمۇ دەپ.
    كۆرۈپ مېنىڭ نىمجان روھىمنى،
    تېمەن جىسمىم كىتەر ئىسدەپ.

    ئەركەك دىگەن تۆكمەيىتتى كۆز ياش،
    كۆكرىكىگە پىچاق يىسىمۇ.
    تۆكۈلىمەن دەيدۇ ياشلىرىم،
    بۇ ئۇدۇمنى ئوبدان بىلسىمۇ.

    ياق! بولدى قىل تۆكۈلمە يىشىم،
    چۈنكى مەن بىر غورورلۇق ئەركەك.
    ئەسىر بولۇپ قىلدەك ئازاپقا،
    ئاتالغۇم يوق مازغىلاپ بەزگەك.

              ***        ***       ***
    سىرداش بولار ماڭا كىچىدە،
    پىلدىرلىغان كوچا چىرىقى.
    نىشانسىزلا كىتىپ بارىمەن،
    ھەممە يەردە ئازاپ پۇرىقى.

    غەمسىز ئۇخلاپ يۈرگىنىڭ بىلەن،
    مەن يۈرىمەن تۈننى قوچاقلاپ.
    قوغلىماقچى بولدى ياتاققا،
    سوغۇق شامال يۈزۈمنى سىيپاپ.

    ئەي ئىنساپسىز يۈرەك ئوغرىسى،
    يۈرۈگۈمنى بەرگىن قايتۇرۇپ.
    ياكى شۇنداق خۇشال بولامسەن،
    مېنى ھەريان يۈرسەڭ چاپتۇرۇپ؟

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، لېكىن شۇ تاماكا چېكىپ دېگەندەك جايلىرى بىز ئاز ئويغا سېلىپ قويدى ،
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، لېكىن شۇ تاماكا چېكىپ دېگەندەك جايلىرى بىز ئاز ئويغا سېلىپ قويدى ،
  • گەرچە شېئىر بولسىمۇ سىزنى ئاشۇ دەرتكە دۇچار قىلغان ئادەم سىزنىڭ تاماكا چېكىپ ، ئاھ ئۇرۇپ يىغلىشىڭىزنى ئەمەس ، تىك تۇرۇپ ئالدىغا كىلىپ سىزنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىڭىزنى ساقلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن
  • بىلسىڭىز ئەتتىرگۇلنىڭمۇ تىكىنى بار، ئەگەر ئەتىتىرگۇل ئۈزمەك بولسىڭىز ،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قان شورىغۇچ تىكىنىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كالماڭ ........
    ئازغۇن回复شوخ سەنەم 说:
    شوخ سەنەم خانقىز بۇ تەرىپىنى ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت! قېنى شۇنداق قىلىشقا بىر تېرىشىپ باقاي. ياتەۋەككۇل!
    2009-07-04 22:29:00