باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئاشىق بايانى (نەسىر) - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-07-02

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/41789533.html

    قۇشلارنىڭ سەھەردە چاڭىلداپ سايرىغان ئاۋازى مېنى شرىن چۈشلەرنىڭ قوينىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئازاپلىق مىنۇتلىرىمنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ تاپتا مۇشتۇمچىلىكمۇ كەلمەيدىغان يۈرىگىم تاغدەك ئىغىر دەرتلەر ئاستىدا جان تالىشىۋاتاتتى.
         ئازاپنى يەتكۈچە تارتىپ چۈمۈلىچىلىكمۇ جىنى قالمىغان يۈرىگىم خىياللىرىمغا تۇتقۇن بولدى. كۆزۈمنى يۇمدۇم. سەن خۇددى چۆچەكلەردىكى پەرىشتىلەردەك دېرىزەم ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدۇڭ. سېنى ھەممە يىرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان غىرىپ كۆلبەمگە تەكلىپ قىلدىم. سەن يەڭگىل باش لىڭىشتقىنىڭچە، سىپايە قەدەملىرىڭ بىلەن كىرىپ كەلدىڭ. ساڭا سۆزلەۋاتىمەن. بۇگۈن كەلگەنلىكىڭگە تەشەككۇر ئېيتىشنى ئۇنتۇپ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەي يۈرگەنلىرىڭنى، مېنى ئىشىق ئوتىدا قىينىغانلىرىڭنى دوق قىلىپ ئاچچىقلاندىم. سەن ھەربىر ئىغىز سۆزۈمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاۋاتاتتىڭ. بىراق نىمە ئۈچۈندۈر بىرەر ئىغىزمۇ سۆزلىمەي ئولتۇراتتىڭ. قانچىلىك ۋاقىت سۆزلىگىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتلاردا سۆزلەشتىن توختىدىم. سەن شۇ چاغدىلا ئىغىز ئىچىپ: «مېنى كەچۈرۈڭ! ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە» دىگەن ئىككى جۈملىلا سۆزنى قىلدىڭ. ئۇ سۆزنى تەكرارلىماقچى بولدۇڭ : «مېنى كەچۈ...» مۇھەببەت تەپتىدە قىزىپ كىتىۋاتقان ئوتتەك ئالقىنىم ئىغىزىڭنى توسۇپ ئۈلگۈردى. نىمە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بەلكىم ھېلىقى ئىككى كۇپلىيىت شېئىرنى تېلىفۇن نۇمۇرىڭ بىلەن قوشۇپ ماڭا بەرگەنلىكىڭنى ۋە تېلىفۇن قىلىشىمنى قايتا_قايتا تاپىلىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭنىڭ خاتالىقى دەپ بىلسەڭ كېرەك. راسىت! شۇ ئىشتىن بۇرۇن سەن بىلەن تۈۈكمۇ تونۇشمايىتتىم. ئۇچرىشىپ قالغان چاغلىرىمىزدا ئەدەپ يۈزتىدىن باش لىڭىشتىپ ئۆتۈپ كىتەتتۇق خالاس. ئۇ چاغلاردا شۇنداق بىغەم ياشايىتتىم. شېئرىڭنى ئوقۇغاندىن، تېلىفۇن نۇمىرىڭنى بىلگەندىن كىيىن بۇ ئەھۋاللار ئاستا_ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. تونۇشتۇق، سىرداشتۇق. ئۇچرىشىپ قالساق تۈگىمەس پاراڭغا چۈشىدىغان بولدۇق.
             ساڭا تۇنجى قېتىم تېلىفۇن قىلىپ بىللە ئايلىنىپ كىلىشكە چاقىردىم. ھايال ئۆتمەي يىنىمدا پەيدا بولدۇڭ. بىز نۇرغۇن يوللارنى پىيادە باستۇق. يول بويى كۈلۈشۈپ، چاقچاقلىشىپ مېڭىپ يول ئازابىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى سەزمەي قاپتىمىز. بىر چاغدا ئاسمانغا قاراپ ھەم ھەيران قالدۇق ھەم كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئاللىقاچان تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ تۇلۇنئاي بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇراتتى. بىز ئۆز_ئارا قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.                                     
          ساڭا ئىككىنچى قېتىم تېلىفۇن قىلدىم. ئۈچىنچى قېتىم تېلىفۇن قىلدىم ... تېلىفۇن قىلىش سانىنىڭ كۆپىيىشى، قەلبىمدىكى ئورنۇڭنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدە قەغەز يۈزىگە يېزىپ بەرگەن تېلىفۇن نۇمۇرىڭ سىمايىڭ بىلەن بىرگە يۈرىكىمگە تامغىدەك ئويۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن غەمسىز كۈنلىرىم ئاخىرلاشتى.

    分享到: