-
چىغىر يوللار تونۇيدۇ بىزنى - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2010-06-21
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/66704108.html
چىغىر يوللار تونۇيدۇ بىزنى،
بىز ئۇنىڭدىن ماڭغاچ تالاي رەت.
چىغىر يولدا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى،
سەن، مەندىكى مەسۇم مۇھەببەت.
چىغىر يوللار تونۇيدۇ بىزنى،
بولسۇن كۈندۈز ياكى ئاخشىمى.
ئېيىتساق، ئاڭلاپ مۇڭغا پاتىدۇ،
قوش يۈرەكتىن چىققان ناخشىنى.
چىغىر يوللار تونۇيدۇ بىزنى،
بىلەر كۈلكە يېغىمىزنى ھەم.
داۋالغۇماي ئۆتكەن سۆيگۈدە،
قانداقلارچە بولسۇن شېرىن تەم؟
چىغىر يوللار تونۇيدۇ بىزنى،
بارساق قارشى ئالىدۇ كۈلۈپ.
ھەۋەس بىلەن باقىدۇ بىزگە،
يانساق سۆيگۈ پەيزىنى سۈرۈپ.
评论
مەن سىلەرگە بۇنچىلىك ياراپ قىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، قارىغاندا خېلى ياخشى يازغان ئوخشايمەن.