-
ھىجران كۈيى - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2010-06-24
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/67003842.html
چىلىپ مۇڭلۇق ھىجران كۈيىنى،
كەتمەك بولدى قىزچاق يىراققا.
يىگىت باغرى بولدى سەكپارە،
چىدىيالماي ئازاپ-پىراققا.
ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن،
قىزچاق مەيۈس پۇلاڭلاتتى قول.
يىگىت دېدى بوغۇلۇپ تۇرۇپ:
خەيىر جېنىم تىلەيمەن ئاقيول.
قوزغالغاندا ئاپتۇبۇس يەڭگىل،
سىرغىپ چۈشتى قىزچاقنىڭ يېشى.
بازغان بىلەن ئۇرغاندەك بېرى،
زېڭىلدىدى يىگىتنىڭ بېشى.
يولدا ماڭماي ئاپتۇبۇس بەلكى،
قوش يۈرەكنىڭ ئۈستىدە ماڭدى.
چىدىيالماي ھىجرانغا، ئوۋدەك ـ
بىر جۈپ يۈرەك تىپىرلاپ قالدى.
评论