باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى2 - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-12-09

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87943959.html

    پاكىت تەھلىلى(3)
    بىر قۇتۇپقا ئېغىش كېسىلى: «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟»


      2007 ـ يىلى «ئىزدىنىش» تورىدا «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن تېمىدا ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشقان، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشقان بىر مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. تېما يوللىغۇچى بىر پەلسەپە ھەۋەسكارى بولۇپ، پەلسەپەدىن يېڭىچە بىلىملەرنى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىنتېر تورىغا بۇ تېمىنى يوللىغانىكەن. ئارىلىقتا بۇ تېمىغا مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتىلقتا ئوقۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە غەبتە پەلسەپە ۋە باشقا ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. مەن بۇ تېمىدىن ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىمنىڭ دەۋستى ئارقىلىق كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ تۇرغا كىرگىنىمدە، مۇنازىرە كۆڭۈلسىز تۈس ئېلىشقا باغلىغانىكەن. سەۋەبى، بۇ مۇنازىرىگە ئىككى تەقۋادار تورداش ئىشتىراك قىلىپ، «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەك» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى مۇنساپىققا، خفئىندىن خائىنغا چىقىرىپ، «ئۇيغۇرلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىمىز يېتىپ ئاشىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەنكەن. نەتىجىدە، بۇ تېمىدا ناھايىتى ئىلمىي، سوغۇققان بىر ـ ئىككى تورداش بۇ تېمىدىن چېكىنىپ چىقىتپۇ، تېما كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىپتۇ.
       بۇ ھال مېنى ئۇزۇنغىچە ئويلاندۇرۇپ قويدى. مېنىڭچە، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنى يارىتىشقا تىرىشىشى ھەم مەۋجۇدلۇقى، ئەقلىي قۇۋۋىتى، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پەلسەپە ئۆگىنىش كېرەك  ئىدى. ئەقىدىدىن، تۈپكى، روھىي پىرىنسىپلاردىن چەتنىمىگەن ھالدا  يېڭىچە بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق ئىدى. ئەنە شۇنداق ئويلارنىڭ ئىلكىدە يۈرگەن كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە ئىلگىرى ئاچقان «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» سىنىپىمدا ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچى مەن ھەققىدە قىسقا بىر تېما يېزىپ، «ھاۋيدىكى ئۇيغۇر ياش» تېمىسىدا ئىنتېر تورلىرىدا ئېلان قىلىپتۇ. بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىدا مېنىڭ ھاۋايدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقانلىقىمغا ئائىت ئۇچۇر بار ئىكەن. تېمىدىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ،  تېما يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز مەن توغرىسىدا بىر نەرسە يازغىنىدىن ئەپسۇسلاندىم. بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىككى ئىنكاس كۈتمىگەن  يېرىمدىن چىقىپ،  ئەپسۇسلۇق  خىياللىرىمنى كۈچەيتىۋەتتى. بىر ئىنكاستا: «بۇ بالا غەربنىڭ زەھەرلىك ئىدىيەلىرىنى ئۆگەنگىلى تۇرۇپتۇ ـ دە! نېمە قىلارىدى گۇناھقا شېرىك بولۇپ!» دەپ يېزىلغان ؛ يەنە بىر ئىنكاستا: «بىزگە جەمئىيەتشۇناسلىق، يەنە بىر نېمە شۇناسلىق كېرەك ئەمەس، ئىسلام ئەقىدىسىلا كېرەك!» دەپ يېزىلغانىدى. بۇ مېنىڭ مۇشۇ خىل كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ ئىنتېرتورلىرىدا خېلىلا ئاۋۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرغان چاغلىرىم بولغاچقا، ھەيران قېلىپمۇ كەتمىدىم. مەن ئادەتتە ئىنتېرتورلىدىكى ئىنكاسلاردىن راي سىناش مېتودى سۈپىتىدە قىسمەن پايدىلىنىمەن، ئەمما ئىنتېرتورلىرىدىكى ئىنكاسلارنىڭ مەن توغرىسىدا ۋە باشقا يەنە بىر ئادەم توغرىسىدا يېزىلغان قىسملىرىغا بەك چىنپۈتۈپ كەتمەيمەن. ئەمما، بايىقى ئىككى ئىنكاس كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ھەم مەن «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن تېمىنى ئوقۇپ ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، مېنى ئويغا سالدى.
       مەن ئۆز تونۇشۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەر ھالدا بۇ ئىنكاسلارغا جىددىي قاراپ پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلرىنىڭ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى تەرەققىياتىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ماتېرىيال ئاختۇردۇم. بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ھېچقانداق بىر قورال كىتابتا، ھىچقانداق بىر يەردە «پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق زەھەرلىك» دېگەن پەتىۋا بېرىلمەپتۇ. ئەڭ قىزقارلىق يېرى ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن فارابىي، ئىبىن رۇشىد قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپەۋى سىستېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ئۆز دەۋرىدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن گىرېك پەلسەپەسىنى ئۆگەنگەنىگەن. ئەڭ قىزىق يېرى، جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىچىسى غەربتىن ئەمەس، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن چىققانىكەن. يەنى، 14 ـ ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام مۇتەپەككۈرى ئىبىن خالدۇن جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش پىرىنسىپلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ، فرانسىيەلىك ئاۋگۇست كومىت، ئېمىل دۇركىملاردىن تۆت ـ بەش يۈز يىل بۇرۇن جەمئىيەتچىلىك نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغان ۋە «مۇقەددىمە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى 1958 ـ يىلى نيۇ ـ يوركتا ئۈچ توملۇق كىتاپ بولۇپ نەشر قىلىنىپتۇ. يېقىنقى يۈز نەچچە يىلك مابەينىدىكى ئىسلام مۇتەپپەكۈرى ھېلىم زىيائۈلكەن ئىسلام ئالىمى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يېتىشكەن جەمئىيەتشۇناسلىق ، پەلسەپە ساھەسىدىكى ئىدىيەلەردىن چوڭقۇر خەۋەردار ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى نۇرغۇن پەتىۋاسىنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپتۇ[7]. بوسىنىيە ـ ھىرتسگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاتىسى، داڭلىق ئىسلام مۇتەپەككۈرى ئىززەتبېگۋىچ  «شەرق ۋە غەرب ئارىلىقىدا ئىسلام» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ زامانىۋى بىلىملەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىپتۇ[8]. بۈگۈنكى زاماندىكى داڭلىق ئىسلام ئالىمى، تۈركىيە مۇتەپەككۈرى فەتقۇللا گۈلەن غەبتىكى ئاكادېمىك سورۇنلارغا غەرب ئالىملىرى بىلەن ئىلمىي يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن[9]. ئەمما، مەن ھېچقايسى ئالىمنىڭ پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىملىرىنى چۆكۈرگىنىنى ئاڭلىمىدىم ياكى كۆرمىدىم.
      ئادىمىيەت، ـ ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى، بۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىيلار ئارىسىدا پىكىر لاماشتۇرماسلىق، ھەمكارلاشماسلىق ، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش خاھىشى ئېغىر؛ تەنقىد، بەھس ـ مۇنازىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزدە ئېغىر مەسىلە بار. بۇ ھال ئىلىم ئەخلاقى، تەتقىقات سۈپىتى، ئىلمىي بىلىشنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرمۇنچىلىغان پايسىدىز ئامىلنى روياپقا چىقاردى. بىر ئىجتىمائىي پەن زىيالىسى پۇل ـ مالنى چوڭ بىلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن بىر قەدەم تاشلىغان بولىدۇ. سەۋەبى، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى مەسئۇلىيەتچان، تىرەن پىكىر قىلىش، ئەستايىدىل ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پۇلنىلا تونۇش ئىلىم ئىگىسىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىنى كۆرۈشتە لازىم بولىدىغان يەنە بىر كۆزىنى توسۇپ قويىدۇ؛ تەسەۋرۇرىنى ماددىيەتكە ياغلايدۇ؛ نوپۇز ۋە تاۋار ئالدىدا قەددىنى باش ئەگدۈرمەيدۇ. فرانسىيە مۇتەپەككۈرى، قۇرۇلمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ مەشھۇر پېشىۋالىرىدىن بىرى لۇئىس لاسۇسېر نىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي پەنلەردە «قىلىۋاتقان پىكىرنى ئاخىرى چىقىپ ھەقدادىغا يەتكۈچە قوغلاش كېرەك». پىكىرنىڭ ئالىي ماقامىنى يارىتىش، ئۆزىنى ئىزدىنىۋاتقان تېمىدا يېڭى پىكىر ـ بايقاشنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ئۈچۈن بىر تەتقىقاتچى ھايات غەۋغالىرى، ماددىي مەئىشەت ۋەسۋەسىسى، ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئورۇنسىز سېلىقلىرىنى تەرك ئېتىش كېرەك. بولمىسام ئۇنىڭدىن تۈزۈك بىر نەرسە چىقمايدۇ. ئەمما، بىزنىڭ ھازىر كۆتۈۋاتقىنىمىز بىر بولسا تەتقىقات ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ساختا بىلىم، ماغزاپ بىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن يازما خارابلىقى؛ بىر بولسا خەلقىمىزنىڭ پىكىرىي قۇۋۋىتى، ئەقلىي مىراسلىرىغا ھېچقانچە پايدىسى تەگمەيدىغان، ئەمما ئىقتىسادىي پايدىسى بولغان ئاتالمىش «تەتقىقات تۈرلىرى» . مىسال ئۈچۈن ئالايلى، ھازىر ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىلەر ئاسپرانت تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بىر قانچىلا ساھە بار. ئۇنىڭ ئىچىدە فولكلور تەتقىقاتى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىر قەدەر راۋاجلانغان بولسىمۇ، مۇشۇ دەۋردە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تېما ۋۇجۇدقا چىقمىدى. مىسالەن، فولكلور نۇقتىسىدىن تامامەن ئىشلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان «ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق تارىخى» ، «ئۇيغۇرلاردا نۇمۇس مەدەنىيىتى» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىش تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى» ، «زامانىۋىلىققا ئۇچراشتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر قۇرۇلمىسى» ، «ئۇيغۇر ئەپسانە ـ راۋايەتلىرىنىڭ گېن قۇرۇلمىسى»، «ئۇيغۇر قىممەت قارىشى» ، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر تارىخى» قاتارلىق تالاي تېخى روپايقا چىقمىدى.

     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتئىي، خەمىت تۆمۈر، ئۇيغۇر سايرانىي، ھاجى نۇرھاجى، شەرىپىدىن ئۆمەر ... قاتارلىق مەرھۇم، مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىز ئۆز ساھەلىرىدە ئۆز دەۋرىگە ئائىت ئاكادېمىك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئارتقۇزۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. مىرسۇلتان ئوسمانوف ، ئابدۇكېرىم رەھمان، ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان قاتارلىق پېشقەدەم ئالىم ـ مۇتەخەسسىلىرىمىز ئۆز ساھەلىرىدە چامىسنىڭ يېتىشىچە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى؛ ئەجىر ـ مېھنەلتىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى.  ھالبۇكى، بۇنداق بىر يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىزدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئېڭى، ئۆزىمىزنىڭ بېلىش ئوربىتىسدىن تاشقىرىغىمۇ نەزەر سالالايدىغان جاسارەت ۋە داۋاملىق ھالقىش روھى بولۇشى زۆرۈر.
       ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بىلمەسلىك ھەم ئۆگىنىشكىمۇ قىزىماسلىق، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە. ئەدەبىيات ، ئېستېتىكا، تارىخ ، ئېتىكا، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ئادىمىيەت پەنلىرى، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، پىسىولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىيەت پەنلرىىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقتىن بېرى راۋاجلىنىپ، بېيىپ، يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان نەزەرىيەسى؛ خەلقئارادىكى ئاكادېمىك ئىلىم سورۇنلىرىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھەم تالاش ـ تارتىشقا پىلتە بولىدىغان ئىدىيە سىستېمىلىرى بولىدۇ. ئۇلارنى  ئۆگەنمەي تۇرۇپ، بۇ ساھەلەردە خالقئارادىكى ئېتىراپلىق تەتقىقات ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەس.  ھەر بىر پەندە كەسىپ ئىگىلىرى سىستېمىلاشتۇرغان، تالاش ـ تارتىش قىلغان، پىكىر قىلىپ بېيىتقان نۇقتىئىنەزەرلەر، بايانلار سىستېمىسى بولىدۇ. نەزەريەدە بىر ئۇمۇ يەنە بىر قۇم بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ۋە بىر ـ بىرىنى تەقەززا قىلغان بولىدۇ. مىسالەن، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا «ئەنئەنە» سۆزىنى مۇلازىدە قىلماقچى بولساق، تەبىئىي رەۋىشتە ئۇنىڭ زامانىۋىلىق ئۇقۇمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىمىز. بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەي تۇرۇپ مۇھاكىمە ئوبېكتى قىلىپ تاللىغان تېمىمىزنى يورۇتۇپ بېرەلەيمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، فولكلور تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مۇراسىملىرىنىڭ گېن قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ھەر بىر ياش فرانسىيە ئىنسانشۇناسى ھەم جەمئىيەتشۇناسى بولغان ئېمىل دۇركىمنىڭ، ئەنگلىيەلىك ئىنسانشۇناس ۋىكتور تۇرنېر نىڭ مۇراسىم ھەققىدىكى كىلاسسىك نەزەرىيەلىرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. دېمەك، نەزەرىيە ئۆگىنىش ـ ئىلىم تەتقىقاتى ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان، بىر ئىلىم ئىگىسى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتىدا نەزەرىيە سۆزى «تالانت، سىياسەت، مۇتەخەسسىس» قاتارلىق تۇرغان ئېيتمىغان ئوخشاش پاخال  قىلىۋېتىلگەن . نۇرغۇن ئادەم ماركىسنىڭ «كومپارتىيە خىتاپنامىسى»دا ئېيتىلغان بايانلىرىنىڭ توغرا چىمىغانلىقى ياكى ئىسپانتلانمىغانلىقىغا قاراپلا، ياكى دىن ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن نارازى بولۇپلا ئۇنىڭغا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتىدۇ. 

     مەن بۇ نۇقتىنى 2009 ـ يىلى 1 ـ يانۋاردا ۋە 2009 ـ يىلى 5 ـ مايدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان «بىلىمم تونۇشم ئاكادېمىيە» تېمىسىدىكى جەمئىەت تەكۈرۈش پائالىيىتىمدە روشەن ھېس قىلدىم، يەنى، ھازىرقى ئاسپىرانتلار ئۈچ ـ تۆت يىل مابەينىدە چەت ئەللەرنىڭ نەزەرىيەلىرى بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق بىر قانچە ساھەدە ئۇچرىشىشقا باشلاپتۇ. 2009 ـ يىلنىڭ بېشىدا پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلارغا ئاچقان «ئەدەبىيات ـ سەنئەت نەزەرىيىسى» دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا مىخائىل باختىن ، گېئورگىي لۇكاس، يۈرگېن خابېرماس  قاتارلىق نەزەرىيەچىلەرنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. نەزەرىيە دېسە ھۆ بولىدىغان بىنورمال ئىلىم ھاۋاسى باش كۆتۈرگەن بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا بۇنى بىر ياخشى باشلىنىش دېيىشكە ھەقلىقمىز.
     
       پاكىت تەھلىلى(4)
    «ھېچنىمىزم خىتابنامىسى» ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ تەنقىدلىنىشى


       2009 ـ يىلى 2 ـ ، 3 ـ ، ئايلاردا ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان قاتتارلىق بىر قانچە يېڭى شېئىريەت ھەۋەسكارى يازغان «ھېچنىمىزم خىتابنامىسى» ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس ماقالىلىرى « بەرقىي» تورىدا تەنقىد قىلىندى. بەھىس ـ مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن ۋە ئىلمىي يوسۇندا داۋام قىلدى. بەھس ـ مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن ۋە ئىلمىي يوسۇندا  داۋام قىلدى. تەنقىدنىڭ مەزمۇنى «ھېھنېمىزم خىتابنامىسى»دەپ ئات قويۇلغان يازمىنىڭ «گەپ تىزمىسى» ئىكەنلىكى، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇسنىڭ يېقىنىقى يىللاردا «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتالرىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ قەستەن مۈجمەللەشتۈرۈش، سىرلىقلاشتۇرۇش، گەپ ئوينىتىش ئۇسۇللىرىدا يېزىلىۋاتقانلىقى ھەم قىممىتىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە بولۇۋاتاتتى . بۇ مېنىڭ تەتقىقات تېمامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە بولغىنى ئۈچۈن، چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلارغا يېقىندىن دىققەت قىلدىم. ئارىلىقتا ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان ۋە يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس ئۆزىمۇ مۇنازىرىگە ئارىلاشتى. مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيىسىدە، مەنتىقىلىق يوسۇندا چۈشۈۋاتقان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشتە ئاجىز كېپقېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
     ئەمما، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، كونتېكىستتىن ئايرىلغان بىرمۇ ئىجتىمائىي مەسىلە بولمايدۇ. بۇ ئىككى ساھەيىمىزدىكى مەسىلىلەر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىنكاسىدۇر. مىسالەن، 1914 ـ يىلى شاڭخەي لۇجياڭ ئۇنىۋېرسېتېتىدا بارلىققا كەلگەن جەمئىيەت شۇناسلىق كەسپى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىي» مەزگىلىدە «غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى» دەپ قارىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ 1989 ـ يىلىغا كەلگەندىلا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسېتېتىدا تۇنجى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى بارلىققا كەلدى. باشقا ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى بولمىدى. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ئىچكىرىدىكى نەرشرىياتلار غەربتە بارلىققا كەلگەن مەشھۇر ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئەسلىي تىلىدا ياكى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ نەشر قىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق بۇ ساھەلەردىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە ئۇيۇشتۇرايلى دېسەكمۇ، قىلالمايۋاتىمىز. سەۋەبى، 2007 ـ يىلى ئۇيغۇر تىلدا كىتاب نەشر قىلىدىغان نەشرىياتلارغا «چەت ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاپتورلىرى ۋاپات بولغىنىغا 50 ـ يىلدىن ئاشقان بولسىلا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلدى. دېمەك، كېچىكىپ بايقاش، كېچىكىپ ئويغىنىش توسالغۇغا دۇچ كېلىش، زىياندىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ تاپتا بىز ئارانلا 1960 ـ يىلىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن چەت ئەللەرنىڭ ئالىملىرى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگەە ئىگە. دېمەك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا قىزىقماسلىقىمۇ، بىرەر مۇھەررىرنىڭ بىخۇدلۇقىمۇ، نەرشرىياتىنىڭ نوقۇل پايدىنى كۆزلىشىمۇ بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي نەتىجىلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۇلاشتا بىز ئويلاپمۇ باقمىغان قىيىچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇڭا مەن ئېيتىمەنكى،  ئىلىم ھايانكەشلىكى، كۆچۈرمىكەشلىك، ساختا بىلىم، ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى، يازما ئاپىتى، نەشرىيات چۆپقەتچىلىكى ۋە بىدىكلىكى ئۆزى بىلەنلا  كەتمەيدۇ. ئۇ ، ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىگە چۈشكەن مىتە. بۇنداق ھاھىدىسىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدە ئۆزىنى تەتقىقاتىچى، نەشرىياتچى، مۇھەررىر دەپ ئاتاپ يۈرگەن ھەر بىر زىيالىينىڭ باش تارتىپ بولماس ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى بار.
       يۇقىرىدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى پەن كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، پەن ئوبېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قودۇم. ئەمدى ماقالەمنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە مەسىلىنى نەزەرىيىۋى چوڭقۇرلۇق دەرىجخسىگە كۆتۈرۈپ، بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشقا تىرىشىمەن ۋە پاكىت كۆرسىتىش باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا تاشلىغان بەزى دېتاللارنى تەھلىل قىلىمەن. ماقالەمنىڭ تۆتىنچى باسقۇچىدا ئادىمىيەت. ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە بەزى ئىزدىنىشلىرىمنى سۇنىمەن. ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەلىرى ھەققىدە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خۇلاسىگە ئۆتىمەن.

    3.نەزەرىيىۋى مۇھاكىمە: مەسىلىدىن ماھىيەتكە

        جەمئىيەتشۇناسلىقتا مەۋجۇد پاكىتلاردىن ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن نەزەرىيەۋى مودېل تۇرغۇزۇشقا تىرىشىلىدۇ. تۇرغۇزۇلغان نەزەرىيە يەنە بېرىپ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىلىم، پىكىر ۋە ئىلىم ئەخلاقنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى بىلەن بىلىمجەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېما بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئايرىم پەن بولۇپ شەكىللەنگەن 150 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى قاراشقا پىلتە بولدى، ئانالىز قىلىندى. بۇ ھەقتىكى قاراشلارمۇ يېڭىلىنىپ، بېيىپ، تولۇقلىنىپ كەلدى. بىز ئابدۇقادىر داموللا، «ئۇيغۇر بالىسى» ـ نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ بىر قىسىم يازمىسىدىن بۇ يۈزلىنىشنى كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، 1947 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىي قەرەللىك ئۆتكۈزپ تۇرغان دەرنەكلەر دا بۇ خىل بېلىشنىڭ تەسىرى كۆرۈلدى، مەرھۇم شۆھرەتلىك يازغۇچى خۋېر تۆمۈرنىڭ «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» مەجمۇ ئەسىدە ئېلان قىلغان «دەرنەك»ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بار. 20 ـ ئەسىردە مېتافىزىك تونۇشنى بىر قەدەر سىستېمىلاشتۇرۇپ ئىلمىي يوسۇندا ئانالىز قىلىشقا تىرىشىدىغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولدى. ئاندىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ، داۋۇد ئوبۇلقاسىم قاتارلىق زىيالىيلار يازمىلىرىدا مېتافىزىك پىكىر ئىلمېنىتلىرىنى نامايان قىلدى. ئەمما بىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى چۈشىنىشتە مېتافىزىك تونۇش باسقۇچىدا توختاپ قالسا، ئۇرۇنۇشلىرىمىز بىزنى ئابستراكت پىكىرگە ئېلىپ بېرىپ، رېئاللىق ھەققىدە ئىلمىي بىلىشكە ئىگە بولالمايدۇ. ھازىرغىچە مېتافىزك تونۇش باسقۇچىنىمۇ تېخى ھەقدادىغا يەتكۈزمىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تونۇشتىكى ئۈچۈنچى باسقۇچ ـ ئىلمىي باسقۇچتا، يەنى ئەمەلىي پاكىت، خام ماتېرىياللار ئاساسىدا لوگىلىكىلىق قىياس قىلىپ تۇرۇپ تونۇش باسقۇچى بولغان ئىلمىي بلىش قوراللىرى، كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا سىياسىيشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كەلمىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىر يېزىۋاتقىنى بىر بولسا ھېسسىي يازمىدۇر، بىر بولسا ئابستراكت پىكىردىن نېرىراق ئۆتەلمىگەن تونۇشنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ھال شېئىر يېزىش، ئىنتېر تورىغا تېما يوللاش بىلەن ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان، ئەمما خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ياش ۋە ئاسپىرانتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زامانىۋى پەنلەر قەسىرىگە يۈرۈش قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

       ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنىڭ باش قىسىمىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 20 ـ ئەسىردە ئابستراكت پىكىر ئەنئەنىسىنى باشلاپ بەرگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇشىغا قارىماي، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىلاسسىكىنىڭ ئىدىيەسىنى ماركىسىزم، تارىخىي ماتېرىيالىزىم نۇقتىسىدىن باھالاپ چىقىدۇ.  مەملىكەت مىقياسىدىن ئېيتقاندىمۇ، چەت ئەللەرنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇتەپەككۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى 1980 ـ يىللارنىڭ ئاخىرى، 1990 ـ يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندىلا تەرجىمە شەكلىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئالىمنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى، تونۇشى ۋە ئىدىيەسى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىت ۋە خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيەلىك چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىدى. بۇ خىل ھادىسىنى بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ باشلامچىسى، مەشھۇر جەمئەتشۇناس كارل مەنخېيىم نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ چۈشىنىش مۇمكىن. كارل مەنخېيمنىڭ قارىشىچە، «بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقى ـ ئۆينىڭ مەۋجۇدلۇق،  ئىجتىمائىيەت شارائىتلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى سىستېما... ھەرقانداق بىلىم ۋە ئىدىيە مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى ئالاھىدە بىر كونتېكىست ۋە تارىخىي جەريان بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ» . سەۋەبى، يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى ۋە ھىمايىچىلىرى قاراشلىرىنىڭ قانچىلىك پىشقان ـ پىشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ بىلىش چەمبىرى ۋە دەۋرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك توساقلىرىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغانىدى. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى نەچچە ئەسىرلىك ئىدىيە تارىخدا يېڭى بىر پەللە ياراتقان، ئەمما ئاخىرىدا ئۆز تونۇشى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي كونتېكستنىڭ تەسىرىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ماركسىزمدىن ئىبارەت ئىدىيە يولىغا مەھكەم يېپىشىشىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جەريان دەپ تونۇشقا بولىدۇ.

       يازمىمىزنىڭ 2 ـ بۆلىكىدە ئىلىم ھايانكەشلىكى، ماغزاپ بىلىم ۋە ساختا تەتقىقات ھادىسىنىڭ ئىپادىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نېمە ئۈچۈن ئىلىم چىرىكلىكى، ئىلىم ھايانكەشلىكى ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ؟ بۇ ھادىسىنى كەڭ ماكرو سىستېمىلارغا باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن. ھەم ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئېيتىم بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزنى  تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان «ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىسى» دەپ يېزىلىۋاتقان بارلىق يازمىنى، بارلىق ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىم دەپ تونۇغىنىمدا، ئاندىن مەسىلىنىڭ نەدىلىكى ئايان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئېيتىم ئۇقۇمى فرانسىيەلىك مۇتەپپەككۈر مىچىل فۇكاۋ تەرىپىدىن نەزەرىيىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەر، شەيئىلەر ، بىلىملەر، ئابستراكت پىكىرلەر ھەققىدىكى تەسىۋىرلەش، تەبىرلەش، كاتېگورىيەلەشتۈرۈش، ئويلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ(مىچىل فۇكاۋ،1991). مېنىڭ يازماممۇ ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ، ئەسەد سۇلايماننىڭ يازمىلىرىمۇ بىر خىل ېيتىم. مىچىل فۇكاۋنىڭ قارىشىچە، ئېيتىم ھەرگىزمۇ ھوقۇق مۇناسىۋىتىدىن خالىي ھالدا، ئۇنىڭغا بېقىنماستىن مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئېيتىم ۆزى مەنىۋىيىتىنى لايىھەلىگەن ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىى ھوقۇق  مۇناسىۋىتىدىن خالي ھالدا ئۇنىڭغا بېقىنماستىن مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئېيتىم ئۆزى مەنىۋىيتىنى لايىھەلىگەن ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىى ھوقۇق ـ بىلىم مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كېلىدۇ. مىچىل فۇكاۋ مۇنداق يازىدۇ: «ھوقۇق ۋە بىلىم بىر ـ بىرىنىڭ ئەينكى ... مۇئەييەن بىر تونۇشقا ئىگە ئادەم، ئۇنىڭ تونۇشىغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئوبېكت ۋە بۇ ئارىدىكى بىلىش شەكلى ھوقۇق ـ بىلىم مۇناسىۋىتى ھەمدە ھوقۇق ـ بىلىمنىڭ تارىخىي ئۆزگىىشلىرىنبىڭ نەتىجىسىدۇر» (مىچىل فۇڭاۋ ، 1991:27 - 8  ). بۇنى ئاددىيلاشتتۇرۇپ چۈشەنگىنىمىزدە، ئۇيغۇلارنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ھايانكەشلىكى، ماغزاپ بىلىم ۋە ساختا تەتقىقات ھادىسىسى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا خاس ھادىسە بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا يىلتىز تارقتن ھادىسىسدۇر؛ مەملىكەتتىكى ھوقۇقنىڭ دائىرىسىدىن چىقالمىغان ناتوغرا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە چىرىك ئىلىم ھاۋاسىنىڭ ئىنكاسىدۇر. بۇ خىل ھادىسىنىڭ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم ھايانكەشلىكىنى ھار ئالىدىغان بىلىم ـ ھوقۇق مۇناسىۋىتى، ئىلىم چىرىكلىكىگە يول قويمايدىغان ئۈستىقۇزۇلما بولۇشى كېرەك. جۇڭگودىكى مەشھۇر ئەدەبىيات تەنقىدچىسى جۇداكېنىڭ ۋە گېرمانىيەلىك خەنزۇشۇناس ۋولفگان كۇبىن نىڭ «جۇڭگو ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت» دېيىشى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى بىر پېروفېسسورنىڭ «جۇڭگو ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى ئەخلەت ئىشلەپچىقىۋاتىدۇ». دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. بىز بۇ يەردە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا ئىلىم ساھەيىمىزدىكى چېرىكلىك، چاكىنىلىق ھەل بوپكەتمەيىدۇ. باسىدىغان يول ئۇزۇن. تالاي مەسىلە مائارىپ تۈزۈلمىسىگە تاقىشىدۇ. ئەمما، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماي يەنە بولمايدۇ. ئەنگلىيە لىدىز ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ پىروفېسسورى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس زىگمۇنت باۋمەننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق ئۇنى كۈنتەرتىپكە قويماسلىقتىنمۇ يامان». ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، مىچىل فۇكاۋنىڭ ھوقۇق ، بىلىم، ئېيتىم ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنى ياخشى چۈشەنگىنىمىزدە، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىي پەنلەر تەبىئىي پەنلەرگە قارىغاندا بەكرەك تەرەققىي قىلغان» دېگەن قاراشنىڭ نەقەدەر ساددىلارچە ئېيتىلغانلىقىنى بايقايمىز؛ ھەم بىر قىسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئارسىدا ئورتاق ئارمانغا ئايلانغان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش خىياللىنىڭ تامامەن بىر شېرىن چۈشش، خام خىيال ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

    4. ئادىمىيەت، ئىجاتىمائىيەت پەنلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
      
       ئادىمىيەت پەنلىرى ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇق شارائىتىنى تەتقىقات ئوبېكتى قىلىدۇ. ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارخ، دىنشۇناسلىق ، سەنئەت ، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ساھالەر ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. غەبرتە ئادىمىيەت تەتقىقاتى قەدىمكى گىرېك دەۋرىدىلا باشلانغان. 19 ـ ئەسىردىن تارتىپ ئادىمىيە پەنلرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىۋاقتان بىر قاراش شۇكى، ئادىمىيەت پەنلىرى بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. ئادەم كزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانىنىدا، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇدلۇق شارائىتىنى، روھىيىتىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارنى تېخىمۇ ياىشى چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، گېرمانييىلىك مۇتەپەككۈر ۋىلخېلىم دىلسى نىڭ قارىشىچە، «ئادىمىيەت پەنلىرى ئىنساننىڭ كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشتەك خاراكتېرى بىلەن تەبىئىىي پەنلەردىن پەرقلىنىدۇ. كەچمىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى رېشتىنى بايقاش بىر يولدىكى مەسلەكداش ئادەملەرنى ئورتاق بىر تونۇش ئاساسىدا بىر يەرگە ئەكىلىدۇ. تەبىئىي پەنلەر ھادىسىلەرنى سەۋەپ ـ نەتىجە مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن شەھلەشكە تىرىشىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ ھېس ـ  تۇيغۇسى، كەچۈرمىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايۇ. ئادىمىيەت پەنلىرىدە بولسا ھادىسىلەرنى قىسمەنلىك بىلەن پۈتۈنلۈك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىمىز» . ئومۇمەن ئادىمىيەت پەنلرىگە ئوتتەك مۇھەببەت باغلىغان ئىلىم ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئىي پەن مېتودلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ۋىجدانىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، [ئىنھان ئىستىقامەت ئىستىكى كۈچىيىدۇ؛ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش ئۇلار ھاياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلىنىش ۋە پىكىر قىلىشتىن كەلگەن ھۇزۇرنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئادىمىيەت ئەپنلىرىنىڭ قانچلىك قىممىتى بار دەپ سوراش پۈتۈنلەي بىھۇدە ۋە ئەخمىقانە ئىشتۇر. ئىنسان پىكىرگە ئۆتكەندە روھىنىڭ گىمناستىكىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنى ماددىيەتكە قويغان ئۆلەم بىلەن بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. مىسالەن، ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت ھەممە نەرسە ماددىيلىق بىلەن ئۆلچىنىدىغان جەمئىيەتتە بىزنىڭ ئىجاد قىلىش جاسارىتىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ. ئەنگلىيەلىك مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى،  ئوكسفورد ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ پىروفېسسورى تېررىي ئىگلېتوننىڭ قارىشىچە، «ئەدەبىيات ئاۋامنى ئىنسانىيلىققا، مېھرگە باشلايدۇ. ئەدەبىيي ئەسەر ئوقۇش ئادەم يالغۇز تۇرۇپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، ئوقۇرمەن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلشىنى ئۆگىنىدۇ... ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گادايلىشىشقا يۈزلەنگەن بۇلۇڭلار ئەدبىي ئەسەر ئوقۇش ئارقىلىق ئارام تاپىدۇ»
       ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەتقىقات ئوبيېكتى ئادىمىيەت پەنلىرىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پنەلەر جەمئىيەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، ئىقسادشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىردىۇ. ھالبۇكى، بۇ پەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە  دېگۈدەك گىرەلىشىش، كېسىشىش مۇناسىۋىتى كۆرۈلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، جەمئىيەتشۇناسلىق تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقان بىر ئىلىم ئەھلى كز نۇقتىئىنەزىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ باشقا ساھەلىرىدىن ئۆزىگە نەزەرىيەۋى قورال ئىزدىشى مۇمكىن. يېقىنقى 20 ـ 30 يىل مابەينىدە خەلقئارا ئىجتىمائىيەت تەقتىقاتى ساھەسىدە كېسىشمە پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاساسسىز ئەمەس. مىسالەن، مەن تاكى يېقىنقى مەزگىلىچە كىملىك تېمىسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىللىي كىملىك ھەققىدىكى دەرسىگە قاتنىشىش داۋامىدا، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئىقتىساتشۇناس، 2001 ـ يىللىق بوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى ساھىبى جورجىي ئاكېرلوف نىڭ مىللىي كىملىكنى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مېتودلىرى بىلەن فورمۇلالاشتۇرۇپ تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلىپ ھەم قاتتىق ھەيران قالدىم ھەم ئەيئىلەر، ھادىسىلەرنى تونۇشتىكى مېتود ۋە پىكىر بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئۆز تونۇشى ۋە مەدنىيەت چەمبىرىكىنىڭ قۇربانىغا يالىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىلىش ئۇسۇلى ۋە ئىلگىرىكى يازمىلىرىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىپ تۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھېس قىلدىم.
       ئىجتىمائىي پەنلەر ياۋروپا بىلىش تارىخىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 19 ـ ئەسىردە تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى ۋە تەبىئىي پەنلەردىكى ھەربىر بايقاشنى پاكىت ئارقىلىق دەلىللەشتىن ئىبارەت تەجرىبىچىلىك مېتودىنى قۇبۇل قىلدى. تاكى 1945 ـ يىلىغىچە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاساسلىقى فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتالرىق ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلاندى. ھەتتا بۈگۈنمۇ بىز خجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى ئالىملارنىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى كۆرمەكتىمىز . بۇ ھال ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىىياتىنى ئىلگخرى سۈرۈش ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىائىي پەنلەر ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىككى ئەسىرلىك ئىلمىي بلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىمىزنىن تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ غەبكە چوقۇنغالىق ياكى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ساھەدىكى ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىدا، ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش مەقسىتىدە ھامان بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان. بىز غەربنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرغا خاس ئەقىل سەمرىسىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزگە خاس بىر يول ئىزدىنىشىمىز شەرت. ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىزگە قۇل بوپكەتسەك تېخىمۇ بولمايدۇ.
       ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، «ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ خىل بىلىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بىرىنچى، جەمئىيەتنىڭ ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى قانۇنىيەتلەرنى يېىشپ بېرىدىغان سىستېمىلىق نۇقتىئىنەزەرلەر؛ ئىككىنچى، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ  ئادەملەرنىڭ مۇئەيىەن بىر جامائەتچىلىكنىڭ ياشاش شەكلى، دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇلى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە بايان؛ ئۈچىنچى، مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي كونتېكسىتقا تەتبىقلىغى بولىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مودېللار» . بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئىجتىمائىي پەنلەردە بىزنىڭ مېتودولوگىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەدىن خەۋەردار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. سەۋەبى، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى زىيارەت قىلىش، ياندىن كۆزىتىش ، راي سىناش ئېيتىم ئانالىزى، ئەھۋال تەھلىلى ، مەزمۇن ئانالىزى، ئوبراز ـ ئىماگ ئانالىزى، تەجرىبە ئىشلەش قاتالرىق سۈپەت تەتقىقاتى مېتودلىرى ۋە دىئاگراممىلىق تەھلىل، ئېھتىماللىق ئانالىزى قاتارلىق سان مىقدارلىق تەتقىقات مېتودلىرى تەتقىقاتچىغا دەلىل ـ پاكىتنى نەدىن تېپىش، پاكىتنى قانداق تەكشۈرۈش ، پاكىت بىلەن يالغاننى قانداق ئايرىش، ئامۇملۇققا ئىگە ئالاھىدىلىكلەرنى قانداق بايقاش ئۇسۇللىرىنى دەپ بېرىدۇ. نەزەرىيە بولسا بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ھەققىدىكى ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە تەييار بىلىم دىن ھالىقىغان شەرھ ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر سىستېمىسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سىستېمىلىق يوسۇندا چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر باغلىنىش ۋە تەبىرلەرنى بېرىدۇ. ئەمما، ئىجتىمائىي پەنلەردە بىزنىڭ بىر نەزەرىيىنى تۇرغۇزۇشىمىز ئۈچۈن باشقا نۇرغۇنلىغان نەزەرىيە سىستېمىسى بىلەن تونۇشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مىسالەن، بىز نامراتلىق بىلەن جىنايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېشىپ بەرمەكچى بولساق، كىشىلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەۋاتقان سەۋەپ، ھەكەتكە يۈكلەنگەن ئىجتىمائىي مەنە ۋە بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي توپنى نامراتلىق يولىغا سىقىپ چىقارغان تۈزۈلمە خاراكتېرلىك چەكلىمىلىكلەر ھەققىدىكى بىر قاتار نەزەىيەنى تەتبىقلىشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مېنىڭ ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر بارلىققا كەلمىدى دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىلگخرى ئۆزى  شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيەسى، مېتودولوگىيەسىنى مۇكەممەل ئۆگەنمىگەن. بۇ ئىشقا تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن سەل قارىماسلىقى كېرەك.
       ئادەتتە، تۇرمۇشتىكى بىلىش جەريانى بىلەن ئىجتىمائىي پەنەلردىكى بىلىش جەريانى پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە تۇرمۇشتا بىز ئەنئەنە ۋە مەدنىيىتىمىز ئاساسىدا بىلىشكە ئىگە بولىمىز. ھالبۇكى، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بىزگە ياشاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇئەييەن بىر قىممەت قارىشىنى ئاتا قىلسىمۇ، كۆپ ھالدا ھادىسىلەر ۋە شەيئىلەرنى ئىلمىي يوسۇندا بىلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مىسالەن، بىر قىسىم خىرستىئان مېدىيەلەردىكى تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدە بىر مۇنچە خاتا تونۇشقا ئىگە. ئۇ تونۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى، مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە ئەتراپتىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان، ئادەتكە ئايلانغان تونۇش ئۇلارنىڭ مەسىلىگە ئىلمىي نۇقتىدىن قارايدىغان كۆزىنى توسۇپ قويغان. ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىلمىي بلىش جەريانىدا بولسا كۈندىلىك تونۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا تىرىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇشى خاتا بولۇپ چىقىدۇ، شۇڭا ئادەتلەنگەن تونۇش بىلەن يېزىلغان يازما ھېسسىي بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 20 ـ 30 يىللىق ئېيتىم تارىىدا بۇنداق ھېسسىي يازما ھەقىقەتەن ككپ يېزىلدى. ھېسسىي يازما بىر مىللەتنىڭ پىكرىي قۇۋۋىتىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
       نۇرغۇن سىياسىيون، ھۆكۈمەت ئەمەلدار ۋە ئۇستاتلىققا ئامراق ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئىجتىمائىي جەمئىيەت مۇتەخەسسىسلىرىدەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا قالتىس تۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان قاراشلار ئادەتلەنگەن تونۇشىنىڭ مەھسۇلى. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك مۇتەپپەككۈر ئېمىل دۇركىم بۇنى «تەييار بىلىم» دەپ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بۇنداق تونۇشلار شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە بىزگە ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەتتىكى كەچۈرمىش جەريانىدا ئېرىشىلگەن تونۇش بولۇپ، بىزنىڭ ھەركىتىمىزنى بىز ياشاۋاتقان دۇنياغا ماسلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. بىزنى ئاخىرقى ھېساپتا بىر تەرەپلىمە قاراشقا، ھېسسىىي ھۆكۈملەرگە، ئۆتكۈنچى تەسىراتلارغا، ئاڭ ئاخىرىدا تېڭىرقاشقا ئاپىرىدۇ» . مىسالەن ئېيتساق ، ئۇيغۇرلاردا ھازىر ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ تەسىرىگە  ئۇچرىغان، تامامەن ئىككى قۇلۇپقا چىقىپ كەتكەن ئىككى خىل قاراش بار. بىرى، «ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى شانلىق مەدەنىيەتلەرنى، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان خەلق» دېگەن تونۇش، يەنە بىرى، «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» دېگەن تونۇش. بىرىنچى خىل تونۇش تالاي ئۈمىدۋار ئۇيغۇرغا خۇشياقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار قاراخانلار خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق دەۋرلەردە ھەقىقەتەن پارلاق نەتىجىلەرنى، شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، سەئىدىيە خانلىقى مۇنقەرز بولغان 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل كەينىگە چېكىنگەن. 20 ـ ئەسىرنىڭ مۇئەييەن باسقۇچلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن يەنە ئۇيغۇرلاردا ئويغىنىش، ئۆزىنى تونۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. شۇڭا «ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى شانلىق مەدەنىيەتلەرنى، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان» دېگەن تونۇش مەدەنىيەت چەمبىرىكى ۋە تەييار بىلىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئىلمىي مېتودلار بىلەن تەكشۈرسەك نۇرغۇن شۈبھە ۋە سوئالغا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېلى بىر تۈركۈم چۈشكۈن ئۇيغۇر ئارسىدا مودا بولۇۋاتقان «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» دېگەن تونۇشقا كەلسەك، بۇمۇ ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىلمىيلىكى يوق. ئۇيغۇرلارنى ـ نى سىياسىي بوران ـ چاپقۇن، نى ـ نى كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن . بىز مىللەت جەمئىيەتشۇناسلىقى مېتودلىرى بىلەن تەكشۈرسەك، بۇ خىل تونۇشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىدا بۇ خىلدىكى ھېسسىي ھۆكۈم ۋە ئادەتلەنگەن تونۇشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم؛ ئىلمىي بىلىش ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالغاندا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر پاكىت شۇكى، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەر ۋاقىت بىر جەمئىيەتتىكى ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى مۇئەييەن غايە ـ نىشانلار ئۈچۈن قىممەت قارىشى پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭبىلەن ئىلمىي تونۇشتا لازىم بولىدىغان سۈزۈك ئەقىل، تەسەۋۋۇرغا پەردە تارتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىمۇ شۇ. ئىدېئولوگىيە، ئىجتىمائىي كونترول ئىلمىي  ئاكادېمىيە  ئىشلرىىغ ئاارىلاشقاندا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ مۆلچەرگۈسىز بولىدۇ. ئىدېئولوگلار مۇئەييەن بىر مەقسەتكە يېتىش، مەۋجۇد شارائىتنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ سەۋەپ ـ نەتىجە مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن بىر مەسلەك ياكى بىرلا نۇقتىغا باغلاپ قويىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك پىكىر قىلىش جەريانى «خۇشياقىدىغان پىكىر» نى ئىزدەش جەريانى بولۇپ ، ئۇنى بىلىشنىڭ كۈشەندىسى دېيىشكە بولىدۇ.
          

    مەنبە: ئوكيان تورى


    收藏到:Del.icio.us