باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى1 - [نادىر ماقالىلەر]

    2010-12-06

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87162946.html

     

    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى
      زۇلپىقار بارات ئۆزباش
    مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ مەدەنىيەتى 2010 ـ يىل 4 ـ سانىدىن ئېلىندى


      1. مۇقەددىمە :تېمىغا كىرىش

    پاكىت تەھلىلى(1)
    مەن كۆرگەن دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى


      2009 ـ يىلى ماينىڭ ئاخىرى، ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ئانا يۈرتۇمدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە بىر نەچچە ئاسپىرانتىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېر تاتسىيەسى ياقلاش يىغىنىغا قاتناشتىم.  بۇ يىغىن يازلىق كۈنىكول يۈرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمگىچە كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتىچە ۋاقىت بولغاندا ئۆتكۈزۈلدى. دەسلىپىدە دوستلىرىمدىن ۋە ئىدسسېتاتسىيە ياقلىماقچى بولغان بىر ـ ئىككى ئاسپىرنتتىن بۇ ئىلمىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە تەكلىپتىن خەۋەر تاپقىنىدما ناھايىتى ئىۇرسەن بولدۇم. سەۋەبى، مەن ئۇ قېتىمقى دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا ياندىن قاتنىشىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى تاتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈزلىىنىشى ھەققىدە يېڭى بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمەن، دەپ ئويلايتتىم؛ يەن ئەكېلىپ قېرانداشلىرىمنىڭ ئانا تىلدا ياقلىغان دىدسسېراتسىيىلىرى مېنى ھاياجانغا سېلىشى مۇمكىن ئىدى، دېگەندەك، 20 ـ 30 چە ئادەم ياتىدىغان چاققانغىنە بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي يىغىن ماڭا نۇرغۇن ھاياجانلىق خىيالنى ئاتا قىلدى. ئەمما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر قانچە ئىشتىن ھەيران بولماي تۇرالمىدىم، بىرىنچىسى، دىسسېراتسىيەيىشىنى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر نەچچە باھالىغۇچىنىڭ ئاسپىراتنلار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ كىچىككىنە زالنى ئىسقا تولدۇرۇۋېتىشى؛ ئىككىنچىسى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلىم تەتقىقاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى؛ ئۈچۈنچىسى، بىر نەچچە ئاسپىرانتنىڭ دىسسېرتاسيەسىدىكى سەل قاراقا بولمايدىغان بىر قانچە خىل سەۋەنلىك.
       دەسلىپىدە يىغىن باشلىنىپ يېرىم سائەت بولار ـ بولامي بىر باھالىغۇچ تاماكىسىنى چىقاردى، چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى، نەزىرىدە دىسسېرتاتىسيە ياقلاش يىغىنىدەك ئەستايىدىللىق، ئىلمىي ۋە جىددىي پوزىتسىيە تەلەپ قىلىدىغان بۇر سورۇندا، شۇنچە جىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشنى قوبۇل قىلىغى بولمايتتى. مەن ھېلىقى باھالىغۇچنىڭ تاماكا چېكىشنى ئايرىم ئەھۋال بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمدا باشقا ئىككى باھاىلىغۇچىمۇ كېلىشىۋالغاندەك بىرلا ۋاقىتتا تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرىدى. ھايال ئۆتمەي كىچچكىنە زال ئاچچىق ئىسقا تولدى. ئارىلىقتا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغانم ياغلىق چېگىۋالغان ئىككى قىزغا كۆزۈم چۈشىتى. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىدىن بىزار بولغاندەك، بۇرنىنى ئېتىپ ئولتۇرۇشقاندى. ئىككى ماقالە ئوقۇلۇپ بولغاندا بىر باھالىغۇچى ماقالە ئوقۇغانلارنىڭ يازمىسىدىكى ئىملا خاتالىقلىرى ۋە كېسەل جۈملىلەرنىڭ جىقلىقى ھەققىدە بىر ھازا قاقشىدى؛ بىر ئاسپىرانتىڭ يېتەكچى ئوقۇغۇچىلىقنى ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر باھالىغۇچى ئۆزىنىڭ يېقىندىن بېرى كوماندىرويكىغا چىقىش، يىغىنغا قاتنىشىش قاتالرىق ئىشلار بىلەن ئالدىداش بوپقېلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىسىنىڭ دېسسىرتاتىسيەسىگە  يېتەرلىك ئەجىر سىڭدۈرۈلمىگەنلىكىنى، ماقالىنى ئىككى كۈن ئىلگىرىلا ئازراق كۆرگەنلىگىنى ئېتىپ ئەپۇ سورىدى. ماقالىلەر ئوقۇلۇپ، باھالار بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاسپىرانت ئالدىدىمغا كېلىپ ماقالىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇملىرىنىڭ ئىنگلىزچە قىسمىنى كۆرۈپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلدى. مەن بۇ تەكلىپنى  خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ماقالىلەنرى ئۆيۈمگە ئەكىتىپ ئىنگلىزچە قىسمىنى كۆردۈم ۋە شۇ پۇرسەتتە باشقا بەتلىرىنىمۇ ۋاراقلاشقا ئۈلگۈردۈم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولىدىكى، ئۈچ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ئىنگلىزچە سۆزمۇ ـ سۆز ئۇرۇپ قويۇلغان. خەنزۇچە تەرجىمىسىدىمۇ خاتالىق جىق، تېما قويۇلمىغان؛ قۇرۇلمىسى پۇختا ئەمەس ئىدى. بىر ـ ئىككى كۈن ئىچىدە ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېسسىرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ بولغاچقا، قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دېمەي ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم.
       بۇ كۆرۈنۈشتە ئىپادە بولۇۋاتقىنى پەقەت ئايرىم بىر ھادىسە ھەم بىر شەكىل. ئەمما ئۇ نۇرغۇن نۇقتا ھەققىدە مېنى تەگسىز خيىياللارغا غەرق قىلدى. ئەلۋەتتە. ئەمدىلەتىن قانات ـ قۇيرۇقلىرى يېتىلىۋاتقان ئىلىم تەتقىقاتى ساھەيىمىزگە غەربنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى ئۆلچىمىنى قويغىلى بولمايتتى. يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ئەھلۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا. ئىلىم تەتقىقاتىمىزدا بەزىبىر ئىلگىرىلەشمۇ بارلىققا كەلگەنىدى، بۇنى كۆرمەي بولمايتتى. ئەمما، دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى قگريانىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بەزى ئىشلار مېنى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش لايىھەلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
       بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىلا بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنى تېمىدا ئادىمىيەت سۆز ئىجتىمائىيەت سۆزىگە يانداش يېزىلغان. ئەمما، ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ دائىرىسى، تەبىرىنى تېىخ ئېنىق ئايرىپ چۈشەنگەن ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات، ترىخ ، پەسلەپەم ئېستېتىكا پەنلىرىنى ئىجتىمائىي پەن دەپ چۈشىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن دەپ ئايرىلىدۇ. خاتا ئۈشىنىش ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىيات ، تارىخ  ، پەلسەپە، ئېستېتىكا، تىلشۇناسلىق، ئېتىكا پەنلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئىجتىمائىي پەن، جەمئىيەتشۇناسلىق ، سىياسىيۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، ئىقتسادشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە پەنلىرى كۆرسىتىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ چېكى ، دائىرىسى ھەققىدىكى ئۇقۇم مۈجمەللىكىدىن باشقا بىر قانچە خاتا تونۇشمۇ مەۋجۇد.
        مەن بۇ ماقالەمدە يۇقىرىقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟ ئىجتىمائىيەت، ئادمىيەت پەنلىرىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ ساقلانغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مۇمكىن؟» دېگەن ئۈچ سوئالغا جاۋاپ تېپىشقا تىرىشىمەن. بۇ  سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش پائالىيتىم جەريانىدا يىغقان بىر قىسىم خامتېرىيال ۋە ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىمەن ۋە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەرلىرىمنى ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىمەن. مەن بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن «ياندىن كۆزىتىش» ، «زىيارەت قىلىش»، «ئېيتىم ئانالىزى» قاتارلىق سۈپەت تەقىقاتى مېتودلىرىدىن پايدىلاندىم. ئۇيغۇرلار ئارسىدا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار بويىچە كەڭ كۆلەملىك راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، مۇناسىۋەتلىك سان ـ سىپىرلارغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، سان ـ مىقدارلىق تەتقىاقت مېتودى ئىشلىتىكە ئامالسىز قالدىم. ماقالەمنىڭ پاكىت كۆرسىتىش قىسىمىدا بىر قانچە نۇتقىنى تەھلىل قىلىمەن. مىسالەن، مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى مۇھەررىنىڭ 2008 ـ يىلى مارتتا «ئىنتىل» تورىغا چىقارغان پۇلغا «ئىلىم تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى؛ ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ۋە ھەيرانلىق ھىس قىلىنمايدىغان ھىسسىي يازما كېسىلى؛ ئىككى يىل بۇرۇن «ئىزدىنىش» تورىدا بولۇنغان «ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەكمۇ؟» دېگەن مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى؛ «بەرقىي» تورىدا 2009 ـ يىلى بولۇنغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقنۇس يازمىلىرى ۋە ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئاننىڭ «ھىچنېمىزم خىتابنامىسى» نى چۆرىدەپ بولۇنغان تەنقىدىي مۇنازىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە بىر ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىنى زىيارەت قىلىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ نەتىجىسى نۇقتىئىنەزەر ئاساسىي سۈپىتىدە مۇھاكىمە قويىمەن.  ماقالەمنىڭ نەزەرىيىۋى مۇھاكىمە قىسىمىدا بىلىم ، تونۇش ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسىچسى، گېرمانىيەلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس كارل مەنخېيىم نىڭ  نەزەرىيەلىرىدىن؛ بىلەن بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن فرانسىيەلىك مەشھۇر مۇتەپپەككۈر مىچىل فۇكاڭ نىڭ نەزەرىيەلىرىدىن؛ ماكرولۇق كونتۇرولنىڭ بىلىش جەريانى ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەش ئۈچۈن كارل ماركسنىڭ نەزەرىيەلىرىدىن؛ تونۇشنىڭ بىر قانچە باسقۇچىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ياراتقۇچىسى فرانسىيەلىك مۇتەپپەككۈر ئاۋگۇست كومت نىڭ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەچىلەرنىڭ ئىدىيەلىرىدىن؛ ئىجتىمائىي پەندە خاتا بىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە ۋاقىتلىق بولسىمۇ قىياس، نەزەرىيۋى مودىل يارىتىشقا تىرىشىش زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترىيەلىك مەشھۇر ئىجتىمائىيەت پەيلاسوپى كارل پوپپېر نىڭ ئىدىيەلىرىدىن پايدىلىنىەمن. ماقالەمدە ھەر بىر نۇقتىنەزەرىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەررىيە بىلەن  چېقىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشۇمدىكى سەۋەپ شۇكى، ھازىر خەلقئارا ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھىسسىي ھۆكۈملەر ھىچنېمىگە ھىساپ ئەمەس؛ ھەربىر نۇقتىئىنەزەرگە دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس كۆرسىتىش ئاساسىدا  كۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىشىمىز زۆرۈر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتلەنگەن تونۇش ئاساسىدا ئېرىشكەن تەسىراتىمىز كۆپىنچە خاتا بولۇپ چىقىدۇ؛ بىز يازمىلىرىمىزدا ئۆزىمىز بايقىغاندەك ھىس قىلغان تالاي نۇقتىئىنەزەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن  مۇھاكىمە قىلىپ، سىستېمىلاشتۇرۇش بولغان بولىدۇ. ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيەلىرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ يازمىلىرىمىزنى ئىلمىيىك، تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرگە يەتكۈزەلمەيمىز. بۇ تامام بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ مەھسۇلى بولغىنى ۋە تەتقىقاتىم ئوبېكتىپ ئىجتىمائىي شارائىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى ئۈچۈن، قاراشلىرىمدا يەڭگىللىك، مۇھاكىمىلىرىمدە چولتىلىق،  دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىمدا يېتەرسىزلىك كۆرۈنۈشى ئېھتىمال. شۇنداقتىمۇ، مەن ئېغىر مەسىلىلەر ساقلىنىۋاقتان ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى يېزىقلىرىمىزدا خەلقئارا دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى دادىل سىناقلارنى قىلىشقا مەجبۇرمەن.
       بۇ ماقالىدە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسلار ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە بىر قانچە نۇقتىئىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

       بىرىنچى، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتى ساھەلىرىدە بىر مۇنچىلىغان مەسىلە ساقلانماقتا. بۇ مەسىلىلەرنى پەن ئوبېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر،  پەن سۇبيېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە پەن كونتېكىسىتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن، پەن ئوبېكتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلەردىن ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى، ساختا بىلىم ۋە ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم ھادىسى؛ ساختا تەتقىقات ۋە كۆچۈرمىكەشلىك ھادىسىسى؛ ئوقۇرمەن كىرىزىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ ئەسىلىلەر ئوتتۇرىسا زىچ مۇناسىۋەت بار . پەن سۇبىيكتىغا، يەنى بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان بىلىم ئىلگىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن ماددىغا، تاۋارغا چوقۇنۇش؛ مەدەنىيەت ۋە تونۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش، نەزەرىيەدىن، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەتقىقات يۈزلىنىشىدىن، تەتقىقات ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىدىن خەۋەرسىز بولۇش؛ ھەممىنى شارائىتقا دۆڭگەپ، ئىمكانىيەت ئۈستىدە ئىزدەنمەسلىك؛ ئىلىم ئەخلاقى كەم بولۇش سەۋەبلىك دىئالوگلاشماسلىق، ھەملكارلاشماسلىق ۋە ئۈزۈڭگە سوقۇشتۇرۇش؛ ئىلمىي ئۆتكەلگە مەسئۇل مەتبۇئاتلار ۋە ژۇرناللاردا چۆپقەتچىلىك، چېرىكلىك، چاكىنىلىق ئەۋج ئېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. پەننىڭ كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. پەننىڭ كونتېكىستىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىەردىن ئېلىپ ئېيتساق. ئىدىئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كونتولنىڭ چەكلىمىسى، كەسكىن ـ جىددىي ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ھاۋانىڭ يېتەرسىز بولۇشى، ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ساھەدە بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ دۆۋىلىىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى. ئىككىنچى، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلە ئاخىرى بېرىپ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ ساھەلەرنىڭ نېنىنى يەۋاتقان زىيالىلارنىڭ تەرەققىياتى، مەنپەئەتىنى توسالغاۇغا ئۇچراتتى. ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە ھەقىقىي  مەنىدىكى، خەلقئارادا ئېتىراپقا ئېرىشىۋاتقان ئىلىمىي ئۆلچەمگە ماس كەلگۈدەك ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى بارلىققا كەلمىدى. ھازىغرىچە بۇ ساھەلەردە يېزىلىۋاتقان يازمىلار ھىسسىيلىقتىن خالىي بولالمىدى. تۆتىنچى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە، ئىستراتېگىيە بەلگىلىشىدە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشمىدى. بۇنى 21 ئەسىردىكى زامانىۋى دۇنيادا بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال دېمەي ئامال يوق. بەشىنچى، بۇ ساھەلەردە مۇئەييەن بىر قاتتىق ئۆلچەم ۋە خەلىقئارا يۈزلەنگەن ئالىملار بولمىغاچقا، ھەركىم خىيالىغا كەلگەننى يېزىپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان، تېمىنى، ماۋزۇنى ۋاشاڭ ـ پاخال قىلىۋېتىدىغان، ئەمما ئىلىمىي ئۆلچەمگە يۈتكۈدەك بىلىم تېپىلمايدىغان ، خېلى كۆپ قىسىم كىشى، ھەتتا زىيالىلار ئارىسىدا ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان غەلىتە، بىنورمال ھادىسە بارلىققا كەلدى. ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىلگىرى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد تەتقىقاتچىلار قوشۇنى كېيىنكى يىگىرمە ـ ئوتتۇز يىل ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پىلانلىق، ئىستراتېگىيەلىك ھەركەتكە ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىشى؛ ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سېلىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىزىمىزدىن نگەن تىكەنلەر ئەۋلادىمىز نىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئىجتىمائىيەت ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقلار ۋە مەسىلىلەر شۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىلگىلىرىنىڭ گۆرىنى كولايدۇ. ئاخىرى بېرىپ بۇ پۈتن قوۋم ئارسىىدا نادانلىق باش كۆتۈرۈپ، ساختا بىلىمدانلار ئۆزىنى ئالىم كۆرسىتىدغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.

      2. مەسىلىنىڭ ئىپادىلىرى


      بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىخلىنىشى ئۇريغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشلانغان. گەپ  بۇنداق ئېيتىلغاندام تەبىئىي يوسۇندا ھەرخىل سوئال ، گۇمان ۋە ھەتتا رەددىيە تۇغۇلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇدتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدىن 20 ـ ئەسىردە تۇنجى بولۇپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان نەزەر خوجا ئابدۇسەممەتوف نىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىگىچە، نەۋئىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىگىچە بولغان تالاي ئەسەر ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ؟ سوئال بۇنداق قويۇلغاندا، تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەبىرى، ئىجادىي ئەسەر بىەلن ئىلىمىم تەتقىقىاتى ئەسىرىنىڭ پەرقىنى ئېنىقلاش تەقەززاسى تۇغۇلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ، نەۋائىينىڭ ، مۆجىزىينىڭ ۋە «ئۇيغۇر بالىسى» ـ نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئىدىيە تارىخدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان. ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر خېمىرتۇرۇچى بولغان پىكىر ۋە ئىدىيە تېپىلىدۇ. ئەمما قالغان خېمىرتۇرۇچلىرىدىن بولغان لوگىكىلىق ئانالىز، نەزەرىيىۋى تەپەككۈر تېپىلمايدۇ؛ ھەم ئۇ ئەسەرلەردە ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىنچىكە شەرھلەنمىگەن. يىغىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي ئەسەر. ئىجادىي ئەسەر، جۈملىدىن دىداكتىك داستانلار، رومانلار ، شېئىر ـ قەسىدىلەر، قىسسە ـ رىۋايەتلەر، ساياھەت خاتىرىلىرى قاتارلىقلار ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىغا كىرىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئىجادىي ئەسەر ئىلىم تەتقىقاتى ئەسىرى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ بىر ئوبېكتى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ  «شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1956 ـ 3 ـ سانىغا، خەنزۇچە 4 ـ سانىغا بېسىلغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 ـ ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى» ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالدى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن باشلا بەرگەن ئادمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى باشلانغۇچ شەكىلدە 1978 ـ يىلىدىن كېيىن باشلاندى. مەرھۇم ئالىمنىڭ « قاتلاملىق ئېستىتىكا»، «فارابىينىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» قاتارلىق ئەسەلىرى ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان ئۆلچىمگە توشۇپ كەتمەيتتى. ئەمما، ھەر ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن سىياسىي بوران ـ چاپقۇنلارنى، ياشىغان دەۋرلىرىدىكى چەكلىمىلىكلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇلارنى بۇ ساھەدىكى ئىلىم پەن تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن ئەسەرلەر دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تىلشۇناسلىق ، تارىخ ، فلكلور، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى بىر يۈرۈش تەتقىقات يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى قىسمەن دائىرىدە تولدۇردى. 1980 ـ يىللارنىڭ بېشىدىن 1990 ـ يىللارنىڭ ئاخرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن باشقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئەھمەد زىيائىي ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر تۇردى ، مەھمۇد زەئىدىي ، شەرىپىدىن ئۆمەر، غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر قاتارلىق تەتقىقاتچىلار؛ ھازىرقى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، نۇرمۇھەممەت زامان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ؛ فولكلوردا ئابدۇرېھىم رەھمان، ئوسمان ئىسمائىل تارىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلار؛ ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكىدە مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ماخمۇتجان ئىسلام، يالقۇن روزى، ئەكبەر قادىر قاتارلىقلار؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا  مىرسۇلتان ئوسمانوف، خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ، مۇھەممەتتۇردى مىرزىئەھەت ... قاتارلىق تەقىقاتچىلار؛ قەدەمكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىدا تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقەييۈم خوجا، مۇھەممەترېھىم سابىت، دىلدار مۇھەممەتئىمىنقاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى بەدىلىگە كەلگەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئادىمىيەت  پەنلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە روياپقا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1985 ـ يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىدىكى باشلامچىلاردىن باتۇر رورى «ناۋائىيدىن كېيىنكى 500 يىللىق پاجىئە» قاتارلىق ماقالىلىرى، ئابدۇقادىر جالالىددىن «ئۆڭڭۈردىن بوشلۇققا قاراپ» قاتارلىق ماقالىلىرى، ئادىل تۇنىياز «شېئىر كۈلۈمسىرىمەكتە» قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا بەزىبىر يېڭى چۈشەنچە، يېڭى ئۇقۇملارنى ئېلىپ كىردى.  ئۇلارنىڭ غەرب مودېنىزىم ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەردىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا زەربەتلەنگەن يازمىلىرى ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئاز ـ تولا بولسىمۇ ھەسسىنى قوشتى.
       ھالبۇكى، 1980 ـ يىللاردىن 1990 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان نۇرغۇن ئىلىم تەتقىقاتى ئەسىرى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىدىن پايدىلانغان نۇقتىلارنى نەقىل شەكلىدە بەرمەسلىك ياكى كەمدىن ـ كەم بېرىش؛ قىزىققان ھۆكۈملەرگە ئالدىراش، ئىزاھ ۋە نەزەرىيە قىسىمى بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلە ساقلاندى. مىسالەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى بىر قەدەر ئۇقىرى بولغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق ئەسىرىگە قارايدىغان بولساق، ئالىمنىڭ ئۆزى تەھلىل قىلىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئىدىيەسىنى پەقەتلا فېييىرباخ پەلسەپەسىنى ۋە ماركىسزم نۇقتىسىدىنلا باھالاپ ئۆتكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتتە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قەلەم تەۋرەتكەن ئاشۇ يىللاردا خەلقئارادا ماركىسىزمدىن باشقا ئامېرىكىلىق ئالىم تالكوت پارسونىس ئۇلىنى سالغان فۇنكىسىيىزم، فرانسىيەلىك ئىنسانشۇناس لېۋ سىتراۋس ئۇلىنى سالغان قۇرۇلمىچىلىق ، فرانسىيە مۇتەپپەككۈرلىرىدىن لىئوتارد ، بوردىليارد قاتارلىقلار راۋاجلاندۇرغان كېيىنكى مودېرنىزم قاتارلىق ھەرخىل پىكىر ئېقىمى ماركسىزملىق پىكىر ئېقىمىدىن ئۆزگىچە يېڭى نۇقتىئىنەزەر ـ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارالىق ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن بىر چاغلار ئىدى. ئابدۇشۈكر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ساھەدە ماركسىزملىق پىكىر يولى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان، يۇقىرىدا ئىسىمى ئاتالغان باشقا پىكىر يوللىرىدىن خەۋەرسىز قېلىشى، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماركستىن ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ ئىدىيەلىرىنىمۇ ماركسىزم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشى بىر گۆدەكلىك ئىدى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىن كېيىن ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تەتقىقات رېلىسنى ياش دوكتۇرلاردىن ئەسەد سۇلايمان، ئىقبال تۇرسۇن، ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت، ئەنۋەر سەمەد قوزغان قاتارلىقلار ئۇلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەسەد سۇلايمان ئوقۇرمەنلەر بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمما گاڭگىراپ قالغان نۇقتىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»نى مەركىزىي ئىدىيە قىلغان بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلدى ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى؛ ئۇنىڭ يازمىلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمما، قىزىق يېرى، خەنزۇتىلى ۋە چەت ئەل تىللىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار بۇ دوكتۇرلارنىڭ ھىچقايسىسى يازمىلىرىدا خەلقئارا ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقات مېتودلىرى ۋە شۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىنى تەتبىقلىمىغان، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆز تونۇشىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنىدى. ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىدىكى ئەقەللىي ئۆلچەملەردىن بولغان تەتقىقات سوئالى بولۇش، ئېنىق نۇقتىئىنەزەر بولۇش، نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە نەزەرىيە بولۇش ۋە ئاخىرىدا لوگىلىكىق مۇھاكىملەر ئاساسىدا ئۆزىنىڭ خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق نۇقتىلارنى بۇ ياش دوكتۇرنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن تاپقىلى بولمايتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسەد سۇلايماننىڭ تەسىرى، نوپۇزى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان «تەكلىمانغا دۈملەنگەن روھ» دېگەن داڭلىق ماقالىسىنى مىسالغا ئالدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ئېنىق بىر تەتقىقات سوئالى يوق، نۇقتىئىنەزلەر ئىزچىللىققا ئىگە خام ماتېرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەر ئاساسىدا يورۇتۇلمىغان. ئەڭ قىزقارلىق يېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئارقىدا قېلىشىدىكى سەۋەپ نۇقتىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغانىدى ياكى مۇھاكىمە قىلىنمىغانىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا تەتقىقاتچى دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلەر ۋە ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مەلۇم بىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. تەتقىقاتتا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى بىرلا نۇقتىغا باغلاپ قويۇش قارارچىلىق ياكى يەككە ئامىلچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ ۋە قارشى ئېلىنمايدۇ. بايا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچىلاردىن يەنە ئىقبال تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم ئېڭى»، ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ ۋە ئەخلاق» ، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىق ئەسەرلەر مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن يېزىلغىنىغا قارىماي، بۇ ساھەدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان نوپۇزلۇق نەزەرىيىلەردىن قىلچىكىمۇ پايدىلانمىغان. توغرىراقى، بۇ تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى يوق بوپقالغان. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدا لېۋ سىتراۋس، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس كلىفورد گېرتىس ۋە مارشال ساخلىنىسنىڭ نەزەرىيە سىستېمىلىرىنى تەتبىقلىماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق ئېڭى، ئۆلۈم ئېڭى ۋە مازار تاۋاپ قىلىش ئېڭى ھەققىدە ئىلمىي بىر مۇھاكىمە يۈرگۈزگىلى بولمايتتى. گەپ بۇنداق ئېتىلغاندا، ئېھتىمال «ئۇلار غەربنىڭ ئىنسانشۇناسلىرى تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنىمە يازمىغان تۇرسا، ئۇنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىقاتتا تەتبىقلاپ نېمە كەپتۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى تۇرغان گەپ. ئەلەمىيەتتە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن چىقماي تۇرۇپ تونۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان، ئىجتىمائىيەت ، ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋەنەزەرىيىۋى قورالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ غەرب ئىدىيەلىرىگە قارىغۇلارچە باھا بېرىدىغان خاھىش مەۋجۇد. مەيلى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن ۋەمەيلى جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بولسۇن، ئاۋۋال غەربتە راۋاجلانغان؛ جۇڭگوغا بولسا ئۇ پەنلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى بىر قىسىم ئېلىمېنىتى 1980 ـ يىللاردىن كېيىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. توغرا ، بايا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ھېچقاچان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان؛ ئەمما ئۇلار ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە، ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەتلەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تەتقىق قىلىپ، بىر يۈرۈش كۈچلۈك نەزەرىيە ئىسىتېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاشۇ نەزەرىيە سىستېمىلىرى ناھايتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدە تەسىرىنى يوقاتماي، بۇ پەننىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. مەن بۇ ئارقىلىق ھەرگىزمۇ بىرنەچچە غەربلىك ئالىمنىڭ ئىدىيەلىرىنى تەتبىلىمسا ئىلم تەتقىقاتى بولمايدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە، بۇ ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ددوكتۇرلىرىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدە خەلقئارا نېمە بەھس ـ مۇنازىرە ۋە يېڭى گەپلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر ئىدى دېمەكچىمەن. ئەگەر ياش دوكتۇرلىرىمىزمۇ بۇ ئىشتا تىرىشمىسا ۋە تەتقىقاتنى، پەقەت بولمىغاندا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان تەتقىقات ئۆلچىمى مېتودلىرىنى ئاز ـ تولا بولسىمۇ ئىشلەتمىسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ ئىزچىل دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىشى تۇرغان گەپ.
       مەن بۇ يەردە دوكتۇرلىرىمىزم تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن مىسال ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى چۆكۈرمەكچى ياكى تەنقىد قىلماقچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى بىر مەسىلە، دەل تەتقىقاتچىلىرىمىزدىكى ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆز تونۇشىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىيالماسلىق» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، بۇ ھال تەتقىقاتىمىزنىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەمدىن تولا تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
       مەن چەت ئەللەردىكى ئالىم ـ مۇتەخەسسىلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان كىتابلىرىنى ۋاراقلىغىنىمدا بىر ئىشنى ئازاپ ئىچىدە بايقايمەن. يەنى چەت ئەللەرنىڭ ئالىملىرى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى يازغان تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمايدىكەن. مىسالەن، گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسى ئىلدىكو بېللېرخان «جامائەتچىلىكنىڭ كۈچى: شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىنسانشۇناسلىقى» دېگەن تەتقىقات ئەسىرىدە ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇرشۇناسى راچېل خاررىس«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدىكى ئەسىرىدە شۇ ساھەدە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يازمىلارنىڭ تولا بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىدىن نەقىل ئالمىغان. كېيىن بىلسەم، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «سەۋىيەسى تۆۋەن، ھىسسىياتقا بېرىلىدۇ» دەپ قاراپ ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىكەن. بۇ نۇقتىنى ئەسەد سۇلايمانمۇ دەلىللەيدۇ. مىسالەن، 2007 ـ يىلى 31 ـ دېكابىردا يالقۇن رورى، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «جام چايخانىسى» دا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان چېغىمىزدا ئەسەد سۇلايمان چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئانچە بەك ھېسابقا ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى. ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش داۋامىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەل ئالىم ـ مۇتەخەسسىلىرى تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتى يوقىرى ئۆلچەم ، جىددىي پوزىتسىيە، سوغۇققان پىكىر يولى، ئىلمىي تەپەككۈر ۋە دەلىللىك نۇقتىئىنەزىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى تەتقىقاتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيەسى بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز. شۇ ۋەجىدىن، تەتقىقاتىلىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت بار.


      پاكىت تەھلىلى(2)
    ئىلىم ھايانكەشلىكى، ماغزاپ بىلىم، ساختا تەتقىقات


      2008 ـ يىلى ماتتا «ئىنتىل» تورىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئىلىم تەقتىقاتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى پۇلغا ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىسى بېسىش ھەققىدىكى تېمىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ  مېنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەگە ناھايىتى جىددىي تاييارلىق قىلىۋاتقان، تازا جاپا چېكىۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقاقىمۇ ئەيتاۋۇز، بۇ خەۋەردىن بەكلا چۆچۈدۈم ھەم غەزەپلەندىم. بۇ تېمىنىڭ ئىنتېرتورىدا پەيدا بولۇشى  كەم دېگەندە مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن ئىلىم ھاياكەشلىكىدىن ئىبارەت جىنايەتلىك، نومۇسلۇق بىر ئىشنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىدى؛ مۇشۇنداق چاكىنىلىق ۋە پۈچۈكلىكنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا، مەتبۇئاتلاردا مەلۇم دەرىجىدە يىتلىز تارتىشقا ئۈلگۈرگەنلىكىدىن، ئەڭ مۇھىمى كىرىزىس ، خارابىلىك ئىچىدە قالغان ئىلىم تەتقىقاتى ساھەيمىزدىن دېرەك بېرەتتى. نېمىدەپ چۈشەندۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇنداق ھادىسىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايتتى. بىر نەچچە ئىنكاستا ئۇ تېمىنى چىقارغان تورداش قاتتىق تەنقىدلەندى. مەن ھەر ھالدا ئىلمىي، ئاكادېمىيە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ يەنىلا كۆپلۈگىگە چىنپۈتتۈم.
       ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتتىم. يۇقىرىقى ئىش بەك تەسىر قىلغاچقىمۇ، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ ، مۇھەررىلەرنىڭ، ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئىگىلىدىم. ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ سەۋىيەسى ھەققىقەتەنمۇ تۆەن ئىدى. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھىسىدىكى بىر قانچە نوپۇزلۇق تەتقىقات ژۇرنىلى ياخال يازمىلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. كۆپ قىسىم ماقالىدە يا بىر مۇستەقىل نۇقتىنەزەر ، يا بىر دەلىل ـ ئىسپات يوق ئىدى، نەقىل ـ ئىزاھات قىسىمى بېرىلمىگەندى. ئىنتېر تورىدىن، باشقىلارنىڭكىدىن كۆچۈرۈلگەن  ئەسەرلەرمۇ ـ قانداق؟ دېگەن ئوي بىلەن تەكشۈرۈپ كۆردۈم. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ماڭا ئۇنۋان ئۈچۈن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن پۈتكەن ماقالىلەرنىڭ ژۇرنالنى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ماقالىلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغاچقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئېغىر خۇرسىندى.
       ـ بىر تونۇشۇمنىڭ ئۇنۋان ئالىدىغان ئىشى بار ئىدى، پۇل بەرسە چىقىرىپ بېرەمسىلەر؟ ـ دەپ سورىدىم مەلۇم بىر تەتقىقات ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىدىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلەش نىيىتىم بار ئىدى.
       ـ چاتاق يوق، ـ دېدى مۇھەررىر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ـ سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن ئەرزانراق چىقىرىپ بەرسەك بولىدۇ. باشقىلارغا 400 يۈەن دەيتتۇق. بوپتۇ، سىزنىڭ تونۇشىڭىز بولغاندىكىن 200 ـ يۈەن ئېلىپ كەلسە بولىدۇ.
       مەن ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىغا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان مۇھەررىرنى كۆپلەپ ئۇچراتتىم. بەش ژۇرنالنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېقىنقى ئۈچ يىللىق سانلىرىدا ماغزاپ بىلىم، ساختا بىلىم، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىملەرنى تەتقىقات دەپ كۆتۈرۈپ چىققان يازمىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. كىتاپخۇمار، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا يۇقىرى تەلەپ قويدىغان بىر نەچچە ئوقۇرمەن بىلەن ئىلىم تەتقىقات ژۇرنىلىدا چىقىۋاتقان ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان ـ ئوقۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
       ـ ئوقۇغۇدەك بىر نېمە يوق، ـ دېدى ئۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا، ـ ھەزىر ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا چىقىۋاتقان ماقالىلەردە تۈزۈك تەم قالمىدى. يۈچەك ـ پاخال، ئوقۇغىنىمىز بىكار.
      ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە خۇسۇسىي كىتابخانىنى ئايلاندىم. بىر كىتابخانىدا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىېتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانائەتلىرىنى ئۇچراتقىنىمدىن باشقا، باشقا كىتابخانىلاردا ئىلىم تەتقىقاتى زۆرناللىرىنى تۈزۈك ئۇچراتتىم. ئەھۋال ئىگىلىشىمگە قارىغاندا، ئوقۇرمەنلەر كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىكەن. ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرىنى كىتابخانىغا سالغان بىلەنمۇ ئالىدىغان ئادەم ئاز ئىكەن. ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرى ئىچىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئەسەد سۇلايماننىڭ كىتابلىرى تېزراق ئۆتىدىكەن.
       ئۇيغۇرلاردا «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ،«شىنجاڭ ئاياللىرى» ، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»... قاتارلىق بىر قانچە مەتبۇئاتتىن باشقا ژۇرناللار ئاساسەن  1978 ـ يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلدى. بايا تىلغا ئېلىنغاندەك، تەتقىقات ساھەسىدە 1980 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1990 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە نىسبەتەن گۈللىنىش مەنزىرىسى پەيدا بولدى. ئۇ چاغلاردا چوڭ ھاجى باش مۇھەررىلىكىدىكى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، ئەكبەر ھۈسەيىن باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، قۇربان مامۇت باش مۇھەررىرلىكىدىكى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا بىر قەدەر سۈپەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىناتتى، ژۇرناللارنىڭ تەسىرىمۇ كۈچلۈك ئىدى. 1990 ـ يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مەتبۇئاتلارغا بىر مۇنچە سەلبىي تەسىرنى تاڭدى. بەزى مەتبۇئاتلار ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىچىدە قېلىپ ھەرخىل چارە ـ ئامالنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدى. ئەنە شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋاللاردا بارلىققا كەلگەن غەلىتە تۆرەلمە ـ پۇلغا ماقالە ئېلان قىلىش ھادىسىسى مانا ئەمدىلىكتە يامراپ، جەمئىيەتلىشىپ، كۆپ قىسىم ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ نەزىرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تەبىئىي ھادىسىگە ئايلاندى. بۇ ھال ئىلىم ھاياكەشلىكى، ساختا بىلىم، ماغزاپ بىلىم، نەشرىيات بىدىكلىكى ۋە تىكىپ ـ سۆكۈپ قۇراشتۇرۇۋېتىلگەن ساختا تەتقىقاتلارنىڭ ، توغرىراقى، ئىلىم خارابىسىنىڭ بىر ئېچىنىشلىق ھادىسە سۈپىتىدە رېئاللىقمىزدا بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىدا ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىلىرىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغان بىنورمال ۋەزىيەت شەكىللەندى. ناھايىتى ئاز ساندىكى تەلەپچان مۇھەررىرلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز، مىللەتنىڭ ئەقلىي مىراسىنىڭ داۋاملىشىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم ھوشيار ئوقۇرمەنلىرىمىز بولسا بۇ ھالدىن ئەپسۇسلاندى، خۇرسىندى. ئەمما، بۇ بىر جەمئىيەتلەشكەن ھادىسە بولغاچقا، بىرەر ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇنداق بىنورمال ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.


       ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى دېگەن نېمە؟ ئىلىم تەتقىقاتى دېگەنچۇ؟ ئىلىم ساختىپەزلىكىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئەقلىي تەرەققىياتىغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرى نېمە؟ مۇشۇ سوئاللار ئېنى ئازاب ئىچىدە ئويلاندۇرىدۇ. ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى بىر مىللەتنىڭ، بىر قوۋمنىڭ ئەقىل خەزىنىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ؛ ئىلىم ئاشىنالىرىغا ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن راستىنلا مەيدان؛ ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا ئۇلايدىغان رېلىس. ئىىم تەتقىقاتى بولسا ـ بىر مىللەتنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى، ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنكاسى. ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم تەتقىقاتى قۇرۇق گەپ سېتىش ئەمەس، بەلكى بىر ئىجتىمائىي توپ كىشىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەستايىدىل دىئالوگنىڭ مەلۇم بىر  دەۋر، مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى ئىلمىي بىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئىلىم ساختىپەزلىكىگە يو قويۇۋاتقان، سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولاۋاتقان؛ ئەۋلادلىرىغا ئىلىم خارابىسىنى، دات باسقان ئەقلىنى مىراس قالدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مەغلۇبىيەتچى مىللەتتۇر. بۇنداق ئېچىنىشلىق ھادىسىدە پۈچۈكلىك ئەۋج ئالغان ئىلىم مۇھىتىنڭىمۇ، ئېڭى ماددىلىشىپ كەتكەن ـ مەسئۇلىيەتسىز، جان باقتى مۇھەررىرىنىڭمۇ،بىخۇد، ئىجتىمائىي گاس ئوقۇرمەننىڭمۇ، ئىلىمنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈشنىڭ نومۇز=سسىزلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدىغان بىر گۇمراھ يازارمەننىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
      يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئېچىنىشلىق سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمىدى. تەتقىقات ساھەيىمىزدىكى ئىلىم ساختىپەزلىكى؛ ساختا بىلىم، ماغزاپ بىلىم ھادىسىسى نۇرغۇن  ئوقۇرمەننى ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدىغان، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان ھالەتكە مۇپتىلا قىلدى. مىسالەن، بىزنىڭ ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرىمىز ساھەسىدىكى تالانت ئىگىلىرىدىن داۋۇد ئوبۇلقاسىم پەلسەپە تارىخىنى رومان، ۋەقەلىك شەكلىدە ناھايىتى چۈشىنىشلىك يورۇتۇپ بەرگەن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى»  ناملىق داڭلىق كىتابنى ۋە «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلى نەشردىن چىقارغاندا، تاھىر ھامۇت «غەرپ مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىملىرى»ناملىق  كىتابنى مىڭ تەستە تۈزۈپ، ئۆزى پۇل خەجلەپ يورۇقلۇققا چىقارغاندا، بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىدىغان ئوقۇرمەرنلەر ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قونغان تال» ناملىق مۇھەببەت ھېكايىلىرى توپلىمىنى، ھۈسەنجان ئابدۇۋەلىنىڭ «كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل» ناملىق مۇھەببەت تېمىسىدىكى رومانىنى سېتىۋالىدىغانلاردىن ئاز بولۇپ چىقتى [4]. تاھىر ھامۇت ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ نەشردىن چىقارغان كىتابىدىن زىيان تارتتى[5]. مەمتىلى ئەخەت يازغان «ياشىق پەلسەپىسى» مۇ تۈزۈك بازار تاپالمىدى. بىزنىڭ  ياراملىق زىيالىيلىرىمىزمۇ ياشىشى، ئۆز ئەجرىگە تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئەجرىگە تۇشلۇق تۈزۈك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بۇ بىلىم ئىگىلىرى ئەمدى تىجارەت قاينىمىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدى. مەن ئويلايمەنكى، داۋۇد ئوبۇلقاسىمدەك، تاھىر ھامۇتتەك يڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر ئىگىلىرى ـ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ياشاش ئۈچۈن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى بىزدىكى ئوقۇرمەن كىرىزىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھالبۇكى، بىزدىكى ئوقۇرمەن كىرزىسى دەل مەن بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىلىم كىرزىسىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن  پەيدا بولغانىدى. ئەمدىلىكتە ئوقۇرمەن كىرزىسى نەشرىياتچى، مۇھەررىر، ئاپتورلارنىڭ ئوخشاشلا مەنپەئەتىگە تەسىر  كۆرسىتىدىغان، غېمىگە غەم قوشىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. دېمەك، ئىلىم تەتقىقاتىغا ساختىىق ئىشلەتكەن تەتقىقاتچىلار ، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى چىقىرىشنى ماقالە سودىسى ۋە چۆپقەتچىلىك قىلىشنىڭ پۇرسىتى قاتارىدا كۆرگەن ئاز بىر قىسىم مۇھەررىرلەر ئاۋۋال ئۆزىنىڭ گۆرىنى كولىدى، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلىي قۇۋىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاڭسىز  ۋە ئاڭلىق يوسۇندا زىيان سالدى. مانا ئەمدىلىكتە بىز بىر قىسم مۇھەررىرلەر نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىپ پۇلغا «ماقالە» چىقىرىدىغان نۇپۇزلۇق ئىىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى مۇشتەرىلىرىنىڭ نەچچە يۈزگە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 غىمۇ يەتمەيدىغان بىر بىنورمال ۋەزىيەتكە شاھىت بولماقتىمىز. بۇنى ئادىمىيەت ، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەيىمىزدىكى بىر پاجىئە دېمەك ئامال يوق.

    مەنبە: ئوكيان تورى

     

     


    收藏到:Del.icio.us