باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2010-11-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85314832.html

    ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم

     
    ساڭا شېئىر ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم
    (تۈنۈگۈن ساڭا ئاتاپ يازغانلىرىمنى)
    ئۇزۇن بىر ھېكايە قىلىپ توقۇپ بەرمەكچى ئىدىم
    سېھىرلىك يوللىرىڭدا قانچە رەت ماڭغانلىرىمنى
     

    ئەپسۇس!
    تەلەيسىز قۇلىقىم
    ۋەي" دېگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىيالمىدى "
     
    ئەپسۇس!
    تەلەيسىز يۈرىكىم
    سۆزلىرىڭ ئورمانلىقىدا يايرىيالمىدى
    بىچارە شېئرىم
    يۈرىكىڭگە قاتنىيالمىدى

    يانفۇنىڭنىڭ مۇزىكىلىق قوڭغۇرىقىنى
    قانچە قېتىم ئاڭلىغىنمنى بىلمەيمەن!!!
    لېكىن
    سەن ئىۋەتكەن سوغۇق فرونىتتا
     
    توڭلاپ قىتىپ قالغانلىقىمنى
     
    ئوت دېڭىزىڭدا
    ئىختىيارسىز ئېقىپ قالغانلىقىمنى
    كۆلىڭدىن شەربەت ئىچىشنى كۆزلەپ مېڭىپ
    سۇسىز قۇملىقىڭغا پېتىپ قالغانلىقىمنى
    بىلمەن.

    2010.10.11

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us