باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئوقۇتقۇچىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز - [ماقالىلىرىم]

    2009-06-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/41607659.html

    بۇ يىل ئون ئىككى يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىغا يەنى ئالىي مەكتەپكە قەدەم باستىم. ئون نەچچە يىلللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا ھەرخىل مىجەزلىك، ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسنى ئاڭلىدىم. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بەزى تەرەپلىرى مېنى خۇشال قىلسا، بەزى تەرەپلىرى تازا كۆڭلۈمگە ياقمىدى. تۆۋەندە مەن ئون ئۈچ يىللىق دەرىس ئاڭلاش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا بىر_نەچچە ئىغىز سۆزلىمەكچىمەن.
         1.يۈكسەك ئەخلاق ساپاسىغا ئىگە بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئادەم تەربىيلىگۈچى بولغان ئىكەن باشقىلارنى تەربىيلەشتىن ئاۋال ئۆزى باشقىلارغا قىلغان تەربىيە مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلمىسا، قىلغان تەربىيەسىنىڭ رولى بولمايلا قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىىتدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالىدىغان ئىش كىلىپ چىقىدۇ.

         ھەربىر ئوقۇتقۇچى يۈرۈش_ تۇرۇشىغا، گەپ-سۆزىگە، كىينىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر ئىغىز سۆزى، ھەربىر ھەركىتى، ھەتتا كىيگەن كىيىم_كىچىكىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە تەسىر قىلىدۇ.
          يۈرۈش_تۇرۇشقا دىققەت قىلىش دىگەندە:ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا بەزىبىر بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلماسلىق كېرەك.
         ھىلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. بۇ مېنىڭ باشلانغۇچ بەشىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى. بىزنىڭ بىر (ئايال) ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان ئۇ دەرىس سۆزلىگىلى كىرگەندە دائىم بىزنىڭ كۆزمىزدىلا بىر خىل سەت ئاۋاز چىقىرىپ تۈكۈرەتتى. بۇ ۋاقىتتا بىز ئىنتايىن بىئارام بولساقمۇ ئوقۇتقۇچىمىزغا ھىچنىمە دىيەلمەيىتتۇق. چۈنكى بىز ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تايىقىدىن قورقاتتۇق.
         گەپ_سۆزگە دىققەت قىلىش دىگەندە: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىلىق_سىپايە سۆزلىشى، جەميەتتە ئىقىپ يۈرگەن بەزىبىر تىتقسىز سۆزلەرنى دەرىسخانىغا سۆرەپ كىرمەسلىكى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان لەقەم قويماسلىقى كېرەك.
          ئوقۇغۇچى گەرچە ئوقۇتقۇچىدىن مەيلى ياش جەھەتتە بولسۇن ياكى بىلىم جەھەتتە بولسۇن تۆۋەن ئورۇندا تۇرغىنى بىلەن ئۇلارمۇ يەنىلا ئۆزىگە تۇشلۇق ئادەم. ئۇلاردىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆڭۈل بار ئۇلارمۇ خۇشال بولۇشنى، رەنجىشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى «ئۇكام» «بالام» دىگەندەك سىلىق_سىپايە سۆزلەر بىلەن چاقىرىپ ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان لەقەم قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. دەرىسخانىدا ئۇنداق_مۇندا ئىشلار تۈپەيلى ئوقۇغۇچى ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىغان، باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئوقۇتقۇچى يارا ئۈستىگە تۇز سەپكەندەك، غاچلا شۇ ئەھۋالغا ماس كىلىدىغان لەقەمدىن بىرنى تىپىپ چىقىپ ئوقۇغۇچىغا ھەدىيە قىلماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچى لەقەمنى قويىدىغاننى قويۇپ بولۇپ ئىشخانىسىغا چىقىپ كەتكەن بىلەن ئوقۇغۇچى سىنىپتا ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا قالىدىغان گەپ. شۇنىڭدىن كىيىن ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ساۋاقداشلىرى ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھىلىقى لەقىمنى چاقىرىپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ. ھەتتا تاكا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسى قويۇپ قويغان لەقەمدىن قۇتۇلالمايدىغان ئىشلارمۇ مەۋجۇت. بۇنداق بولۇشتا ھەممە مەسئۇليەت ئوقۇتقۇچىدا بولمىغان تەقدىردىمۇ، مەسئۇليەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ.
          كىيىنىشىگە دىققەت قىلىش دىگەندە: ئوقۇتقۇچى نەدىكى چاكىنا كىيىملەرنى كىيمەي ، ئوقۇتقۇچىغا خاس چوڭ سۈپەت كىيىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.  ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا ئوقۇتقۇچىسىنى دوراپ كىيىنمەيدۇ دىگەىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنى چاكىنا كىيىنگەن ئىكەن ئەلۋەتتە قارىغان ئادەمگە باشقىچە تەسىر بىرىپ قويىدۇ بولۇپمۇ جەميەتتىكىلەرگە شۇنداق تەسىر بىرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  جەميەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئاسانلا جەميەتنىڭ ئازدۇرىشىغا ئۇچراپ، خاتالىق پاتقىقىغا قەدەممۇ_قەدەم پىتىپ كىتىدۇ. بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلار شۇنداق بولىدۇ. بەلىكم بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىق پاتقىقىغا پىتىپ كىتىشى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى دوراپ كىيگەن چاكىنا كىيىمىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. بىز كۆزگە ئىلمىغان مۇشۇنداق كىچىككىنە ئىش ئاخىردا بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
          2.يۈكسەك كەسپى ساپاغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزدە:«باشقىلارغا بىر چىنە سۇ بىرىمەن دىسەڭ، ئۆزۈڭدە بىر چىلەك سۇ بولسۇن » دەيدىغان گەپ بار. شۇنداق بولغان ئىكەن ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىس سۆزلەش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشى كېرەك.
         ئوقۇتقۇچى بىر سائەتلىك دەرىسنى مۇۋاپىققىيەتلىك سۆزلەيمەن دەيدىكەن، دەرىسلىك كىتاپتىكى مەزمۇنلارغا پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن سىرىت، دەرىسلىك كىتاپتىن سىرىت بولغان، شۇ سائەتلىك دەرىسكە ئائىت ماتىرىياللارنىمۇ ياخشى كۆرۈپ چىقىشى لازىم. بۇنداق بولمايدىكەن بىر سائەتلىك دەرىسنى مۇۋاپىققىيەتلىك سۆزلەش قىيىنغا توختايدۇ.
          ئوقۇتقۇچىدا قانچىلىك كۆپ بىلىم بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزەلمىسە، ئۇ يەنىلا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولالمايدۇ. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى نىمىگە تايىنىپ يەتكۈزىدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياخشى بولغان دەرىس سۆزلەش ئۇسۇلىغا تايىنىپ يەتكۈزىدۇ. شۇاڭ ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەش ئۇسۇلىغا سەل قارىماي، ياخشى بولغان دەرىس سۆزلەش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش لازىم.
          ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلىگەندە كىتاپتىكى نەرسىلەرنى ئۆلۈك سۆزلىمەستىن بەلكى ئەمەليەتكە باغلاپ، ئىسپاتلاپ تۇرۇپ سۆزلىشى كېرەك. چۈنكى كىتاپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىليەتتىن كەلگەن. ئەمەليەتكە باغلاپ سۆزلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا جانسىز نەرسە جانلىق نەرسىگە ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ئۆزلەشتۈرىشىگە ئاسان بولىدۇ.
          ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ سۇئال سوراشقا ئادەتلىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ سۇئال سورىغاندا، ھەربىر ئوقۇغۇچى «مەندىن سوراپ قالسا قانداق جاۋاپ بىرەرمەن» دىگەن ئاڭ بىلەن دەرىسكە دىققەت قىلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە دىققەت قىلماسلقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
          سۇئال سوراش ئوبىكتىغ دىققەت قىلىش كېرەك. سۇئال سورىغاندا ياكى نۇقۇل ھالدا دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن سوراشتىن، ياكى نۇقۇل ھالدا دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلاردىن سوراشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنداق بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئورتاق ئىلگىرلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.نۇقۇل ھالدا دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن سورىغاندا، دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ئاجىز پىتى قىلىۋىرىدۇ. نۇقۇل ھالدا دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلاردىن سورىغاندا گەرچە دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن كۆپ پايدىسى بولسىمۇ لىكن دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەشكە ئامالسىز قىلىپ، ئىچى پۇشۇپ دەرىسكە دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاستا_ئاستا دەرىستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ.
          3.ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرلەشكەندە خاتالىقىنى يۈرەكلىك ھالدا ئىتتراپ قىلىش كېرەك.
          «دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق» ئوقۇتقۇچىمۇ ئىنسان. شۇڭا ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولغاندىن كىيىن ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقنى سەزگەن ھامان يۈرەكلىك ھالدا ئىتتراپ قىلىشى كېرەك.
          ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتالىقىنى تىپىپ چىقىش، ئوقۇتقۇچى بىلەن تەڭ تۇرۇپ مۇنازىرلىشىش ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدىن كىلىۋىرىدىغادن ئىش ئەمەس. بۇ پەقەت زىېھنى ئۆتكۈر، مىجەزى جاھىلراق ئوقۇغۇچىلارنىڭلا قولىدىن كىلىدۇ. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىشمۇ ئوخشاشلا ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن كىلىۋەرمەيدۇ.
          بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرلەشكەندە ئۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كىتىشتىن قورقۇپ قىزىرىپ-كۆكىرىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىنىڭكىنى خاتا، ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلدۇ. لىكن بۇ ۋاقىتتا خاتالىقىنى ئىتراپ قىلغاندىنمۇ بەكراق يۈزى چۈشكەنلىكنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئەمەليەتتە ئوقۇغۇچىلار خاتالىقىنى ئىتراپ ئوقۇتقۇچىنى بىلىمسىزكەن، ئۇكەن_بۇكەن دەپ كەمسىتمەيدۇ بەلكى ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەمتەرلىكىگە ئاپرىن ئىيتىدۇ. شۇ ئوقۇتقۇچىنى ماختايدۇ. بەلكىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇخىل خارەكتىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىشتىن قورىقسا كېىرەك. بۇ يەردە كىسىپ ئىيتىمەنكى خاتالىقىنى ئىتراپ قىلىشتىن قورقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار خاتالىقىنى ئىتراپ قىلالمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇنازىرلىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنازىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، نەتىجىدە ئوقۇتقۇچى بىلمنى چۇڭقۇرلاپ يەتكۈزۈش، ئوقۇغۇچى چۇڭقۇرلاپ بىلىم ئىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
          4.سىنىپ مەسئۇلى بولغان كىشى مۇۋاپىق سىنىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
          بىر ئوقۇتقۇچى سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئىكەن«قانداق قىلسام سىنىپمنى ئالدىنقى قاترغا ئۆتكۈزەرمەن» دىگەننى چوقۇم ئويلايدۇ.(چۈنكى سىنىپنىڭ نەتىجىسى ۋاستىلىك ھالدا سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەكتەپتىكى ئورنى، خىزمەت نەتىجىسى دىگەنلەرگە تەسىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!) شۇنىڭ بىلەن سىنىپ مەسئۇللىرى ھەرخىل قائىدىلەرنى، باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تۈزۈپ قوللىنىشقا باشلايدۇ. كۆپ ساندىكى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئورناتقان قائىدە_تۈزۈملىرى توغرا بولسىمۇ لىكن ئاز ساندىكى بەزى سىنىپ مەسئۇللىرى ئىقتىسادى جازا، تەن جازاسى(بەلكىم ھازىر تۈگىگەن بولۇشى مۇمكىن) قاتارلىق ناتوغرا تۈزۈملەرنى قوللىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق ناتوغرا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ.(بىز ئوقۇغۇچىلار بۇنداق تۈزۈملەرگە چىدىماي، ئاتا_ئانىمىزغا دەپ سالىمىز. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇنداق تۈزۈم قوللانغانلىقىنى ئاتا_ئانىلىرىمىز بىزنىڭ گەپلىرىمىز ئارقىلىق بىلىدۇ.)
          سىنىپ مەسئۇللىرى يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوسىتلۇق ئورنىتىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدىكى «ھاڭ» نى ئىلىپ تاشلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
          سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش_قۇرامىغا (قايسى يىللىقتا ئوقۇيدىغانلىقىغا) قاراپ باشقۇرۇش ئىلىپ بىرىش كېرەك. مەسىلەن ئىيتايلى:سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل بولىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالسىڭىز ئىنىقلا ئۇلارنى بىزار قىلىپ قويىسىز. شۇڭا ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش_قۇرامىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك.
         5.ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىدىكى ناچا خاھىشلارنى ئۈزۈل_كىسىل تۈگىتىشى كېرەك. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆچ ئىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا كىبىرىنى كۆرسىتىش، بىسىم ئىشلىتىش ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقتەك ناچار خاھىشلار مەۋجۇت. ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل خاھىشلارنى چوقۇم تۈگىتىشى لازىم.
          بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇعۇچىنىڭ بىلىپ ـ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويعان خاتالىقىغا ئاچچىقى كىلىپ، ئوقۇغۇچىدىن دەرىسخانىدا مىسال كەلتۈرۈپ زىتىغا تىگىش، نەتىجسىنى قەستەن تۆۋەن چىقىرىپ قويۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۆچ ئالىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغىلا ئەمەس بەلكى ئادىمىيلىككىمۇ يات ئىش.
          ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئازئەمەس. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىستە ياخشى ياكى ئاجىزلىقىغا، قىز ياكى ئوغۇللىقىغا، ئۆزىگە نەپ يەتكۈزگەن يەتكۈزمىگەنلىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنداق ئوقۇتقۇغىلار «ئوقۇتقۇچى» دىگەن نامغا ھەرگىز مۇناسىپ ئەمەس.
          بۇ ئىش مەن تولۇق بىرنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن. تەتىللىك بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلى كۇرىسىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىللەردە، بىر كۈنى دەرىسكە كىچىكىپ قالدىم.(بىزنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمىز يىگىرمە نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئەر ئىدى) ئوقۇتقۇچىمىز ئولتۇرۇشۇمغا روخسەت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆرە تۇرۇپ دەرىس ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئارىدىن 15-20مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ئۈچ نەپەر قىز ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىمىز ئۇلارغا قاراپ«ئولتۇرۇڭ» دىگەن مەنىدە كۈلۈمسىرەپ باش لىڭىشىتتى. شۇنداق قىلىپ مەندىن كىيىن كىرگەنلەر ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلىدى مەن بولسام دەرىس توشقۇچە ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدىم. مان بۇ ئوقۇتقۇچى شۇنداقلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
          ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كىبىرىنى كۆرسىتىپ باشقۇرماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىنىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغاپ ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان قىلىشى كىرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كىبىرىنى كۆرسەتسە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىمەيدۇ پەقەت ئۇنىڭدىن قورقىدۇ خالاس. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدلىشىدىن، تىللىشىدىن قورقىدۇ. لىكن ئۇنداق ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن قىلچىلىك ھۆرمەت تۇيغۇسى بولمايدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئەكىسچە ئىش تۇتۇپ ئوقۇغۇچىلارغا كىبىرىنى كۆرسەتمەي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ تەنقىدلەيدىغاننىڭ ئورنىغا ئىككى ئىغىز ياخشى گەپ قىلسا ھەرقانچە گەپ ئاڭلىماس ئوقۇغۇچىمۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەنقىدلەيدىغان يەرگە ياخشى گەپ قىلغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خىجىللىق ھىس قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىغا يۈز كىلەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا تېرىشىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ.
           ئوقۇتقۇچى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئاخىردا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

    分享到:

    历史上的今天: