-
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39923152.html
چىقىۋىلىپ ئۆيدىن سەھەردە،
كىرىۋىلىپ كۈندە شەھەرگە.
تاپقىنىنى تىگىشىپ مەيگە،
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ.ئانىسنى ئالداپ پۇل ئىلىپ،
قىمارلارغا مىڭلاپ دو تىكىپ.
كىچىلىرى تالادا قىلىپ،
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ.پۇل تۈگىسە ئۆيىگە كىلىپ،
دادىسىنىڭ گىلىنى سىقىپ.
ئانىسىنى زار-زار قاقشىتىپ،
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ.لۈكچەكلەرنى ئاغىنە تۇتۇپ،
ياۋاشلارنى دۇمبالا-ئۇرۇپ.
يامانلارغا لالما ئىت بولۇپ،
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ.كەيىپ ئۈچۈن زەھەرنى چىكىپ،
زەھەر ئۈچۈن جىنىدىن كىچىپ.
پۇل بولمىسا قىنىنى سىتىپ،
يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ.历史上的今天:
ئانا ۋە ئوغۇل 2009-05-25گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن 2009-05-25ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلپ 2009-05-25دۇتتارچى يىگىت 2009-05-25كاچىتىڭغا ئۇرماقچى ئىدىم 2009-05-25