-
گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39925207.html
قاچۇرىسەن ئۆزۈڭنى دائىم،
يۈرىكىمنى تەشۋىشكە سىلىپ.
ئەجەپ ئۇنداق ئەمەستىڭ بۇرۇن،
كەتتىمۇ يا قەلبىڭ ئۆزگىرىپ.ئىزدەيىتتىڭغۇ ئىزدىمىسەممۇ،
سېنى ياخشى كۆرمەس چىغىمدا.
ئېرىپ كىتىپ مۇھاببىتىڭدىن،
كىرگۈزگەنتىم قەلىپ بىغىمغا.تېلىفۇن قىلماي قويسام ئۈچ-تۆت كۈن،
يىغلىغانتىڭ ھۈر-ھۈر ئىسەدەپ.
بەرگەن ئىدىم ساڭا تەساللى،
«بولدى قىلغىن ياش تۆكمىگىن»دەپ.كۈچەيگەنتى شۇ كۈندىن باشلاپ،
ساڭا بولغان مۇھەببەت ئوتۇم.
تېخى سېنىڭ قىلىقلىرىڭدىن،
شادلىناتتىم،كىلەتتى زوقۇم.ئەپسۇس ھازىر كەتتىڭ ئۆزگىرىپ،
تانغاندەكلا خۇددى ئۆزۈڭدىن.
سوقالمايدۇ يۈرىكىم ئەركىن،
گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن.سېرىق پورىتمال
ئەسلىتىدۇ شېرىن كۈنلەرنى،
سەن بەرگەن شۇ سېرىق پورىتمال.
سۈرىتىڭ بار ئۇنىڭ ئىچىدە،
چىچىڭ قۇندۇز ،قاشلىرىڭ ھىلال.چىڭ ساقلاقلىق ئۇنىڭدا يەنە،
ماڭا يازغان قەلىب ئىزھارىڭ.
غالىب كىلىپ مۇھەببەت ئوتى،
يىڭىلگەنتى قىزچاقلىق نازىڭ.ئايرىمايمەن ئۇنى يىنىمدىن ،
چۈنكى ئۇنى سەن سوۋغا قىلغان.
يەنە تېخى سېرىق پورىتمال،
سۆيگۈمىزگە گۇۋاھچى بولغان.历史上的今天:
ئانا ۋە ئوغۇل 2009-05-25ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلپ 2009-05-25دۇتتارچى يىگىت 2009-05-25يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ 2009-05-25كاچىتىڭغا ئۇرماقچى ئىدىم 2009-05-25