-
ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلپ - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39923606.html
بىز ئوينىغان گۈزەل گۈلباغلار،
ئېسىڭدىمۇ ئېيتقىنە قىزچاق.
ئەجەپ شىرىن ئىدى شۇ چاغلار،
بەخىت بىزگە ئاچقانتى قۇچاق.چاچلىرىڭنى سۆيەتتى شامال،
چىمەنزاردا ساقلىساڭ مىنى.
كىلەر ئىدىم قىلىپ بىر ئامال،
مەجنۇنلارچە سىغىنىپ سىنى.بىرگە ماڭساق تىرەكىلىك يولدىن،
يوللار بىزگە قىلاتتى ھەۋەس.
ئاجرىمايىتتى قولىمىز قولدىن،
مەسىت بولاتتۇق شادلىقتىن پەۋەس.ناخشا ئېيتار ئىدى شوخ سۇلار،
بويلىرىدا پاراڭغا چۈشسەك.
بىز بىلەن تەڭ كۈلەتتى ئۇلار،
چاقچاقلىشىپ قاقاقلاپ كۈلسەك.كۈنلىرىمىز ئۆتەتتى خۇشال،
مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ.
تاپقان ئىدۇق سۆيگۈدىن ۋىسال،
دۇنيا بىزگە باققانتى كۈلۈپ.ئەپسۇس بۈگۈن كەتتۇق ئايرىلىپ،
سۆيگۈمىزگە خاتىمە بىرىپ.
ناكا بولدى يۈرەك يارلىنىپ،
خەنجىرىڭدە كەتكەچ تىلىنىپ.历史上的今天:
ئانا ۋە ئوغۇل 2009-05-25گۇمانلىنىپ قالدىم سۆيگۈڭدىن 2009-05-25دۇتتارچى يىگىت 2009-05-25يىگىت دىگەن شۇنداق يۈرەمدۇ 2009-05-25كاچىتىڭغا ئۇرماقچى ئىدىم 2009-05-25