-
تاللاش - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]
2009-05-23
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39845238.html
يىراق تۇرغىن مەندىن شاماللار،
بولالمايمەن سىلەرگە ئاداش.
پىشانەمگە پۈتۈلگەن چۈنكى،
بىر مەزگىللك يىگانە ياشاش.
ئويناپ_كۈلۈپ،چاقچاق قىلىشپ،
تاپالمىدىم سىلەردىن شاتلىق.
يالغان كۈلۈپ ئۆتەر كۈنلىرىم ،
كەچمىشلىرىم زەھەردىن ئاچچىق.
يۈرىكىمدە لىقمۇ-لىق ئازاپ،
ھەممىسنى سىلەر قالدۇرغا.
مېنى توڭلاپ ئۆلسۈن دىگەندەك،
باھاردىمۇ قارلار ياغدۇرغان.
تەنھالىقنى سۆيۈپ ياشايمەن،
كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۈپ تىمتاس.
قەڭ قىلىمەن تەقدىرىم بىلەن،
نا باپ ماڭا باشقىچە تاللاش.
评论
ھەممىسىنى سىلەر قالدۇرغان
مېنى توڭلاپ ئۆلسۇن دېگەندەك ،
باھاردىمۇ قارلار ياغدۇرغان
ماۋۇ مىسرالار بەك يارىدى ماڭا