باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • ئون سەككىز يىشىم - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-05-23

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/39844997.html

    ئۆمرۈمنىڭ بايرىمى ئون سەككىز يىشىم،

    ياشلىقىم بىرىنچى بىتىنى ئاچتىڭ.

    قايتىدىن تونۇتۇپ ئۆزۈمنى ماڭا،

    قەلبىمگە ئىشەنىچ نۇرىنى چاچتىڭ.

     

    بار سەندە ئۇنتۇلماس شېرىن ئەسلىمە،

    ھەركۈنى بىر نۆۋەت ئەسلەپ تۇرغۇدەك.

    تەرىپىڭ شەنىگە قەلەم تەۋرەتسەم،

    ھەتتاكى بىر پارچە داستان بولغۇدەك.

     

    قىرانلىق چاقنايدۇ جۇشقۇن قەددىڭدىن،

    تاغلارنى ئالدىڭدا تىزلاندۇرغىدەك.

    سىنىڭدە مۇجەسسەم ساماۋى قۇدرەت،

    ئالەمنى يىگانە تىلسىملىغۇدەك.

     

    ئالتۇنمۇ يۈز پىرسەنىت بولمىغىنىدەك،

    مۇكەممەل ئەمەسسەن ئون سەككىز يىشىم.

    ئويلىسام سەن سالغان دىشۋارلارنى،

    كىسلاتا قۇيغاندەك ئىچىشار ئىچىم.

     

    سېنىڭدە بەڭباشلىق چىكىگە يەتكەن،

    زىممەڭگە تالايلاپ گۇناھ يازغۇدەك.

    نەدىكى تەنتەكلىك قىنى ئىيتقىنە!؟

    ئانامنىڭ كۆز يىشى توسالمىغۇدەك.

     

    ئاشىقلىق دەردىنى بەخشەندە قىلىپ،

    تۈگىمەس ئازاپقا قويساڭمۇ مېنى.

    شۇندىمۇ سۆيىمەن چېكەڭگە سېنىڭ،

    سۆيگەندەك ئانىسى كەپسىز بالىنى.

     

    ئارىلاش سېنىڭدە ئاچچىق-چۈچۈكلەر،

    بىر ئۆمۈر تەمىنى ئۇنتالمىغۇدەك.

    ئۈمىدىم يوقىتىپ بەڭباشلىقىڭنى،

    مېۋە بەر لەززىتى تىلنى يارغۇدەك.

    分享到:

    历史上的今天:

    تاللاش 2009-05-23

    评论

  • ئىجادىيەتلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.چوڭقۇر مەنىلك شېئىرلىرىڭىزدىن شۇنداق زوق ئالدىم.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
    ئازغۇن回复ئەلفىرات说:
    پىقىر ھازىر بلوگ كۆچۈشنى ئويلاپ يېڭى يازما يوللىماي تۇردۇم. پات ئارىدا يېڭى بلوگىم بىلەن يۈز كۆرۈشكەيسىلەر.
    2010-10-03 13:21:57