بۇ دەل ئاياللار ئارزۇلايدىغان تۇرمۇش
-
بۇ دەل ئاياللار ئارزۇلايدىغان تۇرمۇش
ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 2335 قېتىميانفوندا كۆرۈش
1. قانچە ئالدىراش بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر يىتەرلىك ئۇيقۇغا ئېرىشىڭ، يېتەرلىك ئۇيقۇ پارقىراق ۋە سىلىق تېرىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەبىئىي گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. بىر نەچچە سىرداش دوستىڭىز بولسۇن، زىرىككەن چاغلىرىدا ئۇلارنى چاقىرىپ ئۆيىڭىزدە ياكى سىرتلاردا يىغىلىشىڭ، نەچچە تەخسە قورۇما ياكى بىر ئىستاكان ئىچىملىك بىلەن ئولتۇرۇشۇپ مۇڭدىشىپ، ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ...
3. مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىڭ، ھارغىنلىق ھىس قىلمايسىز؛ ياستۇق بېشىغا ئىككى پارچە ياخشى كىتابنى قويۇپ قويۇڭ، بوش ۋاقىتلاردا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئانچە- مۇنچە ۋاراقلاڭ...
4. ئۆزىڭىزگە ماس كەلگۈدەك كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ ، سالاپىتىڭىزنى نامايەن قىلىڭ، چوقۇم قىممەت باھالىق كىيىم بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق كىيىپ ئىشقا بارسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ مەستلىكى كەلسۇن...
5. قايغۇرغان چېغىڭىزدا دەردىڭىزنى ئېيتىدىغان بىرى بولسۇن، دەردىڭىزنى، يېغىلىرىڭىزنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بىرەلەيدىغان؛ ئاندىن سىزگە:« ھەممە ئىشلارغا توغرا قاراڭ، كىشلىك تۇرمۇش مانا شۇنداق بولىدۇ؛ ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئادەم بولۇشنىڭ پىرىنسىپى ئۆزىگە يۈز كىلىش» دىيەلەيدىغان بولسۇن.
6. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ماكانى بولىدۇ؛ ئەڭ مۇھىم بولغىنى، كىيىنكى پۇشايماندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا- ئانىنىڭ ساق- سالامەت ۋاقتىدا ئۇلارغا ۋاپاردارلىقىنى بىلدۈرۈش.
7. چارچىغان ۋاقتىڭىزدا بالىلارغا ئەركىلەشنى ئۆگىنىڭ، ئۇنىڭغا بۈگۈن ئانا ئەمەس بەلكى بالا بولغۇڭىز بارلىقىنى ئېيتىڭ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنداق ياكى بۇنداق تەلەپلەرنى قويۇڭ؛ دائىم مۇشۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزنىڭ دوستىغا ئايلىنالايسىز.
8. ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ھەمىشە شۇنچە قەيسەر، شۇنچە قابىلىيەتلىك كۆرۈنۈۋالماڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ھەمدە مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاجىزلىقىڭىزنى بىلىندۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇيغۇسى شۇنداقلا سىزگە ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇش پۇرسىتى بىرىڭ.
9. ھەر كۈنى يارىشىملىق، پاكىزە كىيىنىڭ، ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە كۈلۈمسىرەڭ، ئىشەنچكە تولغان ھالدا يېڭى بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى باشلاڭ.
10. تۇرمۇشى سىزنىڭكىدىن ناچار ئاياللار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ جاپاسىنى، ئازابىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچە شۇنداقلا ئاددى- ساددا، چىدامچانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىڭ؛ سىز شۇندىلا جاپاسى كۆپ كىشلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلاشقاندا قانائەت تۇيغۇسى يىتىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
11. نەچچە تەشتەك گۈل بېقىڭ، بالىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانغا ئوخشاش ئۇلارغا ياخشى قاراڭ، گۈللەر ئېچىلسا، شاخلىرىدىن بىخلار سۈرسە، سىز ھەر بىر كىچىككىنە ھاياتلىقتىمۇ بولىدىغان گۈزەللىكلەرنى ھىس قىلالايسىز.
12. كەچتە ئۆيىڭىزگە قايتقاندا كەڭ راھەت ئۇخلاش كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ، كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈڭ، كورىيە قىزلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ؛ بەزىدە مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ھورۇنلۇقمۇ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە لاتاپەتلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.
13. ۋاقتىڭىز بولسىلا دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ، بەزى دوستلىرىڭىز بىلەن نەچچە مىڭ چاقىرىم يېراقلىقتا ئايرىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، كۆڭلۈڭلار يەنىلا بىر يەردە بولىدۇ، ئۆ- ئارا چۈشىنىسىلەر، ئۇلارغا تېلفۇن قىلىڭ، پاراڭلىشىڭ...
14. قايسى بىر ئەرنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ كىتىشىنى ئارزۇلاپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىزنى سۈيۈشىڭىزلا ئەڭ مۇھىمدۇر، ئەرلەرنىڭ سىزگە بولغان ماختاشلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى ۋە ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىڭ، ھەمدە ئۇلارغا كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇڭ.
15. ئىرىڭىز، بالىڭىز سىزگە ئىنتايىن مۇھىم، بىراق ھاياتىڭىزنىڭ ھەممىسى ئەمەس، سىز ئۇلارنىڭ ئادەت خاراكتىرلىك ئۆي مالىيى بولۇپ قالماڭ؛ ئۇلارغىمۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش پۇرسىتى بىرىڭ، ئېرىڭىز، بالىلىرىڭىز سىز ئۈچۈنمۇ تاماق ئىتىپ باقسۇن، ئۇلارنىڭ ئىش قىلغىنىنى كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ، راھەت ھىس قىلىسىز.
16. باشقىلارنىڭ ئىرى ۋە بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ، ئائىلە ئىناق، ئۆيدىكىلەر سالامەت بولغانلىقنىڭ ئۆزى خوشاللىق ۋە بەخت؛ ياشلىقىڭىزنىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ ئاھ ئۇرماڭ، سالاپىتىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىز بىلەن قېرىشىڭىزنى ئاستىلىتالايسىز؛ يۈرىكىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكى خوشاللىقلارنى بايقاڭ، ھاياتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ.
مەنبە: مېھىر سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
چۈنكى بىز ئايال
2015-12-12 12:17:491973بالىياتقۇ بوينى راكى قانچە خىل بولىدۇ؟
2015-12-09 20:44:152678شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا
2015-10-25 16:35:332840ئايالىڭىز پەرىشتىمۇ ياكى ئالۋاستىمۇ؟
2015-10-23 16:37:331892ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە د
2015-08-19 12:00:574899ئاياللارنىڭ دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىشىدىكى سەۋ
2016-02-04 19:28:162501ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302452قىزلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەتلا بىر خىل: ئۇ بولس
2016-01-21 12:25:421710
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-