بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى دېگەن نېمە؟
-
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-07-09 ئاۋاتلىقى: 1808 قېتىمسىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرىسى ھەم شىللىق پەردە پىگمېنتى چېكىنىش، قوپال بولۇش ۋە يىگىلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. پىگمېنت چېكىنىشنىڭ دائىرىسى دائىرىلىك ياكى چوڭ كۆلەمدە بولىدۇ. پىگمېنت چېكىنىشنىڭ دەرىجىسى سۇس ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ.يانفوندا كۆرۈش
سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تېرىسىدە ئاسانلا ئاق رەڭلىك زەخمە يۈز بېرىدۇ، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكىلەردە يۈز بېرىدۇ، ئەمما ھەيز كېسىلىش مەزگىلدىن كېيىن كۆپ يۈز بېرىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرىسى ھەم شىللىق پەردىدە ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى قوزغايدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ.
(1)سىرتقى جىنسىي ئەزا يىگىلەش: سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرىسى ھەم شىللىق پەردىدە قاتتىقلىشىش ھەم يىگىلەش يۈز بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، سىرتقى يۈزى ئاق رەڭدە ياكى بوز رەڭدە بولۇپ، ئېغىر بولغانلارنىڭ ماتكا ئېغىزى تارلاپ كېتىدۇ. كېسەللىك تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولغانلار قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تىرىك تەنچە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىككە ئېنىق دىئاگنوز قويسا بولىدۇ.
(2) يىگىلەش خاراكتېرلىك قېتىشىش تەمرەتكىسى: كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كەڭ كۆلەملىك، سىرتقى جىنسىي ئەزادىن باشقا يەنە گەۋدە يۇقىرى قىسىمىدىمۇ يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، بويۇن قىسىمى، قولتۇق ۋە بىلەك قىسىمى قاتارلىق ئورۇنلاردا. دائىرىلىك ئورۇندا ئاق رەڭلىك ئەسۋە پەيدا بولۇش، قورۇلۇش، قۇرغاق بولۇش، ئېلاستىكلىقى ناچار بولۇش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ، 40 ياش ئەتراپىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
(3) ئاق رەڭلىك تېرە تاشلاش: مەسىلەن، ئاق كېسەل، رادىياتسىيە رېئاكسىيەسى، يارىلىنىشتىن كېيىنكى تارتۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىرتقى جىنسىي ئەزا تېرە رەڭگى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەھۋالنىڭ پۈتۈن بەدەندە ئوخشاش ئىپادىسى بار، ئالاھىدە دائىرىلىك كېسەللىك ئالامىتى يوق.
(4) دائىرىلىك ئورۇن ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان تېرە ھەددىدىن زىيادە مۈڭگۈزلىشىش: مەسىلەن سۈركىلىش زەخمىسى، چىرىش، كالا تەمرەتكىسى، يېسۋىلەك يىغىندى كېسەللىكى، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار.
(5) ئۆسۈپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى: دائىرىلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ قېلىپ ھۈجەيرىدە ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۆز ئورنىدىكى راك ۋە يۇقۇش راكى قاتارلىقلار.
سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش. قىچىشىش ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كېچە كۈندۈز، پەسىل تاللىماي بىمارغا ناھايىتى ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. دائىرىلىك ئورۇن تېرە شىللىق پەردە پىگمېنتى چېكىنىپ، تېرە سۇلۇق ئىششىپ، قاتتىق ياكى ئاسان يېرىلىدۇ، ياكى تېرە نېپىزلەپ، پارقىراق بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلىرىدە يەنە ماتكا ئېغىزى تارىيىش يۈز بېرىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىيىن بولىدۇ. ئادەتتە بۇ كېسەللىكنىڭ كېسەللىك قوزغىلىشى ئاستا كېسەللىك مەزگىلى ئۇزۇن بولىدۇ.
بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا بۇرۇن كۆپىنچە ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى، ئەمما بۇنىڭدا قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولاتتى. ھازىر ئۆسۈپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن باشقىسىغا كۆپىنچە ئەنئەنىۋى داۋالاشنى قوللىنىدۇ: ① دائىرىلىك ئورۇنغا دورا ئىشلىتىش، مەسىلەن پروپىئون كىسلاتا ئۇرۇقدان كىتونى مەلھىمى، ھىدروگېنلىشىپ يۇمشىتىش مەلھىمى، جۇڭيى مەلھىمى بولغان بامبۇك ئېرىترومىتسىن مەلھىمى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ. ② لازېر نۇرلۇق داۋالاش، SK ئەسۋابى نۇر ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ③ ئەنئەنىۋى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن پەقەتلا سىرتقى جىنسىي ئەزانى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ④ ئادەتتىكى داۋالاشمۇ ناھايىتى مۇھىم، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ پاكىزلىقىنى، تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش، سوپۇن ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنماسلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، كىيىم-كېچەكنىڭ كەڭلىرىنى كىيىش، تالالىق ئىچ كىيىمنى كىيمەسلىكى كېرەك.
بۇ كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈتۈپ زۆرۈر تېپىلغاندا تىرىك تەنچە تۇقۇلمىسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ قىچىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بىر باسقۇچ (3 قاپ) ئىشلەتكەندىن كېيىن، قىچىشىش ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ ھەر خىل ياللۇغ ئەھۋاللىرىغا بولغان ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. جىنسىي ئەزا بوشاپ كېتىشكە قارىتا تارايتىش، چىڭىتىش ئۈنۈمىمۇ سىزنى ئالاھىدە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
سېتىۋېلىش تېلېفونى: 0991-6598750 ئۈندىدار: parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسىنى قانداق داۋا
2015-11-05 01:49:281868ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك ئاياللارغا بەك كۆيۈنىدىكەن
2015-12-06 23:31:451936قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى
2015-12-21 16:12:272585ياخشى ئەر ئەسكى ئايالنى ياخشى قىلدۇ، ئەسكى ئەر ي
2016-02-03 18:33:114385ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا
2016-01-27 11:44:485890ئاياللارنىڭ يولدىن چىققانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
2015-12-04 13:15:023624سىز زىنا قىپ باققانمۇ؟ زىنا قىلسا قانداق بولىدۇ؟
2016-01-22 17:59:368174ئەر ئايال ئىككىلىسى تالاغا قاراپ قاپتۇ، ئۈچىنچى
2015-12-08 18:08:502845
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-