بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردىن قايسىلار بار؟
-
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردىن قايسىلار بار؟
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 5809 قېتىمسىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش بولسا بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى، نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوزغىلىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار :يانفوندا كۆرۈش
(1) تامچە قۇرت ماتكا ياللۇغى، زەمبۇرۇغ ماتكا ياللۇغى، ياشانغانلاردىكى ماتكا ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلارنىڭ غىدىقلىشى.
(2)سىرتقى جىنسىي ئەزا كېسەللىك ئۆزگىرىشى، مەسىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق رەڭلىك كېسىلى زەخمىسى قاتارلىقلاردا قىچىشىش كېسەللىك ئالامىتى يۈز بېرىدۇ.
(3) دورا زىيادە سېزىمچانلىقى، مەسىلەن سىرتقى جىنسىي ئەزا ياكى ماتكىغا مەلۇم خىل دورىنى ئىشلەتكەندە، ياكى خىمىيە تالالىق ئىچ كىيىمنى كىيگەندە، رېزىنكە ياكى نلۇن ھەيز بەلۋىغى قاتارلىقلار زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقى ياخشى بولماسلىق ۋە داۋاملىق ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ تۇرماسلىق، ماتكا ئاجراتما ماددىسى ياكى سۈيدۈك كىرى سىرتقى جىنسىي ئەزادا ياكى ئىچ كىيىمدە يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سىرتقى جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(5) تېرە كېسەللىكى، مەسىلەن، ھۆل تەمرەتكە، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار.
(6)چۈچۈك كېسىلى، كۆپىنچە كىچىك قىزلاردا يۈز بېرىپ مەقئەت يولى ئەتراپى قىچىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(7)پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك، مەسىلەن، دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان شېكەرلىك سۈيدۈك سىرتقى جىنسىي ئەزا غىدىقلاپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(8) روھىي نېرۋا خاراكتېرلىك سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، ئادەتتە نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى تۈرىگە تەۋە.
سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش ئادەتتە ھەيز كېلىش مەزگىلدە ۋە كېچىدە ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغانلار ئولتۇرۇپ، ياتقاندا بىئارام بولىدۇ، خىزمەت ۋە ئارام ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يەنە نېرۋا چېكىنىش، روھىي جەھەتتىن ناھايىتى ئازابلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىرىلىك ئورۇندا تېرە يېرىلىش، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش كېسەللىك ئالامىتى يۈز بەرگەندە تەپسىلىي تەكشۈرۈپ سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۆزى ھەرگىزمۇ قالايمىقان دورا سۈركىمەسلىكى، يەنە قالايمىقان ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ ياكى ھەددىدىن زىيادە سوپۇن ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ قىچىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بىر باسقۇچ (3 قاپ) ئىشلەتكەندىن كېيىن، قىچىشىش ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ ھەر خىل ياللۇغ ئەھۋاللىرىغا بولغان ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. جىنسىي ئەزا بوشاپ كېتىشكە قارىتا تارايتىش، چىڭىتىش ئۈنۈمىمۇ سىزنى ئالاھىدە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
سېتىۋېلىش تېلېفونى: 0991-6598750 ئۈندىدار: parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ
2015-11-10 03:20:125809ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېل
2015-11-05 01:26:5520959ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
2015-12-30 17:10:102374ئاياللار «شېرىن قاتىل» دىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك
2015-08-18 12:18:384498بالىياتقۇ زىدىسى
2015-10-22 18:21:432875ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺗﯘ
2015-12-22 12:09:005392ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇ
2015-12-26 12:26:453555گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332045
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-