ئاياللار قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
-
ئاياللار قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1832 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ئادەتتىكى چاغلاردا قان تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بىراق قانداق چاغدا قان تولۇقلاشنى بىلىشمۇ بىر ئىلىم. دەل ۋاقتىدا تولۇقلانغان قان ئاياللارنى گۈزەل رۇخسارغا ئىگە قىلىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئاياللار ئۆزىنىڭ قان تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟1 . كۆزگە قاراشئەگەر كۆز ئېقىنىڭ رەڭگى دۇغلىشىپ سارغايغان، قىلقان تومۇرلار كۆرۈنۈپ قالغان، كۆز قۇرغاقلىشىپ قاپاقلار ساڭگىلىغان ۋە كۆز خالتىسى چوڭلاپ كەتكەن بولسا، بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. ئەكسىچە ھەرقانداق چاغدا كۆز يوغان ئېچىلىپ تۇرسا، كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2 . تېرىگە قاراش
تېرىدە قورۇق ھەم داغلار بولمىسا، پارقىراق ھەم ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، بۇ كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە تېرە يىرىك، نۇرسىز، داغ چۈشكەن، تۇتۇق، سارغايغان، تاتارغان، كۆكىرىپ قالغان ياكى قىزىرىپ قالغان بولسا سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.
3 . چاچقا قاراش
چاچ قارا، قويۇق ھەم يۇمشاق بولسا بۇ كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، چاچتا جانسىزلىق، چۈشۈش، سارغىيىش، ئاقىرىش ۋە يېرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.
4 . قولنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا قاراش
قول تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىللىق تۇرسا كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنىڭ، ئەگەر ئالقان قىسمەن قىزىسا ياكى تەرلەپ مۇزلاپ تۇرسا بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.
5 . قول بارماقلىرىغا قاراش
مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن قول بارماقلىرى سولاشقان، ئاجىز ياكى ئىنچىكە بولۇپ قالغان بولسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، ئەگەر بارماقلىرى توق، گۆشلۈك، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولسا، كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6 . تىرناقتىكى ئىزلارغا قاراش
چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار بولىدۇ، بىراق كىچىك بالىلارنىڭ تىرنىقىدا ئىز بولمايدۇ. چوڭ ئادەملەرنىڭ تىرناقلىرىدا ئىزلار پەيدا بولۇپ قالسا، چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ.
7 . چىش مىلىكىگە قاراش
كىچىك بالىلاردا چىش مىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە روشەن بولمايدۇ، چوڭلارنىڭ چىش مىلىكى يىگىلىگەنلىكى بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، چىش ئارىلىقى چوڭايغان، يېمەكلىكلەر ئاسانلا چىش ئارىلىقىغا كىرىۋېلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا، بۇ بەدەننىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىنى، قېرىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
8 . ئۇيقۇسىغا قاراش
چوڭلار ئەگەر بالىلارغا ئوخشاش تېز ئۇخلىيالىسا، ئۇيقۇسى ئېغىر، نەپەسلىنىشى تەكشى، ئۇخلىغاندىن كېيىن تەبىئىي ئويغانسا، كۈچ -ماغدۇرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۇخلىشى تەس، ئۇيقۇسى يەڭگىل بولۇپ ئاسانلا چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتسە، نەپەسلىنىشى ئېغىر ياكى خورەك تارتسا قان ئازلىقنى كۆرسىتىدۇ.
9 . ھەرىكىتىگە قاراش
ھەرىكەت قىلغاندا، ئەگەر مەيدىسى چىڭقىلىپ نەپىسى بوغۇلسا ھەم ئاسانلىقچە ھاردۇق چىقمىسا، بەدەن ئاجىزلىق ۋە قان ئازلىقتىن بولىدۇ.
-----------
ئەگەر سىزدە قان ئازلىق، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، باشنىڭ كەينى قىسمى ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، سىزگە لوقمان ھەكىم قان تولۇقلاش گۆھىرىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. مەزكۇر مەھسۇلات مەخسۇس قان ئازلىقتىن بولغان باش ئاغرىش، ھارغىنلىق، چارچاش ئەھۋاللىرىغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىق لېنىيە تېلېفونى: 13369608844تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
2015-12-31 18:00:002038تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
2015-08-18 12:11:491861نىكاھ قاچىغا مۇھاببەت تاماققا ئوخشايدۇ
2016-01-05 17:25:071030زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (7)
2014-11-16 14:20:403624ئۈچ يىلدىن كىيىن بۇ بەلكىم كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئا
2015-12-03 14:21:502874ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
2015-12-22 12:59:433999ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسىنى قانداق داۋا
2015-11-05 01:49:281890ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان سۆزلىرى
2015-12-24 17:07:023813
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-