بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىيا قىلىدىغىنى بۇ 8 خىل ئايال
-
ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىيا قىلىدىغىنى بۇ 8 خىل ئايال
ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 2631 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىيا قىلىدىغىنى بۇ 8 خىل ئايال
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ھەقىقىي مەپتۇن قىلىدىغان يېرى پەقەت ئۇنىڭ گۈزەللىكىلا ئەمەس. ئەگەر بىر ئايال پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنى مەن بەك گۈزەل دەپ قارىسا، بەلكىم ئەرلەر ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى مۇمكىن بىراق ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. ئەرلەرنى ھەقىقىي مەھلىىيا قىلىدىغىنى مانا بۇ 8 خىل ئايال.
1. تارتىنچاق ئاياللار
تارتىنچاقلىق ئاياللارنىڭ ئىززەت ھۆرىمىتى، قەدرى بولىدۇ، پەقەت ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئىللىق كەيپىيات بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىڭ. بوش ئاۋازدا گەپ قىلىشمۇ بىر خىل تارتىنچاقلىق. تارتىنچاقلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىدىغان ئايالنى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئاسىرايدۇ.
2. ھەۋىسى بار ئاياللار
ھەۋەس بىر خىل قىزىقىش، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغاندا ئۆزىنى چۈشىنىش ۋە بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. قىزىقىش ئۆزىنىڭ بىلىمى، يۇمۇرۇستىك تۇيغۇسى، ئىچكى دۇنياسىدىكى قىزىقشلىرىنى نامايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا بىرەر يۇمۇر ئېيتالىسىڭىزمۇ بىر قىزىقىشى بار ئايال ھېسابلىنىسىز. قىزىقىشى بار ئاياللار خۇشال كەيپىيات يارىتالايدىغان ئاياللار، ئەرلەر ئۆزىنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئايالغا قانداقمۇ مەھلىيا بولمىسۇن؟
3. كۆڭلى تۇراقلىق، تىنچ ئاياللار
مەيلى جاھاندا قانچلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسۇن، ئاياللار تنىچ، ئېغىر-بېسىق كۆڭۈلگە ئىگە بولىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ تەلىپى ئۇنچە كۆپ ئەمەس، پەقەت ئابرويپەرەسلىك قىلماي، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەي، شۈكۈر قانائەتچان بولسىلا خۇشال ياشىيالايدۇ. كۆڭلى تىنچ، ئېغىر بېسىق ئاياللار مۇلايىم بولىدۇ، ئۆزىگە بېسىم قىلمايدۇ، ئەرگىمۇ بېسىم قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرگە بوشلۇق بېرىدۇ. بۇ خىل ئاياللار ئەرلەرگە ناھايىتى خاتىرجەم قىلىدۇ، ئەركىن ئازادە تۇيغۇ بېرىپ، ئەرلەر ھەر ۋاقىت بىللە ياشاش ئىستىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. ئاقكۆڭۈل ئاياللار
ئاقكۆڭۈل ئاياللار چوڭلارغا ۋاپادار، ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇلىيەتچان، ئۇرۇق تۇغقان، دوستلىرىغا كۆيۈمى بار كېلىدۇ. ئاقكۆڭۈل ئاياللار ئەززەلدىن باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ، بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالمايدۇ، ھەر ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەيدۇ؛ ئاقكۆڭۈل ئاياللار ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق غەلۋە قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئەرلەرنى خالىغانچە بوزەك قىلمايدۇ. بىر ئاقكۆڭۈل ئايال ھەر ۋاقىت ئەرنى ئۆزىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ئەزەلدىن ئۇنىڭ يامان گىپىنى قىلمايدۇ، ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئايال دەل مۇشۇنداق ئايال.
5. نازۇك، نەپىس ئاياللار
نەپىسلىك ئۇچىڭىزدىكى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەردە، ھەشمەتلىك بىزەك بۇيۇملاردا ئەمەس بەلكى ئىچكى دۇنيارىڭىزدا. نازۇك ئاياللار ھېسىياتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ناھايىتى ئىنچكە، ھەممىلا ئىشتا ئەرلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ، ئەرلەرنىلا ئويلايدۇ. نازۇك ئاياللار گۈزەل، قىممەتلىك، ئەرلەرگە نىسبەتەن قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس. نازۇك ئاياللار ھېسىياتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن قورقمايدۇ، بۇنداق ئاياللارنى ئەرلەر ياخشى كۆرىدۇ.
6. زېرەك ئاياللار
زېرەكلىك ئاياللارنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ شۇ ئايالنىڭ زېھنى قۇۋۋەت ۋە تەپەككۇرنىڭ بىر خىل شەكلى. زېرەك ئاياللار ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە بىلىمىدىن مەغرۇرلانمايدۇ، بەەلكى تەربىيلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، زېرەك ئاياللار قانداق دوستنىڭ ئالاقە قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، قانداق كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. زېرەك ئاياللار كىشلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ، ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.
7. كەڭ قورساق ئاياللار
كەڭ قورساق ئايال باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىچىگە سىغدۇرالايدىغان، ھەر قانداق ئىشنى كۆڭلىگە ئېلىپ ئولتۇرمايدۇ. كەڭ قورساق ئاياللار باشقا كىشلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالمايدۇ، كۆڭلى ئارزار يېگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ، كەڭ قورساق ئاياللار ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ باشقىلارغا تۇتقان ياخشى مۇئامىلىسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، پەقەت باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان ياخشى مۇئامىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىر كەڭ قورساق ئايال ئەرنى ئازادىلىككە، خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئەرلەر بۇ خىل ئايالنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.
8. سەمىمىي ئاياللار
باشقىلارغا سمىمىي مۇئامىلىدە بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ، سەمىمىي ئاياللارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ تەربىيلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. دوستلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ. بىر سەمىمىي ئايالغا ئېرشكەن ئەر، بۇ ئايالنى بىر ئۆمۈر ئاسىرايدۇ ھەم قەدىرلەيدۇ.
مەنبە: ئۇي دوختۇر سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-08-18 12:30:466665ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە د
2015-12-06 14:00:567876چۈنكى بىز ئايال
2015-12-12 12:17:491957بۇ دەل ئاياللار ئارزۇلايدىغان تۇرمۇش
2015-11-12 15:18:382311ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشل
2015-12-19 16:39:016596يۈزىڭىزدىكى 10 خىل قورۇق بەدىنىڭىزنىڭ بۇ كېسەللى
2015-08-10 14:03:282590ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بې
2015-11-29 14:55:521317تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
2015-08-18 12:11:491834
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-