ئاياللار قانچە چىرايلىق بولسا جىنسىي ھەۋىسى شۇنچە سۇس بولامدۇ؟
-
ئاياللار قانچە چىرايلىق بولسا جىنسىي ھەۋىسى شۇنچە سۇس بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 4971 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھەۋىسى سۇس بولۇش، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى. لېكىن بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، چىرايلىق ئاياللارنىڭ ھەۋىسى ئادەتتىكى ئاياللاردىن سۇس بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىنىش ئادەتتىكى ئاياللاردىن 24 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا قاتتىق ھەيران قېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن ئەرلەرمۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك گۇمانىي نەزەردە قارايدۇ. ئەجىبا قانچە چىرايىلىق بولسا شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ؟
1. جىنسىي پاراكەندىچىلىك كۆپ بولۇش
چىرايلىق ئاياللار ھەمىشە باشقىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم پەس ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارنى كۆرسىلا خۇددى ئاچ قالغان ئىتتەك ئۇلارغا ھەر خىل گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ ياكى بولمىغۇر قىلىقلار ئارقىلىق ئاياللارنى سەسكەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا چىرايلىق ئاياللاردا پىسخىكىلىق بېسىم پەيدا بولىدۇ-دە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، چىرايلىق ئاياللاردا يات جىنىستىكىلەرنى كۆرسىلا سەسكىنىش كەيپىياتى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇزاق مۇددەتلىك پىسخىكىلىق كەيپىيات تەدرىجىي ھالدا ئادەتكە ئايلىنىپ، كېيىنكى كۈنلۈكتە چىرايلىق ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ يولدىشىغا نىسبەتەن بىلىپ-بىلمەي يىرگىنىش تۇيغۇسىدا بولۇپ قالىدۇ.
دەل يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، چىرايلىق ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ نىسبەتەن سۇس بولۇشى مۇمكىن.
2. ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ توي قىلىش يېشى بارغانچە چوڭىيىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ دەۋرىدە، جىنسىي بىلىمنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، قىزلارنىڭ تۇرمۇشتا ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ھامىلىدار بولۇپ قېلىش بولىدۇ.
بولۇپمۇ چىرايلىق قىزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەتكە كەلگەندە، ھەر خىل ئەنسىرەش پىسخىكىسىنىڭ نەتىجىسىدە پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە كىرىشەلمەيدۇ-دە، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ-دە، ئاخىرى بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان قىزىقىشىدىن قېلىشقا يۈزلىنىپ، ئاخىرى جىنسىي ھەۋىسى سۇس بولۇشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
3. مۇھەببەتنىڭ كەمچىل بولۇشى
پۇل ھەممىگە «قادىر» بولىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، چىرايلىق ئاياللار ئاسانلا ماددىيلىقنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ-دە، ھەمىشە ئۆزى خالاپ ياكى مەجبۇرىلىنىپ قېلىش بىلەن ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئەرلەر بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ. مۇھەببەت ئاساسى ئاجىز بولغان جىنسىي تۇرمۇش ھامان مەلۇم مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا جىنسىي ھەۋىسى سۇسلىشىش كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇلارنىڭ يۈزى، قىسمەنلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن. كۆپچىلىك بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى پىسخىكىلىق ئامىللار سەۋەبلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقىي جىنسىي ھەۋەس سۇسلىشىشنىڭ فىزىئولوگىيەلىك سەۋەبى قانداق بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسى، ئىشتىھاسى قاتارلىقلارنى تەڭشەيدىغىنى ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاياللارنىڭ جىنسىي بېزى ئۈچ خىل ھورمۇن ئاجىرىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار: ئېستروگېن (ئانىلىق ھورمۇنى)، ئاندروگېن (ئەرلىك ھورمۇنى) ۋە پروگېستىن (ھامىلىدارلىق ھورمۇنى)دىن ئىبارەت. (دىققەت: ئاياللارمۇ ئاندروگېن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ!)
ئېستروگېن بەدەندىكى ماي مىقدارىنى كۈچەيتىپ، ئادەمدە ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ئېستروگېن يەنە «گۈزەللىك ھورمۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېستروگېن ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۆپ بولغان ئاياللار ئومۇمەن تېرىسى سىلىق، تۈك تۆشۈكچىلىرى ئىنچىكە، كۆكسى تولغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر.
ئاندروگېن مۇسكۇللارنىڭ ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئادەمگە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاتا قىلىپ، جىنسىي، جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاندروگېننىڭ ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئاياللاردا جىنسىي ھەۋەسنىڭ بولۇشى دەل تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ئاز مىقداردىكى ئاندروگېننىڭ سەۋەبىدىندۇر.
ئاياللارنىڭ ئېستروگېن ۋە ئاندروگېن ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئاياللار فىزىئولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ بىر ھالقىسى بولۇپ، ئادروگېننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئاز بولغاندا، ئېستروگېننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى تەبئىي ھالدا كۆپ بولىدۇ-دە، ئاياللارنىڭ تېرىسى سىلىق، كۆكسى تولۇپ تەبئىيلا گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ئەمما دائىم جىسمانىي كۈچىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبلىك، بىرەر سائەت يول ماڭسىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماس بولۇپ قالغاندا، بىر قىسىم تاشقى ئامىللارنى ئويلىشىش بىلەن بىرگە، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاندورگېن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن ياكى ئەمەسلىكىنى، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەرتىپسىزلەنگەن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈتۈپ كۆرۈشى كېرەك.
-------------------
ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى جىنسىي ھەۋىسى سۇس بولسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ بىز يەنىلا ئىشەنچلىك، ئۈنۈمى ياخشى بولغان خانزادىلەر گۆھىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىشىنىمىزگە خانزادىلەر گۆھىرى تۇرمۇشىڭىزغا يېڭىچە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6598750-0991 ياكى ئۈندىدار نومۇرى: parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغر
2016-01-16 14:36:462006ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇ
2015-08-06 01:45:563759نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113019ئاياللار ئۇچۇق كىيىنسە ئەرلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتكە
2015-11-01 00:51:5111280زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
2014-11-16 14:16:493523ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇ
2015-10-25 11:49:321935ئاياللار ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ
8757سائەت ئىلگىرى719قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
2015-11-08 22:22:391746
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-