ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

دىنىي ساھەسىدىكىلەر «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» سەپسەتىسىگە رەددىيە بەردى

ۋاقتى : 2014-06-05  مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140605011828727.jpg

ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹<قۇرئان كەرىم>دە مۇنداق بايان قىلىنغان: كىمىكى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ؛ كىمىكى، بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە(قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ، ئىسلام دىنىدا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىپ، ئاللانىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ››. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەچچە دىنىي زات 4 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە ‹‹22 – ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەم كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىردى.

    شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا، 70 نەچچە دىنىي زات ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – ئەھكامى بويىچە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ۋاراقلىغاچ، ئىخلاس بىلەن دۇئا – تىلاۋەتنى باشلىدى. دىنىي زاتلار ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ھەدىس›› قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە بەدنىيەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئايەت، ھەدىسلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئاتالمىش ‹‹غازات››نى تەشۋىق قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىققا قۇترىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن يات قەۋملەر ئارىسىدا ئۆچ – ئاداۋەت تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان يامان غەرىزىنى ئېچىپ تاشلىدى.

    مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ جايدا ھەر بىر سۆز ئاللاغا، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››كە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن تىلغا ئېلىندى. كۆپچىلىكنىڭ يۇمىلاق ھالەتتە چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىمۇ ئىتتىپاقلىق مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئەيىبلەش چاقىرىقىغا كۈچلۈك ھەققانىيەت كۈچى مۇجەسسەملەندى.

    ئەيىبلەش، پاش قىلىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا ئالدى بىلەن سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: ‹‹زوراۋان – تېررورچىلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈپ، ھەم قانۇننى دەپسەندە قىلدى، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنى ياخش ئىش قىلىشقا ئۈندەش، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىمىزدىكىلەرنى، بالا – چاقىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللا تائالا <قۇرئان كەرىم>دە مۇنداق دېگەن: <ئى مۆمىنلەر، ئۆزۈڭلەرنى، بالا – چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار> (سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت)››.

    ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ مەخلۇقاتلىرى، ئاللانىڭ بەندىلىرى. باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈش ھەرگىزمۇ بىر ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس. بۇنداق قىلمىش ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلارنى پەقەت دوزاخقىلا باشلاپ بارىدۇ، دېدى مۆھتەرەم شىرىپ داموللا ئېنىق قىلىپ، ‹‹22 – ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ جانلارغا رەھىمسىزلەرچە زامىن بولغان ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە – ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى، دوستانىلىقنى تەشەببۇس قىلىش روھىدىن چەتنەپ كەتتى. شۇڭا، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

    ‹‹(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار، (بىر يامانلىقنى قىلسا)، قىلغان يامانلىقىغا ئوخشاش(يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ››. جارۇللا قۇربان داموللا ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى سۈرە يۇنۇسنىڭ 27 – ئايىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە بەردى. ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايانلىرىدىن مۇنداق دەلىل كەلتۈردى: ‹‹سىلەر دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئاشقۇنلۇق قىلغانلىقتىن ھالاك بولۇپ كەتكەن››.

    ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللا داموللا مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق شەرھلىدى: ‹‹دوزاخ››تا ‹‹ئوتتىن قىلىنغان كەش كىيىش››، ‹‹ئوتتىن بولغان كۆرپە – سېلىنچا يېپىنىش›› ۋە ‹‹ئوت بىلەن جازالاش›› قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك جازا بار، پانىي دۇنيادا گۇناھ ئۆتكۈزگەن گۇناھكارلار ئاخىرەتتە ‹‹كىشەن›› سېلىنىپ، ‹‹دوزاخ››قا تاشلىنىدۇ.

    نوپۇزلۇق يەتتە دىنىي زات ئايرىم – ئايرىم پىكىر بايان قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس بايانلار ئاساسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئاشقۇنلۇق قىلمايدىغان دىن. ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىمىزنىڭ توغرا يولىدۇر.

    ئاخىرىدا، 70 نەچچە دىنىي زات بىرلىكتە مۇنداق دۇئا قىلدى: ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ، روناق تاپسۇن، دۆلىتىمىز ئاسايىشلىق، خەلق بەخت – سائادەتلىك بولغاي، ئامىن!››، ‹‹ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، جەمئىيەت مۇقىم بولغاي، ئامىن!››.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن ئېلىندى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا