شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 3-ئاپرېل، ۋېيتنامنىڭ مىنخوئا رايونىدىكى ئورمان، ئورمان ئاسراش خادىملىرى بىلەن شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئۆلتۈرۈلگەن پىلنى چۆرىدىگەن ھالدا تۇرماقتا، بۇ پىلنىڭ تېرىسى سويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىل چىشى، قۇيرۇقى ۋە قۇلىقى كېسىۋېلىنغان ئىدى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پىلنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن تۆت توننا كېلىدىغان بولۇپ، شۇ بىر-ئىككى كۈننىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 31-ئىيۇل ھىندونېزىيە ياچى شەھىرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدىكى بېلىق قانىتى. خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيە بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى ئاكولادىكى ئەڭ كۆپ ئوۋلايدىغان دۆلەت ئىكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: ئارتۇقچە ئوۋلاش ئاكولانىڭ سانىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاپرېل، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلۇگ دۆلەت باغچىسى، بىر كەركىدان ئوغرىلىقچە ئۆلتۈرۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقىدا كەركىداننى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ، 2013-يىلى 203 كەركىدان ئۆلتۈرۈلۈپ، 60 جىنايەتچى قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 36 جىنايەتچى كېلۇگ باغچىسىدا قولغا ئېلىنغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 19-مارت، كانادانىڭ ماگېدالېن تاقىم ئارىلىدا دېڭىز يىلپىزى قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 30-ئاپرېل، كەپېتاكاندىكى يىلان قۇشخانىسىدا ئىشچىلار يىلانلارنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتماقتا. نۇرغۇنلىغان ھىندونېزىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يىلان گۆشى تېرە كېسىلى ۋە زىلقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىپ، تېرىسى بولسا تېرە بۇيۇملىرى زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلىدىكەن.