ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پاش بولدى

ۋاقتى : 2014-01-27  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ 48 سائەت رازۋېدكا قىلىشى ئارقىسىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىنغان. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن پارتىلىتىش دېلوسىنىڭ تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن بۇيان، ئىبراھىم قاھار باشقىلارنى توپلاپ قانۇنسىز دىنى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ئۆزى باشچىلىقىدىكى 17 كىشىلىك زوراۋانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلار ئىجارىگە ئالغان ئۆي ئىچىدە پارتلاتقۇچ ياسىغان. 24-يانۋار، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى پارتلاتقۇچنى ئېلىپ، ئۈچ موتسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، دېلو سادىر بولغان يەرگە زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا بارغان.

 دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال ساقچى چىقىرىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك  ئالدىنى ئالغان. ھەر مىللەت ئاممىسى پائال يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، دېلو تېز  پاش بولغان.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا