ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

جەنۇبىي ئافرىقا چوڭ سايلىمىدا «مەھبۇسلار پارتىيىسى»مۇ ئوتتۇرىغا چىقتى

ۋاقتى : 2014-02-03  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پرېتورىيە 2-فېۋرال تېلگىراممىسى. جەنۇبىي ئافرىقا بۇ يىل پارلامېنت ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، گەرچە سايلام ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ھەرقايسى پارتىيەلەر يەڭنى تۈرۈپ تەييار بولۇشتى، ھەتتا «مەھبۇس پارتىيەسى»، قارا گۇرۇھ پارتىيىسى قاتارلىقلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئافرىقىلىقلار خەلق مەجلىسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مامپېلا.رامفېلېم (Mamphela Ramphele)مۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەمدە قىزىل بولاق بەردى.
ئىلگىرىكى قائىدە بويىنچە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ چوڭ سايلىمى بۇ يىل ئاپرېلدىن مايغىچە ئۆتكۈزىلىشى كېرەك، زۇما ئافرىقىلىقلار خەلق مەجلىسى پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تىرىشىشى مۇمكىن. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، زۇما جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بارلىق جۇڭگولۇقلار ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلارغا چاغانلىق تىلەك تىلەپ، ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئات يىلىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، زەبەردەست تۇلپارنىڭ جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە، ئاق تەنلىكلەرنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك ئىتتىپاقمۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يانۋارنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قۇرلۇش پارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، ھەمدە، جەنۇبىي ئافرىقا قۇرلۇش پارتىيىسىنىڭ قارا تەنلىك پارتىيە باشلىقى رامفېلېمنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىپ، زۇمانى ئۆرىمەكچى بولدى. رامفېلېم «100 نەپەر ئەڭ ئۇلۇغ جەنۇبىي ئافرىقىلىق»نىڭ ئىچىدە 55-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ «دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى» دىگەن نامى بولغاندىن سىرىت، ئۇ يەنە داڭلىق يازغۇچى، ئىجتىمائى پائالىيەتچى، ئۇتۇق قازانغان ئىقتىدارلىق سودىگەر.
گەرچە دېمۇكراتىك ئىتتىپاق بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ئۆزگىرىشچانلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن رامفېلېم يەنىلا سايلام رىقابىتى سەپىرىنى باشلىدى، ھەمدە بىرىنچى بېكەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ پائالىيىتىنى تاللىدى. 2-فېۋرال، رامفېلېم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو بۇددا دىنى بۇتخانىسى ئۆتكۈزگەن يېڭى يىللىق تىلەك تىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قىزىل بولاق تارقاتتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئۇ ۋە ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىز غەلبە قىلىمىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ، قوللىغۇچىلىرىغا مەدەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە بارلىق جۇڭگولۇقلارغا يېڭى يىللىق تىلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئات يىلىنىڭ خەيرىلىك، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن» دىدى.
ئافرىقىلىقلار خەلق مەجلىسى بىلەن دېمۇكراتىك ئىتتىپاق تىغمۇ-تىغ تىركەشتى، باشقا بىر قىسىم پارتىيەلەرمۇ كەينىدە قالماي، بەس-بەستە سايلام رىقابىتىنى قانات يايدۇرۇش، نۇپۇزىنى تىكلەش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. جەنۇبىي ئافرىقا «كەندىر پارتىيىسى» ئىلگىرى ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ساقچى تارماقلىرىغا قايىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، قارا گۇرۇھ ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى»مۇ، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىنچە ئامانلىق ئىشلىرى ئەڭ ياخشى بولغان غەربىي كاپې ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر ئۆلكىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان دېمۇكراتلار ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ يولىدىكى بۇ «كۆزگە قادالغان مىغ» ۋە «توسالغۇ»نى يۇلۇپ تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى.
جەنۇبىي ئافرىقا بولسا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى دۆلەت، نۇرغۇن ياشلار ئىلگىرى تۈرمىگە كىرگەن ياكى ھازىر جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇلار بىر مۇھىم سىياسىي كۈچ. يېڭىدىن قۇرۇلغان «مەھبۇس پارتىيىسى»مۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنىڭ تەييارلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. مەزكۇر پارتىيە مەھبۇسلاردىن تەشكىللەنگەن، پارتىيە گرىبىغا ئاچقۇچ، كويزىلاپ قويۇلغان بىر جۈپ قول ھەمدە چېقىپ ئۆزىۋېتىلگەن كىشەن قاتارلىق ئامىللار كىرگۈزۈلگەن، يەنە تېخى «بىز مەھبۇس» دىگەن شۇئارمۇ يېزىلغان. مەزكۇر پارتىيە، ئىلگىرى تۈرمىدە 27 يىل ياتقان ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيەدىنمۇ مەھبۇس زۇڭتۇڭنىڭ چىقىشىغا ئۈمىد باغلىغان، شۇڭا ئۇلار بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. لېكىن، ئۇلار تۇنجى مەھبۇسلار پارتىيىسى ئەمەس، 2010-يىلى قۇرۇلغان «ئۆزگەرتىش ۋە خەلق ھوقۇقى» پارتىيسى بولسا مەھبۇسلارغا يۈزلەنگەن سىياسىي پارتىيە، مەزكۇر پارتىيەمۇ پات يېقىندا ئۆتكۈزىلىدىغان جەنۇبىي ئافرىقا چوڭ سايلىمىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.
بىرەيلەن «مەھبۇس پارتىيىسى»نىڭ خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن چاقچاق قىلىپ سۆز قالدۇرۇپ: «ئەگەر سىلەرنىڭ پارتىيەگە كىرمەكچى بولسام، ئاۋال جىنايەت ئۆتكۈزىشىم كېرەكمۇ قانداق، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پۇرسەت بولامدۇ؟» دېگەن، يەنە بەزى كىشىلەر مەھبۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن نارازى بولغان، جونىي.كورد ئىسىملىك بىر ياش تەئەججۇپ بىلەن: «ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى بار بولدى، ئەگەر يەنە تەخىتكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھالى قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇلارنىڭ تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بارلىق مەھبۇسلارغا ئۇمۇمىي كەچۈرۈم چىقىرىش بولمامدۇ؟» جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇ خىل سىياسىي مالىمانچىلىققا قارىتا، بىرەيلەن باھا بېرىپ مۇنداق دىگەن: «جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دېمۇكىراتىيەنىڭ بىر ياخشى يېرى، ھەرقانداق ئادەم خالىغانچە خىيال قىلىۋېرىدۇ، ھەمدە بۇ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن، بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، مەن سىلەرگە بېلەت تاشلىمايمەن.»

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا