ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تايلاند چوڭ سايلىمىدا يىڭلۇك سايلام بېلىتىنى خاتا تاشلاپ قويدى

ۋاقتى : 2014-02-03  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگو ئاخبارات تورى 3 – فېۋرال تېلېگراممىسى  تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتا پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە تۆۋەن پالاتا سايلىمى شۇ جاي ۋاقتى 2 – چىسلا ئۆتكۈزۈلدى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ زوڭلىسى يىڭلۇك شۇ كۈنى سايلامدا بېلەت تاشلىغان، نەتىجىدە بىر قىزىقارلىق ئىش بولغان: خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، سايلام رايونى بېلىتى ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بېلىتىنى بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى ساندۇققا تاشلىغان. يىڭلۇك بىردەمدىن كېيىن ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان. تايلاند سايلام كومىتېتى يىڭلۇك تاشلىغان بېلەت كۈچكە ئىگە، بېلەت ھېسابلىغان ۋاقىتتا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان.
شۇ جاي ۋاقتى 2 – چىسلا ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن 10 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، يىڭلۇك Klong Lamchiakمەكتىپىدىكى بېلەت تاشلاش ئورنىغا بېرىپ، سايلام بېلىتى تاشلاپ، پۈتكۈل سايلىغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.
بىراق تاراتقۇلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان، يىڭلۇكنىڭ بېلەت تاشلىغان سۈرىتى ۋە سىن لېنتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يىڭلۇك جۈزىرەڭ بېلەتنى يەنى سىياسىي پارتىيەلەر سايلام بېلىتىنى سايلام رايونى بېلەت ساندۇقىغا تاشلىغان، سۆسۈن رەڭلىك سايلام رايونى بېلىتىنى بولسا سىياسىي پارتىيەلەر بېلىتىنى تاشلاش ساندۇقىغا تاشلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىڭلۇك بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ خاتالىقىنى سايلام ھەيئىتىگە مەلۇم قىلغان. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى Phongthep Thepkanjanaمۇنداق دېدى، ئۇ بېلەت تاشلىغان چاتۇچاك بېلەت تاشلاش ئورنىدىمۇ ئاشۇنداق ئوخشاش خاتالىق سادىر بولغان.
تايلاند پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ سايلىمى شۇ جاي ۋاقتى 2 – چىسلا ئەتىگەن سائەت سەككىزدە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئاخىرلاشتى. پۈتكۈل بېلەت تاشلاش جەريانى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق بولدى. باڭكوك ۋە تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم سايلام رايونلىرىدىكى قىسمەن بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىدا نامايىشچىلا تولا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىپ، بېلەت تاشلاش خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بېرىشقا ئامال بولمىدى، بىراق بۇ سايلام رايونلىرىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. تايلاند سايلام كومىتېتى بېلەت تاشلاش ئاياقلاشقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، ھازىر توپلىغان سايلام بېلەتلىرى تېخى تولۇق، مۇكەممەل بولمىغاچقا، سايلام نەتىجىسىنى ھازىرچە جاكارلىغىلى بولمايدۇ.
 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا