نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 810 قېتىم كۈرۈلدى
خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى ئىككىنچى سودا كۈنىدە يېڭى تارىخىي رېكورت ياراتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى:مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتىگە قارىتا تەشۋىشىنىڭ كۈچىيىپ بېرىش شۇنداقلا يەر شارى پاي چېكى بازىرىنىڭ ھالسىزلىنىش تەسىرىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن،نىيۇ يورك تاۋار سودىسىدا ئالتۇن باھاسى 3-ئاۋغۇست ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ،يېڭى رېكورت ياراتتى.
شۇ كۈنى،سودا برژېسى قارمىقىدىكى قەرەللىك مال بازىرىدا 12-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 21.8 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ،بازار 1666.4 ئامېرىكا دوللىرىدا يېپىلىپ،٪1.3 ئۆسكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 1675.9 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي رېكورتنىمۇ ياراتقان.
ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش شىركىتىنىڭ 3-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،7-ئايدا ئامېرىكا خۇسۇسى تىجارەت تارماقلىرى 114 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتكەن.بۇ سان 6-ئايغا قارىغاندا سەل ئازىيىپ،ئۆتكەنكى 6 ئايلىق ئوتتۇرىچە سەۋىيىگە يېقىنلاشقان.ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ ئەمما ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى،بۇ ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ-دەپ كۆرسەتتى.
 بۇ دوكلاتتا گەرچە نىيۇيورك پاي چېكى بازىرىدا قايتا ئۆسۈش كۆرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ،لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كۆزلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمەسلىكى،ياۋروپا قەرز كرىزىسىنىڭ ئۇزىرىشى تەسىرىدە،بازاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.ئاسىيا،ياۋروپا پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى كۆرۈنەرلىك چۈشتى.مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلىغىنى قىممىتى بار ئالتۇن ۋە ئاكسىيە بازارلىرىغا يۆتكىدى.
شۇ كۈنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئايرىۋاشلىنىش قىممىتىمۇ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ،مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇنغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى.
 شۇ كۈنى 9-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ باھاسى 1.666 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ،بازار 41.758 ئامېرىكا دوللىرىدا يېپىلىپ،٪4.2 ئۆسكەن.10-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان ئاق ئالتۇننىڭ باھاسى 8.5 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ،بازار 1785 ئامېرىكا دوللىرىدا يېپىلىپ،باھا ٪0.5 چۈشكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش