نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 784 قېتىم كۈرۈلدى
يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى گۈزەل ‹‹روژدېستۋو كۆپۈكى››
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :
 

   يېقىندا ، ئامېرىكا خۇببىل بوشلۇق تېلېسكوپى (Hubble Space Telescope) يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى گۈزەل ‹‹روژدېستۋو كۆپۈكى›› (Christmas bubble) نى سۈرەتكە تارتقان ، بۇ ‹‹كۆپۈك›› 400 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن سۇپېرنوۋا (ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز) پارتلىشىنىڭ قالدۇقلىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، بىر نەپىس ‹‹قاپ›› قا ئوخشاش بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ‹‹كۆپۈك›› بىزگە يېقىن يۇلتۇزلار سىستېمىسى ـــــ چوڭ ماگېللان تۇمانى (Large Magellanic Cloud) دىكى بىر ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاۋاتقاندا چىققان سوقما دولقۇن (زەربە دولقۇنى) ۋە ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلار بولۇپ ، چوڭ ماگېللان تۇمانىنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 160 مىڭ نۇر يىلى كېلىدىكەن . ئالىملار بۇ ‹‹كۆپۈك›› يەل چەمبىرىكىگە ‹‹SNR B0509-67.5›› دەپ نام بەرگەن ھەم قىسقارتىپ ‹‹SNR 0509›› دەپ خاتىرىلىگەن . ئىگىلىنىشىچە ، كۆپۈكسىمان بۇ يەل چەمبىرىكىنىڭ دىيامېتىرى 23 نۇر يىلى بولۇپ ، ھازىر ھەر سائىتىگە 11 مىليون كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تېزلىكتە كېڭىيىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇببىل بوشلۇق تېلېسكوپى ‹‹كۆپۈك ›› نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدىكى سۈرەتلىرىنى تارتىۋالغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش