نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 997 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما يانفونى قانداق قېلىپ يانفون بازىرىدىكى چوڭ پايدىنى «تارتىۋالدى»
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.kejixun.com

 

سەيدى تورى 7- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى خەۋىرى، بايلىق ژورنىلى مەلۇماتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن، يېقىندا بايان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل 2- پەسىلدە پۈتۈن يەر شارى يانفون بازىدا، ئالما iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى بازار ئومۇمى سېتىلىش مىقدارىنىڭ %5.6 نى ئېگەللىگەن، ئەمما پايدىسى بازار ئومۇمى پايدىسىنىڭ %66.3 نى ئېگەللىگەن. يېقىنقى بىر يىلىدىن ئىلگىرى، ئالما يانفونىنىڭ پۈتۈن يەر شارى يانفون بازىرىدىكى سانى %3 بولۇپ، ئەمما ئىگەللىگەن پايدا نىسبىتى %39 ئىكەن. بۇخىل ۋەزىيەت ئالما يانفوننىڭ بازار رىقابىتىگە قارىتا «ياخشى بىشارەت» ئەمەس. بۇخىل «تەڭپۇڭسىزلىق» ئۆزلۈكسىز يامانلىشىشقا قاراپ ماڭدى.
بازار تەتقىقات ئورگانلىرى Asymco نىڭ 2011- يىلى بىرىنچى پەسىللىك پۈتۈن يەر شارى يانفون بازارلىرىدىكى سېتىلىش ئومۇمى مىقدارىنىڭ %5.6، ئەمما پۈتۈن بازاردا ئىگەللىگەن پايدىسىنىڭ %55 ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىققان.
بازار تەتقىقات ئورگانلىرى IDC بايان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە ئالما يانفونى پۈتۈن يەر شارى يانفۇن بازىرىنىڭ 2/3 پايدىسىنى تارتىۋېلىشقا تاسلا قالغان. ئەمما سېتىلىش مىقدارى پەقەت %5.6 بولۇپ، دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ سان پۈتۈن يەر شارى يانفۇن بازىرى نوختىسىدىن ئييتىلغان بۇلۇپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرى ياكى ئامېرىكا يانفون بازىرىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خەۋەر يانفۇن بازىرىدىكى ئوتتىرىدىن پايدا ئالىدىغان باشقا كىشىلەرگە نىسپەتەن «قىزىقارلىق» خەۋەر ئەمەس. ئىگەللىنىشىچە، سەككىز چوڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ئىچىدىكى نوكىيا، موتۇرۇلا، سونى ۋە LG ئالدىنقى پەسىلدە «زەئىپلىشىش» ھالىتىدە ئىكەن.
بازار تەكشۈرۈش شىرىكىتى Strategy Analytics بايان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، سەنشىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونىنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %520 ئاشقان. ئەمما سەنشىڭ يانفونىنىڭ بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلىلىك پايدىسى يانفون بازىرى ئومۇمى پايدىسىنىڭ %15 تىنى ئىگەللىگەن، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى %21 دىن تۆۋەنلەپ كەتكەن.
گەرچە نۆۋەتتە ئالما يانفونىنىڭ پايدىسى پۈتۈن يانفۇن بازىرىدىكى ئومۇمى پايدىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى 66.3% بولسىمۇ، ئەمما سېتىلىش مىقدارى %5.6 نى ئىگەللىگەن، بۇ ئالما يانفنىنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ تەرەققى قىلىش بوشلىقىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالما يانفونى ئەزەلدىن «يۇقىرى ئېلىكتىر سىغىملىق باغلىنىش» دەپ قارىلىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئالىدىغان پايدىسى شۇڭا بىرقەدەر يۇقىرى بولغان.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش