نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 754 قېتىم كۈرۈلدى
ۋېنسۇئىلانىڭ نېفىت زاپسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئېشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -22
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

www.alhux.com

 

شىياڭگاڭ ۋېنخۇي گېزىتى تورىنىڭ 22-ئىيۇل خەۋىرى: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنسۇئىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئېشىپ يەر شارى نېفىت زاپىسى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ قالغان. بىراق تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنسۇئىلانىڭ نېفىتىدا ئېغىر ماي مىقدارى بولغاچقا، پەقەت «قەغەز ئۈستىدىكى سان» ئىكەن، خام نېفىت بازىرى ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خام نېفىت چوڭ دۆلىتى بولۇش ئورنىغا تەھدىت سالالمايدىكەن.
OPEC ئالدىنقى ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىپ، ۋېنسۇئىلانىڭ خام نېفىت زاپىسىنىڭ 296 مىليارد 500 مىليون تۇڭغا يېتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 264 مىليارد 500 مىليون تۇڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېنسۇئىلانىڭ ئېغىر ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، چەككىلەپ ئايرىش قىيىن، قىممەت، كانادانىڭ نېفىت قۇمى، ئامېرىكىنىڭ سلانېتس نېفىتىغا ئوخشاش «دەرىجىدىن تاشقىرى» خام نېفىتقا تەۋە بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ رەسىمىي نېفىت زاپىسى ھېسابلانمايدىكەن.
ئامېرىكا ماسساچۇستىس ئىسراتىگىيىلىك ئېنىرگىيە ۋە ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى بىلدۈرۈشىچە، يېڭى تەرتىپ نوقۇل «قەغەزدىكى سان» بولۇپ، نېفىت بازىرىغا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن، نېفىت شېركەتلىرى ئېغىر ماي زاپىسىنى سېتىۋالمايدىكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش