نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1075 قېتىم كۈرۈلدى
AC مىلان كوماندىىسى بىلەن ئۇدېنىس كوماندىىسىنىڭ مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

9–يانۋار كەچتە ئېلىپ بېرىلغان ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ 19–ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، AC مىلان كوماندىىسى ئۆز مەيدانى بولغان سان سېرو پۇتبول مەيدانىدا ئۇدېنىس كوماندىىسى ئۇچراشتى . نەتىجىدە ، ئىككى كوماندا 4 دە 4 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .

    مۇسابىقە باشلىنىپ 35 مىنۇت بولغاندا ، ئۇدېنىس كوماندىسىدىكى ئىتالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى دى ناتالې بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۇدېنىس كوماندىسىنى 1 توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى . ئالدىنقى يېرىم مەيداننىڭ قۇشۇپ بېرىلگەن ئاخىرقى بىر مىنۇتىدا ، ئالېكساندېر پاتو  AC مىلان كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى .

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇدېنىس كوماندىسدىكى سانچېس بىلەن دى ناتالې ئارقا ــ ئارقىدىن بىردىن توپ كىرگۈزۈپ ، نەتىجىنى 3 دە 1 گە ئۆزگەرتتى . ھالقىلىق پەيىتتە ، AC مىلان كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئاللېگرى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان سېدوفنىڭ ئورنىغا ، يېڭىدىن AC مىلان كوماندىىسىغا ئالمىشىپ كەلگەن ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى كاسسانونى مەيدانغا چۈشۈردى . مۇسابىقە داۋام قىلىپ 78 مىنۇت بولغاندا ئۇدىنىس كوماندىسىدىكى بېرنادىيا AC مىلان كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرا بېكى تىياگو سېلۋانىڭ تەپكەن توپىنى ئۈسۈپ ، ئۆزىنىڭ ۋراتارسىغا كىرگۈزۈۋەتتى . ئارقىدىنلا تىياگو سېلۋا يەنە ھۇجۇم تەشكىللەپ ، ئۇدىنىس كوماندىسىنىڭ مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ ، كاسسانوغا پاس بەردى ، كاسسانو توپنى ئەپچىللىك بىلەن پاتوغا پاس بەردى ، پاتو بۇ توپنى تېپىپ ۋراتارغا كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتجىسىنى يەنە بىر قېتىم تەڭلاشتۈردى . 

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 89 مىنۇت بولغاندا ئۇدېنىس كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى . نەتىجىدە ئارقىدا قالغان  AC مىلان كوماندىسى ئاڭ ئاخىرقى قوشۇپ بېرىلغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى . ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى ، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا ، ئىبراھىموۋىچ AC مىلان كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر توپ كىرگۈزدى ، نەتىجىدە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى . نۆۋەتتە ، AC مىلان كوماندىسى يىغىلما نومۇردا 40 نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا . 
 



 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش