نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1164 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران كۇرد قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى 3 بارىگاھىنى كونترول قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -18
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

www.alhux.com

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ بىر كوماندىرى 18-ئىيۇل ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا دېيىشىچە، ئىران ئارمىيىسى ئىران كورد قوراللىق تەشكىلاتى «كۇردىستان ئەركىن ھايات پارتىيىسى» ئىراق چېگرىسىغا تەسىس قىلغان 3 بارىگاھىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان.
ئىراننىڭ چېگرا شەھىرى سارداشت (Sardasht) تىكى ئىنقىلابىي قوغدىنى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دىلاۋۇر رانجبارزادەھ گېنرال:«ئىران زېمىنىدىكى تېرورچىلارنى قوللايدىغان تەشكىلاتنىڭ 3 گازارمىسىنى بىزنىڭ قوشۇنلار پۈتۈنلەي ئىگىلىدى، بىز بۇ رايوننى تامامەن كونترول قىلدۇق» دېگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىراق چېگرىسىدا قانات يايدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندا داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش